خەلقئارا ئاخباراتلىرىدىن CNN تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرى، ئىستانبۇلغا يېقىن بىر جايدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە 6 يىلدىن بۇيان ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلالمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئۇچۇر-ئالاقە قىلالمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممسى تارقاتتى.
CNN تېلېۋىزىيە پروگراممىسى 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىستانبۇلدىن 50 كىلومتېر ئۇزاقلىققا جايلاشقان مەزكۇر مەكتەپنى زىيارەت قىلىپ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىرقىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان مۇھەممەد ئابدۇزاھىر ۋە ئابدۇللاھ ئابدۇزاھىر قاتارلىق ئاكا-ئوكا ئوقۇغۇچىلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 2015-يىلىدىن بۇيان ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنى بەك سېغىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر مەكتەپنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپتە 4-سىنىپتىن 8-سىنىپقىچە ئوخشىمىغان سىنىپلاردا دەرس ئوقۇيدىغان 120 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۇلار ھەر كۈنى دۆلەت مەكتەپلىرىگە بېرىپ دەرس ئوقۇيدىكەن ۋە دەرستىن قايتقاندا مەزكۇر مەكتەپنىڭ ياتىقىدا قېلىپ، قوشۇمچە ئۇيغۇر تىلى، مىللىي مەدەنىيەت، ماتىماتكا، ئىنگىلىز ۋە ئەرەب تىلى شۇنداقلا دىنىي دەرسلەرنى ئۆگىنىدىكەن. بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بەزىلىرى دادىسى ياكى ئاپىسى خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا ياكى تۈرمىلىرىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ مەكتەپتىكى 120 نەپەر ئۇقۇغۇچىدىن 20 نەپىرى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، 22 نەپىرى بولسا ئانىسىدىن ياكى دادىسدىن ئايرىلىپ قېلىپ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇلاردىن ھېچ قانداق ئۇچۇر ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مۇھەممەد ئابدۇزاھىر 11 ياش ۋە ئاكىسى ئابدۇللا ئابدۇزاھىر 12 ياش بولۇپ بۇلار كورلىدىن ئىكەن. بۇ ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارنى دادىسى 2015-يىلى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىپ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ۋە ئۇ بالىلارنىڭ ئاپىسى ۋە ئىنىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كورلىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ساقچىلار تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە قامىغان. ئابدۇللاھ ئابدۇزاھىر دادىسى كورلىغا قايتىپ كېتىپ بىر ئايدىن كېيىن يەنى 2015-يىلى ئاپىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئاپىسى ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بالىلىرىنى تۈركىيىدە ئوقۇتقانلىق سەۋەبتىن تۈرمىگە قاماپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئابدۇللاھ ئابدۇزاھىر ئاپىسىنىڭمۇ جازا لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كورلىدىكى ئۇكىلىرىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى ئويلاپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇھەممەد ئابدۇزاھىر دۇنيا جامائىتىگە چاقرىق قىلىپ، ئاتا-ئانسى ۋە ئۇكىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەسەن ئابدۇرېھىم بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ 2016-يىلى خوتەن شەھرىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن 3 يىلدىن بۇيان ئۇچرىشالمىغانلىقىنى ۋە ھېچ قانداق ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئۆزىگە ئوخشاش يەنە نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.