CSIS سۆھبىتى: «خىتايدىكى نامايىش» نىڭ ھەقىقىتى

0:00 / 0:00

خىتايدا كەڭ ئەۋج ئالغان پۇقرالار نامايىشى ھەمدە ئۇنىڭدىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە، شۇنىڭدەك شى جىنپىڭغا قارشى شوئارلار خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن بۇ نامايىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ نامايىشلاردىكى مەركىزىي تېمىلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئىزچىل ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. شۇ قاتاردا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» (CSIS) نىڭ بۇ ھەقتىكى رادىيو سۆھبىتىدىمۇ بۇ مەسىلە مەخسۇس مۇزاكىرە تېمىسى بولدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ رىياسەتچىسى، مەزكۇر ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندرېۋ شۋارتىز (Andrew Schwartz) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ خىتايدىكى خەلق نامايىشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. ئاندىن ئالدىنقى ئىككى ئاينى خىتايدا ئۆتكۈزگەن پروفېسسور سكوت كېننېدى (Scott Kennedy) دىن بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى.

تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالىغا قارشى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىناغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشىنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار. 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي.
تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالىغا قارشى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىناغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشىنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار. 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي. (AP)

پروفېسسور سكوت كېننېدى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئاساسىدا خىتايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا بولغان ئومۇمىي نارازىلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى خەلق نامايىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى خىتايدىكى ھەممىلا كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى بەكلا قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن. چۈنكى يۇقۇم سىنىقى، مەجبۇرىي ماسكا تاقاش، قايتا-قايتا سىناق قىلىشلار، يەنە كېلىپ خىزمەت ۋە سودا-سېتىقنى كېسىپ تاشلىغان ئۇزۇن مەزگىللىك قامال قىلىش چارىلىرى كىشىلەرنىڭ سەۋرى قاچىسىنى تولدۇرۇشقا باشلىغان ھادىسىلەر بولۇپ قالغان. تېخى يېقىندا ئاياغلاشقان 20-قۇرۇلتايدا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى «تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش» ھەققىدە سۆز بولغانلىقتىن كىشىلەر بۇ تەدبىرلەر قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەڭلا ئاياغلىشىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈشكەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ خىل مېخانىك چارىلەر تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنغان. ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ پاجىئەسى ئاڭلىنىپ خىتاي خەلقى بۇ خىل «يۇقۇمنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى» نىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۈرۈمچى ئاھالىسىگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭمۇ جانلىرىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىۋاتقان «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش باش تېما قىلىنغان نامايىشلار ئوتتۇرىغا چىققان.

رىياسەتچى ئاندرېۋ بۇ خىل نامايىشلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغاندا پروفېسسور كېننېدىي بۇنىڭ ھازىرچە بىرەر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق نامايىشلاردا خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە شى جىنپىڭغا قارشى شوئارلار توۋلانغان بولسىمۇ ئەمما بۇ نامايىشلار خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە شى جىنپىڭغا ئەمەلىي تەھدىت پەيدا قىلغۇدەك بىر قۇدرەتلىك ھەرىكەتكە ئايلىنالمىغان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي كومپارتىيەسىمۇ بۇ نامايىشلار تۈپەيلىدىنلا نۆۋەتتىكى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار ھەرقايسى جايلاردىكى نامايىشچى ئاممىنى ساقچىلارنىڭ قانداق ئەدەبلەۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك نامايىشقا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنىدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەرنى تېزلا كەلگەن جايلىرىغا قايتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالىغا قارشى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىناغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشىنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار. 2022-يىلى 27-نويابىر، بېيجىڭ.
تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالىغا قارشى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىناغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشىنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار. 2022-يىلى 27-نويابىر، بېيجىڭ. (AP)

پروفېسسور كېننېدىينىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ياساپ چىققان ۋاكسىنىسى بەكلا ئاجىز بولغانلىقى، يەنە كېلىپ خىتايدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ پەقەت بىرىنچى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋىرۇس يۇقۇمىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئەمەلگە ئاشمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا «يۈزى چۈشۈپ كەتمەسلىكى»، شۇنداقلا خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ئامېرىكا ياساپ چىققان ۋاكسىنىنى سېتىۋالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشى ئەۋج ئالغاندا «غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى نامايىشلاردا ئوخشاش مۇقامنى توۋلىمىغان. شۇنىڭدەك گېرمانىيە رەھبىرى شولتىز بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا گېرمانىيەنىڭ ۋاكسىنىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە خىتايدىكى چەتئەللىكلەرگە ئىشلىتىش، كېيىنچە مەلۇم دائىرىدە كېڭەيتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قامال تەدبىرلىرىنىڭ بۇنچە ئۇزۇن داۋام قىلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور كېننېدى ۋە رىياسەتچى شۋارتىز بۇنىڭدىكى بىرنەچچە ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بىرىنچىدىن، قامال تەدبىرلىرى يېڭى ئىجرا بولغاندا خىتايلار بۇنىڭ يۇقۇملۇق ۋىرۇسقا قارشى چارە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قامالنى قوبۇل قىلغان. ئەمما ئىككى يىللىق قامالدىن كېيىنمۇ ۋىرۇسنىڭ تۈگىمىگەنلىكى ئايدىڭ بولغان ھەمدە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدە قانداق مەنزىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەممىگە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان گۇمانى ئاشقان. خىتايدىن باشقا جايلاردا «قامال ئارقىلىق ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن كىشىلەرنىڭ بىر-ئىككى يىللىق قامالدىن كېيىن تۇرمۇشنى ئىزىغا چۈشۈرگەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن خىتايلارمۇ بۇ ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئەگىشىشكە مايىل بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ئۆزگەرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا ھاياتلىق پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋەرگەن. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا شاڭخەيدىكى بەزى پاجىئەلەردىن كىشىلەر خەۋەردار بولۇشقا باشلىغان. ئارقىدىنلا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى بۇ خىل قامالنىڭ جانغا زامىن بولىدىغان تەرەپلىرىنى ئاشكارا قىلغاندا سەۋرى قاچىسى توشۇپ كەتكەن خىتايلار بىراقلا «پارتلاپ چىققان»، ياتاقلىرىغا يىللاپ قامىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ دولقۇنغا تېزلا ئەگەشكەن.

خىتايدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىشلارنىڭ سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتى دۇنيا مىقياسىدا CSIS تىكى سۆھبەتكە ئوخشاش كۆپلىگەن مۇھاكىمىلەرگە سەۋەب بولدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ بۇ ھەقتە ئامېرىكا تەۋەسىدە كۆپكە تونۇلغان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك (Sarah Cook) بىلەن بولغان سۆھبىتى بولدى. ساراھ كۇك خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ئەڭ تىپىك ئاشكارا بولغان مەسىلىنىڭ بىرى يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەردىن بولغان ئۆيلەرنى ۋە بىنانى زەنجىرلەپ تاشلاشنىڭ ئۆزى مىڭلىغان خىتايلارغا بۇ خىل قامىلىپ قالغاندا يۈز بېرىدىغان ئاپەتتە جاننى سېلىپ بېرىدىغان ئىشنىڭ مۇقەررەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇشۇ خىل قورقۇنچ تۇيغۇسى كۆپلىگەن خىتايلارنى نامايىشقا ئۈندىگەن. بۇ يەردە ئۇيغۇر بولۇش ياكى خىتاي بولۇشقا چېتىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، نامايىشچى خىتايلار بىردەك «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلاردىن جوئاننې سىمىس (Joanne Smith) خانىمنىڭ 1-دېكابىر كۈنى «سۆھبەت» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا تەپسىلى بايان قىلىندى. ئاپتور خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىشلار ھەققىدە ئۆزى توپلىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن بايقىغان بىر مەسىلە شۇ بولغانكى، بۇ نامايىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۇيغۇرلار قاتناشمىغان. جۈملىدىن ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغانلار بىردەك شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان خىتايلار بولغان. ئۇ بۇ خىل «غەيرىيلىك» ھەققىدە توختالغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرقانداق سىياسىتىنى تەنقىدلەشنىڭ قولغا ئېلىنىش، لاگىرغا سولىنىش ياكى تۈرمىگە قامىلىش بولىدىغانلىقى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆلۈمدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق ئەھۋالنى نەقىل ئالىدۇ: «بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈرمىلەردە؛ ئىككىنچى، ئۇيغۇرلار نامايىش قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى تېرورچى، ئاشقۇن ياكى بۆلگۈنچى دەپ جاكارلايدۇ، خىتاي پۇقرالىرى بولسا بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلسا ئۇلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش سىياسىتى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ».

جوئاننى سىمىسنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل «خىتاي پۇقرالىرى ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› كە قارشى نامايىش قىلىش، باشقا مىللەت كىشىلىرى تاماشا كۆرۈش» ھادىسىسى تىبەتنىڭ لاسا شەھىرىدە 2022-يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن نامايىشتىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. مەيلى لاسادا ياكى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشتا بولسۇن خىتاي ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى تولىمۇ «كەڭ قوللۇق» دەپ تەرىپلەشكە بولىدىكەن. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىتاي پۇقرالىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ جايلاردىكى مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئورتاقلىقى يوق» دەيدۇ. ئۇ بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى، شۇنىڭدەك سىرتىدىن ئېچىلماس قىلىۋېتىلگەن بىنا ئىشىكلىرىنىڭ رەسىملىرىنى چىقارغانلارنىڭ خىتايلار ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇ بۇ ھادىسىلەرنى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى خىتاي تەۋەسىدە «تېررورچى» ۋە «ئاشقۇن» نامىدا تەشۋىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ ئاخىرقى «نەتىجىسى» 2017-يىلى يۇقىرى پەللىگە چققان سىياسىي باستۇرۇش بولغانلىقىنى بۇ ھادىسىلەرگە يەنە بىر مىسال قىلىدۇ.

دەرۋەقە، ئۈرۈمچىدىكى «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» نى پىلتا قىلغان خىتاي خەلقىنىڭ نامايىشى خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئازدۇر-كۆپتۇر «ئويلاندۇرغانلىقى» مەلۇم. CNN، «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى»، «مۇھاپىزەتچى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 5-دېكابىردىكى ئوبزور ۋە مۇلاھىزىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدىكى قامال تەدبىرلىرى قىسمەن «يۇمشىتىلغان» بولۇپ، بۇنىڭ قانچىلىك مۇددەتكە ۋە قانچىلىك دائىرىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولۇشقا باشلىغان.