لاگېرلار مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنغان Clubhouse (سۆھبەت كۇلۇبى) دېتالى خىتايدا تۇيۇقسىز مودا بولغان

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ 8-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور توساقلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن «سۆھبەت كۇلۇبى» پاراڭلىشىش دېتالى خىتاي ئابونتلىرىدا توساتتىن مودا بولۇپ كەتكەن، چۈنكى ئۇنىڭدا كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭدىكى نامايىش ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقى مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنغان.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دۇنيا بويىچە كەڭ تارقالغان فېسبوك، يۇتۇب، تىۋېتتېر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن بولۇپ، ئۆزلىرىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان چەت ئەل تورلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تاقاپ، غايەت زور «مۇداپىئە تېمى» شەكىللەندۈرگەن. ھالبۇكى، Clubhouse پاراڭلىشىش دېتالى خىتاينىڭ بۇ توساقلىرىدىن ۋاقتىنچە ئۆتۈپ كەتكەن، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئابونتلار بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ خىتايدا تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، خوڭ كوڭ ۋە تەيۋەن ۋەزىيىتى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلەشكەن.

ئاۋازلىق پاراڭلىشىش دېتالى بولغان Clubhouse 2020-يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پەقەت ئالما تېلېفونىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئاندىن سۆھبەتكە قېتىلغىلى بولىدىكەن. ئابونتلار بىر سۆھبەتخانىغا كىرىپ، تېلېفون يىغىنى ئېچىش شەكلىدە بىر-بىرى بىلەن مەلۇم تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن ياكى مۇخبىرلار بىر كىمنى زىيارەت قىلىدىكەن. Clubhouse دېتالى پەقەت ئاۋازنى يەتكۈزۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇ بىر ھەپتىدە قىزىپ كەتكەن سىياسىي مۇھاكىمە سەۋەبىدىن بۇ دېتالغا تەكلىپ قىلىنىش كودىنىڭ باھاسى قاراڭغۇ بازاردا بىراقلا ئۆرلەپ، 46 دوللاردىن 70 دوللارغىچە چىقىپ كەتكەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي مۇخبىرلىرى، ئانالىزچىلار ۋە تىۋېتتىر ئابونتلىرى بۇ دېتالدا تەسىس قىلىنغان بىر سۆھبەتخانىغا كىرىپ، مىڭلىغان خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تەيۋەنلىكلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنى ئاڭلىغان؛ سۆھبەتتە خىتايدا چەكلەنگەن تېما بولغان لاگېرلار مەسىلىسى، خىتاينىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاپ قىيناۋاتقانلىقى، ئاياللار ئۇچرىغان ھەر خىل زۇلۇم، ھەممە يەرنى قاپلىغان نازارەت سىستېمىسى، دېموكراتىيە قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان. خىتايچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر سۆھبەتخانىغا 1000 كىشىدىن 4000 كىشىگىچە ئادەم كىرگەن. چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ سۆھبەتكە قېتىلىپ، خىتاي ئابونتلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىشقان. يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە باشقا خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بۇ سۆھبەتلەرگە قېتىلغان. ئوخشىمىغان رايون ۋە ۋاقىتتا سۆھبەتكە قاتناشقانلار بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، سۆھبەت ۋاقتى بەزىدە 12 سائەتكە يەتكەن.

بۇ سۆھبەتتە خىتايدا ياشاۋاتقان بىر خىتاي پۇقراسى پىكىر بايان قىلىپ، خىتايدا لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئۇنى ناتسىستلار قۇرغان «يىغىۋېلىش لاگېرى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتاشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر خىتايمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى بىلدۈرۈپ، غەربلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئىشەنسىمۇ، بەزى سانلارنىڭ كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇنىڭغا قارشى پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگۈچىلەر، غەزەپتىن ئۆزىنى باسالماي قالغۇچىلار ۋە كۆز يېشى تۆككۈچىلەر بولغان. بۇنىڭغا كۆرە بەزىلىرى باشقا نۇقتىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، زوراۋانلىققا قارشى بىرلىك ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىللىكىنى دەپ خىتاي پۇقرالىرىنى دۈشمەن قىلىۋېلىشنىڭ ئورنى يوقلۇقى ھەققىدە سۆزلىگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋىنرا ئابدۇغېنى بۇ سۆھبەتخانىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئىسپات بېرىپ نۇرغۇن خىتايلارغا ھەقىقەتنى ئاڭلاتقان. ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقلارغا تېخىچە گۇمان بىلەن قارايدىغان خىتايلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ ۋاققىچە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خىتاينى ئەيىبلەپ كەلدىم، ئەگەر پۇرسەتلا بولسا مەن يەنە سۆزلەيمەن، سۈكۈتتە تۇرۇشنى ھەرگىز خالىمايمەن».

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى Clubhouse دېتالى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «Clubhouse گەرچە خىتايدا بىر ھەپتىلىك ئۈمىد ۋە جۇشقۇنلۇق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تىزگىنىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى، خىتاينىڭ تەۋەلىكىدىكى ھەر قانداق نەرسە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ».

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، Clubhouse سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر بۇ دېتال تەرىپىدىن ساقلانمايدىغان بولغاچقا، ئابونتلارنىڭ ئۆز مەخپىيەتلىكىنى قوغدىشىغا پايدىلىق بولغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېقىن تىۋىتتېر ئابونتلىرى بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىپ خىتايغا قارشى سۆزلىگەنلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ھەم سۆزلىرىنى ساقلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەيۋە قىلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، Clubhouse تا ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر ھەپتىلىك ئەركىن مۇنازىرە بىر بولسا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يوچۇق ۋە قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن؛ بىر بولسا بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېلىپ بارغان «ئېچىلىش سايراش ھەرىكىتى» گە ئوخشاش بىر سۇيىقەستى بولۇپ، باشتا كىملەرنىڭ بەك «سايرايدىغانلىقىنى» بىلىپ، ئارقىدىن ئۇلارنى جازالاشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن.

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ئابونتلار خىتاينىڭ تىۋېتتىرغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولغان ۋېيبودا Clubhouse سۆھبەتخانىلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر-بىرىگە كۆپلەپ تارقاتقان بولۇپ، بىر تەگنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 50 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بىر خىتاي ئابونت بۇنى ھەتتا «خىتاينىڭ قايتا ئويغىنىشى» دەپ ئاتىغان. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» 8-فېۋرال مەزكۇر ئەپ دېتالىنىڭ تۇيۇقسىز مودا بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىپ، «ئۇنىڭدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي مۇھاكىمىلەر تۇتۇرۇقسىز، بىر تەرەپلىمە» دەپ جاكارلىغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغان. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئالاقە سۇپىسىنى تاقاپ، خىتايدا قىسقىغىنە داۋاملاشقان سىياسىي مۇھاكىمە ئەركىنلىكىنى ئاياغلاشتۇرغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى Clubhouse سۆھبەتخانىسىنى تاقىۋېتىشتىن ئىلگىرى خىتايدا چەكلەنگەن سەزگۈر تېمىلار 50 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ بولغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردە ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش بېكىنمىچىلىك قىلىشىنىڭ تەسلىكىنى، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن تاشقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ تورىدىن پايدىلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە جازاسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.