دەررېن بايلېر: «قەشقەر يېڭىبازارنى چېقىش-ئۇيغۇرلارنى ئاخىرىقى قورغانىدىنمۇ ئايرىپ، تېخىمۇ بېقىندى ھالەتكە چۈشۈرۈش ئۈچۈندۇر»

0:00 / 0:00

قەشقەر يېڭىبازارنىڭ چېقىلىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر بازارنى يوقىتىش قەستىنىڭ 1990‏-يىللاردىلا مەلۇم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە؛ ئامېرىكالىق ئانتروپلوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر ئەپەندى، بۇ بازارنىڭ چېقىلىشىنى «ئۇيغۇرلارنى ئاخىرىقى قورغانىدىن، يەنى ئاخىرىقى ئىقتىسادىي مۇنبىرى ۋە ئەركىنلىكىدىن ئايرىپ تاشلاش» دەپ تەسۋىرلىدى.

نۆۋەتتە چېقىلىشى داۋاملىشىۋاتقان قەشقەر يېڭىبازاردا 6 يىلچە دۇكان ئاچقان ۋە كېيىن ئۈرۈمچىدە «ئاتلان» تىل مەكتىپىنى قۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قەشقەر يېڭىبازارنى كۆزدىن يوقىتىش قەستى 1990‏-يىللاردىلا مەلۇم بولغان ئىكەن. شۇ چاغدا دائىرىلەر خىتاي سودىگەرلىرى ئارقىلىق قەشقەر شەھەر ئىچىدە مەزكۇر بازارغا يانداش، بىنالىرى ھەشەمەتلىك بازارلارنى بەرپا قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ تەبىئىي قوغدىنىش فونكىتسىيەسى ئارقىلىق بۇ سۈيىقەستتىن ئامان قالغان.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى.

ئانتروپلوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ بازار ھەققىدىكى بىر قىسىم تەسىرات ۋە ئەسلىمىلىرىنى ئېلخەت ئارقىلىىق بايان قىلدى. ئۇ خېتىدە، بۇ بازارنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى پەۋقۇلئاددە جانلىق بىر بازار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ بۇ بازاردىكى تىۋىپلار بىلەن مەنىلىك سۆھەتلەر ئۆتكۈزگەنلىكى، تىۋىپلارغا ئۆزىنىڭ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويدۇرغانلىقى، بۇ بازاردىكى باشقا دۇكاندارلار بىلەن قىزىقارلىق سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.

قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ بازار 100 پىرسەنت دېگۈدەك ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن، خىتايلار بۇرنىنى تىقالمىغان بىر ماكان بولۇپ، بۇ جاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە روھىيىتىنىڭ جانلىق بىر كۆرگەزمىسى ئىكەن. ئانتروپلوگ دەررېن بايلېرنىڭ خېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ مەزكۇر بازارغا ئاخىرىقى قېتىم 2018‏-يىلى بارغان. ئۇ شۇ چاغدا بۇ بازارغا كرىپ چىققانلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى، تېلېفونلىرىنىڭ ئاختۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە بازاردا كۆپ ساندا دۇكانلارنىڭ تاقالغانلىقىغا شاھىت بولغان، ئۇ يەنە بۇ بازاردىكى كۆپلىگەن دۇكاندارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى، بۇ بازارنىڭ چېقىلىشىنىڭ قەدەم-باسقچۇلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، 2017‏-يىلىدىن كېيىنكى چوڭ تۇتقۇننىڭ بۇ يوقىتىش پىلانىنىڭ ئىجراىسىنى تېزلەشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. دەررېن بايلېر ئەپەندى بۇ بازارنىڭ چېقىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «بۇ يەر ھەقىقەتەن بىر ئۇيغۇر سارىيى ئىدى، خىتاي بۇ ساراينىڭ ئىچىدىكى ئەركىنلىكنى ئارتۇقچە ھېس قىلدى. شۇڭا مەنچە، خىتاي بۇ بازارنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارغا ئوخشاش دۇكاننى خىتايلار ئاچىدىغان ۋە خىتايلار ساياھەت قىلىدىغان خىتاي بازىرىغا ئايلاندۇرماقچى.»

قاسىمجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، خىتاي بۇ بازارنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى شەھەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، خىتايلار ئىلگىرى ماڭغۇزالمىغان بازارلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە قەشقەرنىڭ ساپ ئۇيغۇر پۇرىقىغا ئىگە بىر قەدىمىي شەھەرلىك مىللىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

دەررېن بايلېر خېتىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ بازارنىڭ چېقىلىشىنى «ئۇيغۇرلارنى مۆلۈكسىزلەشدۈرۈشنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئاتاش بىلەن بىرلىكتە، بۇنى يەنە «ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاخىرىقى قورغانىدىنمۇ ئايرىپ، خىتايغا تېخىمۇ بېقىندى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرغا خاس بازارلارنى چېقىش، 2017‏-يىلدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقاسيى شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە ئومۇمىييۈزلۈك داۋام قىلغان. بۇ دولقۇن ئۇيغۇر رايونىدىكى سودا-كارخانىچىلارنى تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى بىلەن ماس قەدەمدە داۋاملاشقان.