يېقىندا ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىدىن CNN تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق 6 شەھەرنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا ئۇ يەرلەردىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك خەۋەر تارقاتقان ئىدى.
ئارقىدىنلا «فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيەسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتى ئاساسىدا بىر خەۋەر پروگراممىسى تارقاتتى. 10-ماي كۈنى تارقىتىلغان مەزكۇر پروگراممىدا «فىرانسىيە 24» مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا يەنە، تۈركىيە، فىرانسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرغان لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇش» ماۋزۇسىدا تارقىتىلغان پروگرامما لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. پروگراممىدا گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ خىتايدىكى ئاشۇ لاگېرلاردا گۇناھسىز ھالدا 1 يىل 3 ئاي 10 كۈن ياتقاندىن كېيىن قازاقىستاندىكى 3 پەرزەنتىنىڭ توختىماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاخىرى لاگېردىن چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.
گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم «فىرانسىيە24» تېلېۋىزىيەسىگە لاگېرلارنىڭ شارائىتلىرى ۋە ئۇ يەردىكى كۈندىلىك پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. لاگېردىكى قىيىن ۋە ناچار شارائىتلار، كۈندىلىك مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇ يەردە ئاياللارغا نامەلۇم بىر خىل ئوكۇل ئۇرۇلىدىغانلىقى ۋە بۇ ئوكۇلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھېچنەرسىنى ئويلىيالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئېيتىپ بەرگەن.
«فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيەسى ئۆز خەۋىرىدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنىڭ ھازىر لاگېرلاردا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تونۇلغان ياش ئۇيغۇر ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپنىڭمۇ شۇلار ئىچىدىكى بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇلار بۇ لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى ھەققىدە گۇگۇل خەرىتىلىرى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەر خىل قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش تور بەتلىرىدىكى ئېلانلار ئارقىلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاپ دۇنياغا تونۇتقان كانادادىكى خىتاي ئوقۇغۇچى شان جاڭنى زىيارەت قىلغان. شاۋىن جاڭ «فىرانسىيە24» كە قىلغان سۆزىدە لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھازىر داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن قارىغاندا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلارنىڭمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرلىرى يۇقىرىدىكى بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە بىر قانچە قېتىم بېرىپ، لاگېرلارغا يېقىنلىشىشقا تىرىشقان. ئۇلار ئۈرۈمچىگە يېقىن داۋانچىڭدىكى لاگېرغا بارماقچى بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار بۇ زىيارىتى داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ جەمئىي 7 قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ساقچى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئايرىمىچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھەر يەردە كامېرا بارلىقىنى، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ۋە دۇكانلارنىڭ تاقالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار مەلۇم بىر دۇكانغا يېقىنلىشىپ، بۇ دۇكاننىڭ يېنىدىكى ئىشىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تاقالغانلىقى سورىغان. بۇ ئارىدا بىر كىشى مۇخبىرلارغا يېقىنلىشىپ ئۆزىنى كامېراغا تارتماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئۇ بۇ تاقاق ئۆيلەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋانچىڭدىكى لاگېرغا كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ھەم «نۇرغۇن كىشى داۋانچىڭغا ئەپ كېتىلدى» دېگەن ۋە دەرھال ئۇ يەردىن كېتىپ قالغان.
بۇ مۇخبىرلار يەنە، كانادادىكى شاۋىن جاڭ تەمىنلىگەن گۇگۇل خەرىتىسى ئۇچۇرىغا ئاساسەن خوتەندىكى لاگېرلارنىڭ بىرىگە بارغان. مۇخبىرلار بۇنىڭ ئۆزلىرى يېقىنلىشىشقا مۇۋەپپەق بولغان لاگېردىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. ئۇلار بۇ لاگېر ئالدىدا تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغان كىشىلەرنى كۆرگەن. بىر بالا مۇخبىرغا دادىسىنىڭ بۇ يەردە «ئوقۇۋاتقانلىقىنى»، بۇ يەرنىڭ مەكتەپلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىرلار بۇ بالىدىن دادىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىغان. بىراق، بۇ بالا «مەن بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يەنە بىر بالىمۇ ئۆز ئاكىسىنىڭ مۇشۇ لاگېردىلىقىنى، ئاكىسىنىڭ بۇ يەردە «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىدىغانلىقىنى، ئەمما نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«فىرانسىيە24» مۇخبىرلىرى يېڭى سېلىنغان بۇ بىنانىڭ مەكتەپتىن بەكرەك بىر تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇلار يەنە، لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباينى زىيارەت قىلغان. سايراگۈل لاگېرلاردا قىيىن-قىستاق ۋە زوراۋانلىق بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. سايراگۈلمۇ تۇتقۇنلارغا ئوكۇل ئۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم بولسا پروگراممىدا ئۆزىنىڭ شۇ لاگېرلاردا يېتىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان قىز-ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىۋالغانلىقىنى ئېتىپ بەرگەن. ئۇ بىر قانچىسىنىڭ ئىسىملىرىنى مۇخبىرلارغا ئوقۇپ بەرگەن.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن گۈلباھار خانىمغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئالدۇق. گۈلباھار خانىمنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، قولىغا قەلەم ئېلىپ ئاشۇ لاگېرلاردا بىرگە قامالغان خانىم-قىزلارنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ مېڭىشقا باشلىغان. ئۇ ھەر كۈنى ئېسىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يۇرتى، لاگېرغا قامىلىش سەۋەبلىرىنى خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان. گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ھازىر ئۆزىدە 200 دەك خانىم-قىزنىڭ ئىسمى بارلىقىنى بايان قىلدى.
«فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيەسى ئۆز خەۋىرىدە، فىرانسىيەدىن خىتايغا قايتقاندىن كېيىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن گۈلباھار خېتىپھاجىنىڭ قىزلىرىنى شۇنداقلا يەنە فىنلاندىيەدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى خالمۇرات ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى، بۇ تىراگېدىيەنىڭ ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
CNN مۇخبىرلىرىمۇ بۇ ھەقتە تارقىتىۋاتقان يۈرۈشلۈك پروگراممىسىنىڭ 10-ماي كۈنىدىكى سانىدا قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن قايرات سامارقانت ۋە سايراگۇل ساۋۇتبايلارنى زىيارەت قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاكىتلارنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. CNN مۇخبىرى مەت رىۋېرس يېقىنلىرى لاگېرغا قامالغان قازاقىستانلىقلارنىڭ ھازىر چارىسىز قالغانلىقىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋالماسلىق ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت خەلقئارا ئاخباراتلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. مەت رىۋېرس ئالدىنقى پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى، ئۆزى كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن «يەرشارىدىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەقەلىرىنىڭ بىرى» دەپ شەرھلىگەن ئىدى.
0:00 / 0:00