خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-مارت بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى «بىمەنىلىك» ۋە «پۈتۈنلەي يالغان» دەپ ئىنكار قىلغان كۈنىنىڭ ئەتىسى يەنى 8-مارت كۈنى، 50 دىن ئارتۇق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق 54 بەتلىك دوكلات ئېلان قىلدى.
CNN خەۋەر ئاگېنتلىقى 9-مارت بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بەردى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دوكلاتتىكى دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ھەر تۈرلۈك باستۇرۇشلىرى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى ھەر بىر ماددىغا خىلاپلىق قىلغان.
ۋاشىنگتوندىكى يېڭى لىنىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (Newlines Institute for Strategy) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار» دېيىلگەن.
رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ دايىمەند دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ CNN خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆزلىگەن سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «توردا ناھايىتى كۆپ ئىشەنچلىك ھۆججەتلەر بار. بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئىچىدە مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىگە يول قويمايۋاتقان لاگېرلارنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە بېرىلگەن بىرىنچى قول گۇۋاھلىقلار بار. لاگېر ساقچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار لاگېرلارغا ئائىت ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتمەسلىكىگە مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇق قىلىنغان. شۇڭا بىز ئاشۇ لاگېرلاردىكى زىيانكەشلىكتىن ئامان قالغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسلاندۇق. بىزدە يەنە خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىققان يۈزگە يېقىن شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بار. يۇقىرىقى ئىككىلا ئەھۋالدىكى گۇۋاھلىق بېرىش شاھىتلار ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن ۋە خەتەرلىك. قولىمىزدىكى تولۇق ئىسپاتلارغا قارىغاندا شاھىتلارنىڭ لاگېر ئېچىدىكى قىيىن-قىستاقلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى بىرى-بىرىگە ئۇيغۇن. شاھىتلار ئېيتقان جىنسى دەپسەندىچىلىك، جىنسىي خورلۇق، كوللېكتىپ جىنسىي تاجاۋۇز قىلىش ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلارمۇ بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا بىز لاگېرنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى شاھىتلارنىڭ بىۋاسىتە گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسلىنىپ ئىسپاتلىدۇق. چۈنكى خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش سىستېمىسى بىز دەۋاتقان رايوندىن چىقىرىۋېتىلگەن.»
خەۋەرگە قارىغاندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بەش خىل ئېنىقلىمىسىنىڭ ھەممىسى دوكلاتتا تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ ئىنىقلىمىدىكى ھەر بىر كونكرېت ماددىغا چۈشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات تەرەپسىز ۋە ئەستايىدىل قىلىنغان ئانالىز ئارقىلىق تەييارلانغان. شۇڭا ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ.»
بېيجىڭ تەرەپ ئىزچىل لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلىپ كەلگەنىدى. خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 4-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبنامىسى ئەسىرنىڭ يالغانچىلىقى، ئۇ خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان» دەپ بايانات بېرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقنى ئىنكار قىلغانىدى.
سابىق كانادا باش تەپتىشى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى ئىرۋېن كوتلىر CNN خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئەگەر ئۇلار بۇنى ‹بىمەنىلىك› دەپ قارىسا، نېمىشقا چەتئەلنىڭ مۇستەقىل، تەرەپسىز خەلقئارالىق تەكشۈرۈش خادىملىرىنى كىرىشكە رۇخسەت قىلمايدۇ؟ نەچچە كۈن ئىلگىرى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىرلىكتە خىتاينى مۇستەقىل، تەرەپسىز تەكشۈرگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى. قارىماققا خىتاي تېخى بۇ تەكشۈرگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئەمەس. ئۆزىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئىنكارچىلىقتۇر.»
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەر تەرەپسىزلىكنى ساقلاپ ھېچقانداق تەكلىپ-پىكىر بەرمىگەن بولسىمۇ، دوكلاتنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى پروفېسسور ئازىم ئىبراھىم بۇ تەتقىقاتنىڭ «ئىنتايىن جىددىي» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئانالىزچىلار «دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ھېسابلىنىدىغان خىتاينىڭ ‹خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر خىلاپلىق قىلىشى› يەرشارىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ»، دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە «ئەگەر بۇ دوكلات دۆلەت رەھبەرلىرىنى قوزغاشقا يەتمىسە، ئۇنداقتا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن يەنە نېمە كېرەك؟» دېگەن سوئالنى قويۇشماقتا.