خىتاينىڭ «شىنلاڭ تېخنىكا خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنى چوشقا بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھەققىدە بىر قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويغان. خىتاي تېلېگراف شىركىتى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن تيەنكاڭ چارۋىچىلىق شىركىتى كېلىشىم ئىمزالىغان.
شىنلاڭ تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «4-ئاينىڭ 23-كۈنى كوناشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ تيەنكاڭ چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چەكلىك شىركىتى (تيەنكاڭ ھايۋانات باقمىچىلىقى) ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، يىلىغا 40 مىڭ چوشقا بىلەن يېڭى چوشقا فېرمىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يەتكەندىن كېيىن ھەر يىلى جەمئىيەتنى 40 مىڭ ئەلا سۈپەتلىك چوشقا بىلەن تەمىنلەيدۇ شۇنداقلا قەشقەرنى چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ»
خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەرنى چوشقا گۆشى بازىسى قىلىپ قۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بەرمىگەن. بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلىپ باققان بولساقمۇ بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىلىرى بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، دىنى ئېتىقادىغا قىلىنغان غەرەزلىك ھۇجۇم، دەپ تەنقىدلىمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ چوشقا گۆشى بازىسىنىڭ قەشقەردىكى ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇشى قاتتىق دىققەت قوزغايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مەقسەت خىتاي ئۆلكىلىرىنى چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەش بولغان بولسا ئىدى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭمۇ تەييار باقمىچىلىق مەيدانلىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشچىلىرىمۇ خىتاي. خەۋەردە ئېنىق قىلىپ بۇ بازا قەشقەردىكى چوشقا گۆشى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن قۇرۇلدى، دەپ يېزىلغان. دىققەت قوزغايدىغىنى، قەشقەردىكى خىتاي نوپۇسىدا بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇنچە زور ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، مەن قەشقەردە يىلىغا 40 مىڭ چوشقىنىڭ گۆشىنى يېگۈدەك خىتاي يوق، دەپ قارايمەن. بۇ يېڭى چوشقا فېرمىسى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن. مەن شىنجاڭدىكى بىڭتۇەندە رايوندىكى ئەڭ چوڭ چوشقا فېرمىسى قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىر قانچە يىل ئىلگىرى تارقىتىلغان بىر پارچە خەۋەرنى ئۇچراتتىم. خەۋەردىن قارىغاندا بۇ فېرمىدا يىلدا 6000 چوشقا بېقىلىپتىكەن. بىراق، قەشقەر كوناشەھەردىكى چوشقا بازىسىدا بولسا يىلىغا 40 مىڭ چوشقا بېقىلماقچىكەن. بۇ بىڭتۇۋەندىكى رەقەمنىڭ 7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى 11-ئايدا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايدىكى مۇھىم چوشقا باقمىچىلىق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. شۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلىپ: «رايوننىڭ باقمىچىلىق ئىگىلىكىدىكى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك چوشقا باقمىچىلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ‹مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى› بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. يۇقىرىقى بۇ خەۋەر دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان تۇتقۇنلىرىنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر دۆلەت كادىرلىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «ھالال» يېمەكلىك يېيىشى «ئىككى يۈزلىمچىلىك» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇنچە كۆپ چوشقا گۆشى دەل مۇشۇ سىياسەتكە خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بولۇپمۇ 2017-2018-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلار بار. بولۇپمۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بىر قانچە لاگېر شاھىتلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ قارىغاندا، قەشقەر كوناشەھەرنى چوشقا بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەت پەقەت ۋە پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ‹چوشقا گۆشى يېگۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى رادىكالسىزلاشتۇرۇش ۋە دىنسىزلاشتۇرۇش› تىن ئىبارەت سىياسىتىگە خىزمەت قىلىدۇ.»
ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايتا قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى سانائەت رايونىغا قۇرۇلىدىغان بۇ چوشقا بازىسىنىڭ قۇرۇلۇش كېلىشىمى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، يەنى دەل 2020-يىللىق رامزان ئېيىنىڭ 1-كۈنىگە توغرا كەلتۈرۈلگەن. ئادرىيان زېنز كېلىشىم ئىمزالانغان كۈننىڭ دەل رامازاننىڭ بىرىنچى كۈنىگە توغرا كېلىشىنى تاسادىپىيلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى ئۈچۈن كۈچلۈك چاقىرىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان دۇنياسىغا قىلىنغان بىر ھۇجۇم ئىدى،» دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) نىڭ كومىسسارى گارى باۋئېر رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنىڭ پەقەت بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قولغا ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگىمۇ قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئىدىيەسى، روھى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ئۇنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە سۇيىئىستېمال قىلغانلىقتۇر. بىز خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ بارلىق ھەرقايسى دىنلارنىڭ يولباشچىلىرىنى بۇنداق مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئاسسىمىلىياتسىيەنى ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز،» دېدى.
0:00 / 0:00