CNN: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى»

0:00 / 0:00

CNN خەۋەر تورى يېقىندا «ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشتىن تەشۋىقات بورىنىغىچە: خىتاينىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالىدە: «خىتاي خەلقئارادا قوزغالغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا جاۋابەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن»، دەپ كۆرسىتىلگەن.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كەڭ ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارالىق بېسىم قاتتىق كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قاتتىق كۈچەيتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ۋىدىيولاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ-ئۇسسۇل ئويناپ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلسا، يەنە بەزىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» نى چاقىرىپ، چەتئەللەردىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىنكار قىلغان. لاگېر شاھىتلىرىنى، شۇنداقلا ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغانلارنى «يالغانچىلىق قىلدى»، دەپ قارىلىغان. بۇلار ئىچىدە ئەينى چاغدا لاگېرغا قامالغان ئاپىسى ۋە ئىنىسى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەن رادىيومىز مۇخبىرى گۈلچېھرە قېيۇممۇ بار. دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى گۈلچېھرەنى 2017-يىلى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان «تېررورلۇق گۇماندارى» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 18-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە: «دەسلەپتە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى بىر قانچە جەسۇر مۇخبىرلار ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا باشلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان»، دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە يەنە، سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى ۋە ئارقا-ئارقىدىن چىققان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ لاگېرلار ھەققىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغانلىقى يېزىلغان.

خىتاينىڭ 7-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىن دۇنيا ئاخباراتىغا جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى ئاساسىدا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىقلارنى «ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ياللانغان، چېگرا سىرتىدا شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان ئارتىسلاردۇر» دەپ قارىلاپ، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن لاگېردىكى زۇلۇملارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. خىتاي نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈۋەتتى، ساراڭ قىلىپ قويدى. ئەگەر يالغان دېسە بىزگە ئۇلارنىمۇ كۆرسەتسۇن».

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا «شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان سىياسەت» نىڭ «پۈتۈنلەي توغرا» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنى «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھېكايىسىنى ئىشەنچ بىلەن تەشۋىق قىلىش» قا چاقىرغانىدى.

ئاخىرىدا تۇرسۇنئاي خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىشتىن بۇرۇن گىرىم قىلىپ، زورلاپ كۈلۈپ گەپ قىلدۇرۇپ ۋىدىيوغا ئالغان. ھازىرقى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق مەجبۇرلىنىدۇ».

CNN خەۋەر تورى ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەخسلەر ۋە ئورگانلار ئۈچۈن «ۋەتەنپەرۋەرلىك سىنىقى» بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.