داڭلىق سودىگەر ئابدۇجېلىل ھاجىم ئاقلانغان بولسىمۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.09.12
abdujelil-hajim-karxanichi.jpg ئابدۇجېلىل ھاجىم(ئوڭدىن ئىككىنچى) قاتارلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئىسلامئابادتىكى شاھ فايسال مەسچىتى ئالدىدا. 2014-يىلى ياز، پاكىستان.
RFA/Shöhret Hoshur

بىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2017-يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان قەشقەردىكى داڭلىق سودىگەر ئابدۇجېلىل خېلىل يەنى (ئابدۇجېلىل ھاجىم) نارازىلىق ئەرزىدە ئۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەسلى بېرىلگەن جازا بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تا ھازىرغىچە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمىگەن.

بىزگە يەتكۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا قارىغاندا، شىنجاڭ خېلىل خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇن ۋەكىلى بولغان ئابدۇجېلىل خېلىل يەنى (ئابدۇجېلىل ھاجىم) قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە 2017-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى توختىتىپ قويۇلغان. ئۇ، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى قولغا ئېلىنغان ۋە قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەلىك قاماقخانىدا قامالغان.

ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر ئابدۇجېلىل خېلىل ئۈستىدىن 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرى قېتىم ۋە 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بىر قېتىم سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن «(2017) ش 31 ج د چىقىش 180 نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كېسىمنامە چىقىرىپ ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى» نى بېكىتكەن ۋە شىركەتكە 5 مىليون يۈەن خىتاي خەلق پۇلى جەرىمانە قويغاندىن سىرت، ئابدۇجېلىل خېلىلنىڭمۇ «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى» نى بېكىتىپ، ئۇنىڭغا 11 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن ھەم ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە 73 مىليون يۈەنلىك مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇجېلىل خېلىل، سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى» سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىگە بېرىلگەن جازا ئۈستىدىن ئادۋوكاتى ئارقىلىق يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇجېلىل خېلىل سىچۈەن يافېڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن لياۋ يوڭ ئىسىملىك بىر ئادۋوكاتنى ياللىغان.

بىزگە يەتكۈزۈلگەن ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئادۋوكات نارازىلىق ئەرزىدە «1-سوتتا تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، جاۋابكارنىڭ ھەر قايسى دەۋا باسقۇچىدىكى ئاقلىنىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان، ئابدۇجېلىل خېلىلنىڭ جىنايەت قەستەنلىكىنى بېكىتىدىغان دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس، ئادىل بىر تەرەپ قىلىنسا» دېگەن مەزمۇندا ئاقلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نەتىجىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا قاراپ چىقىپ، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسىمنامە ئېلان قىلغان ۋە قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئابدۇجېلىل خېلىل ئۇستىدىن ئەسلى چىقارغان ئاتالمىش «180-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈم ۋە كېسىمى» نى كۈچتىن قالدۇرغان.

مەزكۇر دېلودىن يېقىندىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئابدۇجېلىل خېلىلغا قەشقەر ئوتتۇرا سوت بەرگەن ئەسلى جازا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ تۈرمىدىن تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدۇرۇلدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنى ياكى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بولغاندىمۇ ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمى يۇقىرى سوت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان ھامان جاۋابكارغا بۇرۇن بېرىلگەن جىنايەتلەر دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.

ئۇنداقتا ئابدۇجېلىل خېلىلنىڭ سىچۈەن يافېڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ياللىغان ئادۋوكاتى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ بىز ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ ئادۋوكاتى لياۋ يوڭ زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى قاراشلىرىنى ئالدۇق.

ھالبۇكى ئۇ، دېلونىڭ سەزگۈرلۈكىنى تىلغا ئېلىپ دېلو تەپسىلاتى ھەققىدە كۆپ توختىلىشنى خالىمىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى دەلىللىيەلمىگەن شارائىت ئاستىدا سىزگە بۇ دېلو ھەققىدە بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيمەن. بۇ دېلو بىر قاتار سەزگۈر مەسىلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغان دېلو، شۇڭا سىزگە بۇلارنى ئاشكارىلاش ئانچە قۇلاي ئەمەس.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇجېلىل ھاجىم 2017-يىلى 5-ئايدا قولغا ئېلىنىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان قەشقەر پەيزىۋاتتىكى قارىلىغاچ بىنام تۈرمىسىگە سولانغان. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ جەرياندا ئېغىر تەن جازاسى ۋە قاتتىق سوراققا ئۇچراپ 2 قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. نۆۋەتتە ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ تەن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ ئورنىدىن قوپالمايدىغان بولۇپ قالغان ۋە قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان يىراق شەرق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

نۆۋەتتىكى تېلېفون ئالاقىسىدىكى قىيىنچىلىقلار بىز تۈپەيلى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئالدىمىزغا تولۇق دەلىللىيەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يىراق شەرق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم دەرىجىدە ئايدىڭلاشتى.

مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى خادىم، ئابدۇجېلىل خېلىلنىڭ ئىچكى بۆلۈمدە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئىچكى بۆلۈمگە قاراشلىق كېسەلخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى دوختۇر مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ئەمەس، ئۇنىڭ دوختۇرى ئەتە كېلىدۇ. شۇ چاغدا تېلېفون ئېلىپ سوراڭ.»

ھالبۇكى، بۇ ھەقتە ئىلگىرلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر دوختۇرخانىغا قايتا-قايتا قىلغان تېلېفونلىرىمىز شۇندىن كېيىن قەتئىي ئۇلانمىدى.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئەمدىلا 56 ياشقا كىرگەن ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ نۆۋەتتە تېنى ئاجىزلاپ ئېغىر ھالسىرىغان ۋە ۋەسىيەت قالدۇرغانغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلىشقا باشلىغان. ئەمما شۇنداقتىمۇ، ئۇنى سوراق قىلىش بۇ دوختۇرخانىدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان.

ئۇنداقتا «گۇناھسىز» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان بىر ئادەم نېمە ئۈچۈن ھېلىھەم قويۇپ بېرىلمەيدۇ؟

ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئابدۇجېلىل خېلىلنىڭ دېلوسىنىڭ قانۇنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىدە.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ ئامېرىكادىكى يېقىنىمۇ ئوخشاش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نوپۇزى، ئىناۋىتى ۋە ئورنى بار جەمئىيەت ئەربابلىرىنى نىشان قىلغان. ئابدۇجېلىل ھاجىممۇ شۇلارنىڭ بىرى.

رادىيومىزمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى مايدا قەشقەردىكى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان داڭلىق سودىگەرلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

ئابدۇجېلىل ھاجىم 1963-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدىنلا يۇرت ئىچىدە ساخاۋەتچىلىكى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكى بىلەن ھۆرمەت قازانغان مۆتىۋەر ئائىلە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ شىنجاڭ خېلىل خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ مەزكۇر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدىمۇ ئەل-يۇرتىنىڭ غېمىنى يېيىشنى توختاتمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئابدۇجېلىل خېلىل ( ئابدۇجېلىل ھاجىم) 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا باستۇرۇش يۈز بەرگەندە مەزكۇر يېزىغا ھال سوراپ بارغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا بىكار قىلىنغىنىغا 9 ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا خىتاي تۈرمىسىدە ئىزتىراپ چەكمەكتە. ئۇنى يەنە قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

*بۇ پروگراممىنىڭ ئىشلىنىشىگە مۇخبىرىمىز سادا ھەمكارلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.