ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس بىلەن سۆھبەت
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاچ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشىلىق ئەھۋالىغا تېىخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئاقساراي ئالدىدا ئۈچ كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنى يوقلاپ كەلدى. لاگېر شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن كىرىس سىمىس ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق سالدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىر: زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. سىز نېمە سەۋەبتىن بۈگۈن بۇ يەرگە ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىنى قوللاپ كەلدىڭىز؟
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس: مەن ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ شى جىنپىڭ تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يېقىنلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان سۆيگۈ ۋە جاسارىتىدىن بەكمۇ ھەيران قالدىم. بۇلارنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن كۆرەلەيسىز، ئاۋازىدىن ئاڭلىيالايسىز. ئۇلار شىنجاڭدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلدى.
مۇخبىر: سىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاچارچىلىقتا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەشنى مۇھىم دەپ قارايسىز؟
كىرىس سىمىس: ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ھەر قىسىم يوللىرى بولىدۇ. قىيناش، ئاچارچىلىق شۇلارنىڭ بىرى. كىشىلەرنى قەستەن ئاچارچىلىقتا قويۇش ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار تېرىقچىلىق قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ. مېنىڭ دېىمەكچى بولغىنىم، ستالىن ئىلگىرى ئۇكرائىنالىقلارغا شۇنداق قىلغان. ئەمدى شى جىنپىڭنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.
مۇخبىر: سىز خىتاينىڭ كوۋىد قامالى باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
كىرىس سىمىس: مەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەرخىل يوللار بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلمايمەن. شى جىنپىڭ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلاغا قىلچە رەھىم قىلماسلىق ھەققىدە ئېنىق ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر ئاچ قويۇش ئۇنىڭ پىلانىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىدىغان بىر قورال بولسا، ئۇ چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ.
مۇخبىر: سىزنىڭچە، ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە بايدىن ھۆكۈمېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق قامالىنى ئەيىبلىشى كېرەكمۇ؟
كىرىس سىمىس: شۇنداق، بىز ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلىشىمىز ۋە جەزمەن شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بايدىن تېخى ئالدىنقى كۈنى يۇقۇمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. مېنىڭچە، بايدىننىڭ بۇنداق دېيىشى بىر ئاز غەلىتىلىك. بۇنداق دېگەنلىك، قامالنىڭ زۇلۇم قىلىشتىكى سىياسىي ۋاستە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى بىزنىڭ جىددىي دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك. بۇ زۇلۇم قىلىدىغان بىر ۋاستە. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەر بىر قىلىۋاتقان ئىشى، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
مۇخبىر: ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە بايدىن ھۆكۈمېتى ئاچارچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؟
كىرىس سىمىس: مېنىڭچە، بىز يېقىندا كۈچگە ئىگە قىلىنغان قانۇننى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، ئۇ يەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن ھەرقانداق نەرسىنى كىرگۈزمەسلىكىمىز كېرەك. پەرىزىمىزچە، بۇ مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن، ئەمما بىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ئۆز خەلقىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ سودىدا ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك سالاھىتىنى كىشىلىك ھوقۇق شەرتى ئاساسىدا قايتا ئويلىشىشىمىز كېرەك. مەن كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودىنى قايتا باغلايدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇبادا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە جىددىي ۋە سىجىل بىر تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرمىگەنلا بولسا، ماللىرىنى بۇ يەرگە ئەۋەتسە بولمايدۇ. خىتاي ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت. ئەگەر خىتاي ئامېرىكاغا ماللىرىنى ئېكىسپورت قىلالمىسا ۋە بۇ جەھەتتە توسقۇنلىققا ئۇچرىسا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە قاتتىق بولۇشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقىنى بىز نانسىستلار دەۋرىدىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان بىر ۋەھشىلىك.
مۇخبىر: سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
كىرىس سىمىس: سىزگىمۇ رەھمەت!