«3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش دالا پائالىيىتى» دە مىللىي كىملىكىنى تونۇش مەركىزىي تېما بولدى
2024.08.30
يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ بولو شەھىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك تاغلىق رايوندا «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ياشلار دالا پائالىيىتى» تېمىسىدا ئۇيغۇر ئوغۇل ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىمجان سابىرلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى قاتناشقان بۇ قېتىمقى دالا پائالىيىتى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يېشىغا ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر بىر گۇرۇپپا ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈكتىن تولۇق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بېرىپ-كېلىش ۋاقتى بىلەن قوشقاندا جەمئىي سەككىز كۈن داۋاملاشقان. ئىككى گۇرۇپپىدا 80 دىن جەمئىي 160 ئۇيغۇر ياش بار بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ دالا پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگە داۋاملاشقان. ئىككىنچى گۇرۇپپا بولغان تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئالىمجان سابىرلى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋە ھەر خىل ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان، شۇنداقلا ئوخشىمىغان رايونلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا تونۇشۇش، قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەم ياشلارنىڭ كەلگۈسىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى».
ئالىمجان سابىرلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنىڭدەك ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللىي كىملىكىنى تونۇش توغرىسىدا تەربىيە خاراكتېرلىك ھەر خىل لېكسىيەلەر بېرىلگەن.
بىز يەنە بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل بولۇپ ياشلارنى يېتەكلەۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى» نىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى مەردان ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ دالا پائالىيىتى ئۈچۈن سەھەردە ئورمانلىقتا يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، شۇنداقلا ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئارغامچا تارتىشىش ۋە پۇتبول مۇسابىقىسى ئويناش دېگەندەك ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان.
مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، بەزىلەر پائالىيەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن قايتىشنى خالىماي دالا پائالىيىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان. يەنە بەزىلەر بولسا دالا پائالىيىتىنى يىلدا بىر قېتىم ئەمەس، يىلدا ئىككى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ھېس قىلدى؟
بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئېھسان پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، تاغلىق ۋە ئورمانلىق رايوندا تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئابدۇللاھمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئالاھىدە زوق ئالغانلارنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ قېتىمقى دالا پائالىيىتىدە ھەر كۈنى يېڭى يېڭى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، تەبىئەتتە تورسىزمۇ ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ خىلدىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەر ھەرقاچان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى تونۇشى ۋە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، قىزىقارلىق ۋە جەلپكار بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.