بېرلىن، بريۇسسېل، لوندون، ئوسلو ۋە ستوكھولم قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2022.12.12

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل، ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇن، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلۇ ۋە شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىم قاتارلىق ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 9-10-دېكابىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» ۋە «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلار ئېلىپ بارغان. 9-دېكابىر كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ۋە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھەرلىرىدە نامايىشلار بولۇپ ئۆتكەنىدى.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا 10-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتلىرى، خوڭكوڭلۇقلار، گېرمانلار، تۈركلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
10-دېكابىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىمۇ زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللام ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» ۋە «خەلق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نى خاتىرىلەش مەقسىدىدە شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش يەرلىك ئاھالىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.
ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندىمۇ 10-دېكابىر كۈنى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. د ئۇ ق لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىش ئەڭىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا باشلىنىپ، لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغىچە داۋاملاشقان. نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تىبەتلەر ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ قاتناشقان.
نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلۇدىكى نامايىش 9-دېكابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان. ئوسلۇدا ياشايدىغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بۇ خۇسۇستا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نامايىش ئوسلۇدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن، نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان.
شىۋېتسىيەدە 10-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان نامايىش پايتەخت سىتوكھولىمدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن قۇربانجان بۇ ھەقتە توختالغاندا، گويا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە قۇربان بولغانلارنىڭ نالىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقاندەك تەسىراتتا بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.