CNN مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەردىكى زىيارىتى زور ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى سەۋەبىدىن چەتئەللەردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولالماي، تىرىك يېتىملارغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋە سىستېمىلىق زۇلۇمى سەۋەبىدىن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرى يۇرتلىرىغا قايتىپ، بالىلىرىنى بېقىش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر ياقتىن بۇ بالىلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇلار بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان 6 ئائىلىنىڭ ئەھۋالى يورۇتۇلغان بولۇپ، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان مامۇتجان شۇلارنىڭ بىرى. CNN تېلىۋىزىيەسى مۇخبىرلىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن قەشقەرگە بېرىپ، مامۇتجاننىڭ 5 يىلدىن ياقى كۆرۈشەلمىگەن قىزىنى تېپىپ كۆرۈشكەن.

مۇخبىرلار شاڭخەي شەھىرىدىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە قاراپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى ئايرۇپىلان قەشقەرگە يېقىنلاشقاندا ئايروپىلان خادىملىرى بارلىق يولۇچىلاردىن دېرىزە پەردىسىنى تولۇق چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇلار نېمە ئۈچۈن يولۇچىلارنىڭ قەشقەرنى ئاسماندىن كۆرۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

ئەلۋەتتە CNN مۇخبىرلىرى ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ قەشقەرگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ، فورمىلىق ۋە فورمىسىز نۇرغۇن ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىۋالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ بەزى سەزگۈر رايونلارنى سۈرەتكە ئېلىشى چەكلەنگەن. مۇخبىرلار قەشقەرگە بېرىپ ئىككىنچى كۈنى ئاندىن مامۇتجاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ قىزى مۇخلىسە بىلەن كۆرۈشەلىگەن.

مۇخبىرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇخلىسە ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە جىق نەرسە دېسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇ سوئاللارغا ئېھتىياتچانلىق جاۋاب بەرگەن. بىراق مۇخبىرلار «دادىڭىزغا دەيدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا بۇ قىز يىغلاپ كەتكەن ۋە «مەن دادامنى سېغىندىم. ھازىر يېنىمدا ئاپاممۇ يوق، داداممۇ يوق. مەن ئۇلار بىلەن جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن.

مامۇتجان 2015-يىلىدىن بېرى ئىككى بالىسى ۋە ئايالى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقان بولۇپ، شۇ يىلى مامۇتجان مالايسىيادا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا ئايالى مۇھەررەم بىخەستەلىكتىن پاسپورتىنى يىتتۈرۈپ قويغان. مالايسىيادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ پاسپورت تولۇقلاپ بېرىش ئىلتىماسىغا قارىتا خىتايغىلا بېرىشقا بولىدىغان «ئاق پاسپورت» (ساياھەت ھۆججىتى) تارقىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئايالى نورمال ئىش تەرتىپى بويىچە قەشقەرگە قايتىپ يېڭى پاسپورت ئالغان. ئەمما قايتىش ئۈچۈن ئاز-تولا پۇل جەملەپ بولغۇچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن مۇھەررەمنىڭ ھېجاپلىنىشى، «خەتەرلىك دۆلەت» كە بارغانلىقى دېگەندەك بىر قاتار ئاتالمىش «پاكىت» لار سەۋەبىدىن 2017-يىلى لاگېرغا قامالغان.

CNN تېلىۋىزىيەسى مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەرگە قىلغان بۇ مۇھىم زىيارىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىز مامۇتجاننى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان يۈزىنى كۆرمىگەن قىزىنىڭ يۈزىنى كۆرگەندە ۋە يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىنى كۆرگىنىدە، تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە ئازابلانغانلىقىنى ئېيتتى.

مامۇتجاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋىدىيودا قىزىنىڭ قىلغان سۆزىدىن ئۇ ئايالىنىڭ ھېلىھەم لاگېردا ئىكەنلىكىنى تولۇق جەزىملەشتۈرگەن ئىكەن. چۈنكى CNN مۇخبىرلىرى مۇخلىسەدىن «ئاپىڭىز قاچاندىن بېرى لاگېردا؟» دەپ سورىغاندا قىزى دەرھال بۇ سوئالنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بوۋا-مومىسىغا دەيدۇ ۋە ئارقىدىنلا يەنە بىر ئۆيدە بىرىسىنىڭ گۇدۇڭشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. مۇخبىرلار بۇ كىشىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ بۇ زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

CNN مۇخبىرلىرى قەشقەر زىيارىتىدە يەنە كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئائىلىلەرنىڭ بىرى نۆۋەتتە ئىتالىيەدە ياشاۋاتقان ۋە كېچە-كۈندۈز يۇرتى قەشقەردە قالغان 4 پەرزەنتىنىڭ يولىنى كۆزلەۋاتقان مېھرىبان قادىر ۋە ئابلىكىم مەمتىمىننىڭ بالىلىرىنىڭمۇ ئىز-دېرىكىنى قىلغان. مۇخبىرلار بۇ بالىلار سولاپ قويۇلغان «پەيزىۋات ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى» دەپ ئاتالغان بالىلار لاگېرىنى ئىزدەپ تېپىپ بارغان بولسىمۇ، دائىرىلەر مۇخبىرلارنىڭ بۇ بالىلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغان. ئۇلار ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ساقلاش ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، دائىرىلەر ئاران مۇخبىرلارنىڭ بالىلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشىگە يول قويغان. ئۇلار 4 بالىنىڭ بىرى يەھيا بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەن. مۇخبىرلار يەھيادىن «سەن ئاتا-ئاناڭ بىلەن جەم بولۇشنى خالامسەن؟» دەپ سورىغاندا، يەھيا ئاران «شۇنداق» دەپلا جاۋاب بېرەلىگەن. مۇخبىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، يەھيانىڭ گەپ قىلغاندا داۋاملىق يېنىدىكى بىرىگە قاراۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە گەپ قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۇ كىشىنىڭ يەھياغا «سىڭلىم بىلەن ھەركۈنى كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمەن، دە» دېگەنلىكى ئاڭلىنىپ قالغان. خۇددى مۇخلىسەگە ئوخشاشلا يەھيامۇ مۇخبىرلارغا كۆپ نەرسە دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، مۇخبىرلار 8 مىنۇتلۇق سۆھبەتتىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتكەن. كېيىن مۇخبىرلار بالىلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، شۇنداقتىمۇ بۇ بالىلار بىرلىكتە «دادا ئاپا سىلەرنى سېغىندۇق» دېگەن خەتنى تۇتۇپ چۈشكەن رەسىمىنى ئاتا-ئانىسىغا ئەۋەتكەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يۈزلىشىۋاتقان بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇم ھەققىدىكى خەۋىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى. بۇ چارىسىز ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالى ۋىدىيونى كۆرگەن نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنى قاتتىق ئازابلىغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي تەرەپ بولسا پاكىتنى يەنە رەت قىلىدۇ. CNN تېلېۋزىيەسىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى كىرىستىيانا ئامانپور خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا قانداق بىر سىياسىي سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورايدۇ.

خىتاي ئەلچى سۈي تيەنكەي سوئالنىڭ ئۆزىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا CNN تېلېۋىزىيەسىنى ھاقارەتلەيدۇ. ئۇ: «بۇلار ھەممىسى ئويدۇرۇپ چىقىلغان» دەيدۇ. كىرىسىتىيانا ئامانپور دەرھال «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىلمىغان، ئەلچى ئەپەندى» دەيدۇ. ئەمما سۈي تيەنكەي يەنە جاھىللىق بىلەن بارمىقىنى شىلتىپ تۇرۇپ: «CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىر قانچە ئائىلىۋى مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خەۋەر قىلىشى ئەخلاقسىزلىق، بۇ دېگەن ھەقىقىي ئاخباراتچىلىق ئەمەس، بۇ CNN ئۈچۈن بىر بەخىتسىزلىك،» دەيدۇ.

كىرىستىيانا ئامانپور بولسا يۇقىرىدا دىيىلگەنلەرنىڭ پەقەتلا CNN ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئورگانلار، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ۋە باشقا نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ دەۋاتقان گەپلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى «نېمە ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ» دەپ سورايدۇ. سۈي تيەنكەي بولسا ھەردائىم بولغىنىدەك بۇنى رەت قىلىدۇ ۋە ژورنالىستلارنىڭ يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەسلىدە تېرورلۇق بارلىقىنى، ھازىر تېرورلۇق قالمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى يىغىپ دۆلەت قانۇنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىرىستىيانا ئامانپور: «ئەلچى ئەپەندىم، قارىغاندا مەن بۇ يەردە سىزدىن سوئالىمغا جاۋاپ ئالالمايدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سىلەر مۇستەقىل ژورنالىستلارنىڭ رايونغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىڭلار، بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، ئۆزىمىز باھا بېرەيلى» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

مامۇتجان بولسا رادىيومىز ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىگە خىتاب قىلىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىدە قولىدىن كەلگەنچە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قېيىن سوئاللارغا دۇچ كەلگەندە «مۇخبىرلار بېرىپ كۆرسۇن، بىزنىڭ ئىشىكىمىز ئوچۇق، بىزنىڭ يوشۇرىدىغان نەرسىمىز يوق» دېسىمۇ بىراق CNN مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىمۇ ئوخشاش قېيىنچىلىقلارغا، توسالغۇلارغا دۇچار بولۇشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خەلقئارادىن يوشۇرىدىغان جىنايىتى بارلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇپ قالدى.