خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان لاگېر سىياسىتىنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەتتا پسىخىكىسىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان كرىزىسلىرى، خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. جۈملىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېقىنلىرىنى ئۆز-ئارا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەشتەك ئىنسانىي خىسلىتىنىمۇ، تېررورلۇققا باغلاپ جىنايەتلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى دەررىن بايلېرنىڭ ماقالىسى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلاردىن ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دوكتور دەررىن بايلېر، «ساپچاينا» تورىدا 3-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان «مېھىر-شەپقەت ۋە لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرۇشى» تېمىسىدىكى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش، چەتكە قېقىش، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى-پائالىيىتى، پسىخىكىسى، ئۆرپ-ئادەت ھەتتا قىممەت قاراشلىرىغىچە قانچىلىك ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى يورىتىشقا تىرىشقان.
دەررىن بايلېر، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى ۋە يېقىنلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ھېكايىسىنى 2015-يىلى ئۈرۈمچىدە تونۇشقان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ياش ناۋاينىڭ دوستىغا بولغان ساداقىتى ۋە ياردىمىدىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە «كۆڭۈل بۆلۈش» ئۇقۇمىنى ئۆگەنگەنلىكى بىلەن باشلايدۇ.
ھېكايە قىلىنغان يۈسۈپ بىلەن نۇرزات، ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا، ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە تىرىكچىلىك قىلىشقا كەلگەن. خىتاي تىلى سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا ئۇلار ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ناۋايخانىدا شاگىرت بولۇشتىن باشقا تاللاش يوق، ئەمما ھەر ئىككىلىسى خوجايىنلىرىنىڭ قۇلدەك مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئىشنى تاشلاپ، ئۇيغۇر رېستورانلىرىدا كۈتكۈچى بولۇشتەك ۋاقىتلىق ئېغىر ئىشلارغا ئالمىشىپ، گاھىدا ئىشسىزمۇ قالغان، ئۆي ئىجارە ھەققىنىمۇ تۆلىيەلمىگۈدەك جاپالىق ھاياتتا ياشىغان. ئەمما ئۇلار قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا ئاتا-ئانىسى ياكى قېرىنداشلىرىغا ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىگە تايىنىدۇ. ئاپتور، بۇ خىل دوستلۇقنىڭ ئۇلارغا ھەر قانچە قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ «ئاغىنەم بارغۇ» دەيدىغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېرىدىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىدۇ.
ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا دەررىن بايلېر بىر غەربلىكنىڭ كۆزى بىلەن مۇنداق باھا بېرىدۇ: «ئۇلار بىر-بىرىنى جان-جىگەر دوست دەپ ئاتايدۇ، بۇ ئەرلەر دوستلۇقىنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار روھى ھەمراھى ۋە قان قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش، نۇرغۇن تاماقلارنى بىللە يەپ، ئوخشاش قىممەت قارىشىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، بىر-بىرىنى قوغدايدۇ». دەررىن بايلېر ھەتتا بۇ بىر جۈپ ئاغىنىلەرنى ئىككىلىسىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا تۇرۇپمۇ، بىللە يېگەن تاماق پۇلىنى تالىشىپ تۇرۇپ تۆلەيدىغانلىقىدەك كىچىك ۋەقەلىكلەرنىمۇ ئىنچىكە تەسۋىرلىگەن.
دەررىن بايلېر، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ خىل قىيىن ھايات يولىنى تاللىشىنىڭ 1990-ۋە 2000-يىللاردىكى خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم سىستېمىلىق ھالدا خىزمەت ۋە ئېتىبار پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئاپتور يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى، قاتار چايغا ئوخشاش خاس كاپىتال يىغىش ئادەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنلار ئارا ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشتەك ئىچكى خاس پۇل ئوبوروت مېخانىزمى ھەققىدىمۇ توختالغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سودىگەر، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش ۋە يەكلەش سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن نۇرغۇن توسالغۇ ھەم خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايلارنىڭ بولسا پەرقلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىدەك ئادالەتسىز سىياسەتلەرنى سېلىشتۇرغان.
ئاپتور بۇلار ئارقىلىق گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ، پۇل قەرز بېرىشكە ئوخشاش ئېلىم-بېرىم ئادەتلىرى ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئۇ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىققا ۋە ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا گىرىپتار بولۇۋاتقان ئېغىر كۈنلىرىنى پەقەت بىر بىرىگە تايىنىپ يېڭىپ كەلگەنلىكىگە ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ساداقەتنى، ئۆز-ئارا ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان قىممەت قارىشىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دەررىن بايلېر ئۆزىنىڭ 2014-يىللىرىدىن باشلاپ بىر مەزگىل ئۇيغۇر دىيارىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان مەزگىللىرىدە، ئۇيغۇر ناۋاينى دوست تۇتقانلىقىنى، گەرچە ئۆز ھېكايىسىدە ئۇنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ماقالىدە يېزىلغانلىرىنىڭ ئۆزى شاھىت بولغان چىن ۋەقەلىكلەر ئىكەنلىكى ئېيتتى.
دەررىن بايلېر ھېكايەسىنىڭ داۋامىدا يازغان مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2014-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ياقا يۇرتلۇقلارنى يەكلەيدىغان «ئەلگە قۇلايلىق يېشىل كارتىسى» نى بېجىرىش شەرتلىرىنى بەرپا قىلىپ، ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ چوڭ شەھەرلەردە ئۆي ئىجارە ئېلىش، تىرىكچىلىك قىلىش يوللىرىنى پۈتۈنلەي كېسىشى بىلەن يۈسۈپ ۋە نۇرزات مۇ يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دەررىن بايلېرنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.
دەررىن بايلېر ماقالىسىدە بەلكىم بۇ جان-جىگەر ئاغىنىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ يېشى، ئىشلىرى ۋە مائارىپ ئەھۋالى سەۋەبىدىن لاگېرغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى قىياس قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلاردىن خەۋەر يوقلىغىنى يازىدۇ.
زىيارىتىمىزدە دەررىن بۇ ئاددىي، ئەمما كۆيۈمچان چىن ئىنسانلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئەسلى شۇلارغا ئوخشاش ئىشەنچ، ئەقىدە، ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندا چىن ھەقىقىي دوستلۇق بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر جان جىگەر دوستلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيا قاراش، قىممەت قاراش ۋە ئوي پىكىرلىرىنى ھەتتا ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى تاللىغانلىقى ھەققىدە ئايرىم توختالغان دەررىن بايلېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ھالدا شىددەت بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش، زوراۋانلىق سىياسەتلىرى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى قىيىنچىلىقنى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق يېڭىشتەك، بىردىنبىر ئۈمىد-ئىشەنچ، يەنى ھاياتلىق چىقىش يوللىرىنىمۇ كېسىپ تاشلاش ئارقىلىق، ئۇلارنى جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقىنى دەل ئۇيغۇرلاردىكى جان جىگەر دوستلاردەك ئۆز ئارا كۆيۈنۈش. ئەگەر بىز ئىنسانلاردا بۇنداق ئىنسانلىق خىسلىتى بولمىغاندا، دەردىمىزنى ئاڭلىتىدىغان، ئىشىنىدىغان، ياردەم سورايدىغان ھېچكىمىمىز يوق، يالغۇزلۇق ۋە ئازاب ھەم بەختسىزلىكتە قالىمىز» دەيدۇ.
دوكتور دەررىن بايلېر ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ 2014-يىلى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلق ئۇرۇشى» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، پۇل يۆتكەش ۋە بانكىدىن پۇل ئېلىشتىكى يېڭى چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىش بىلەن ئۇيغۇرلارنى غەيرىي رەسمىي قەرزگە تايىنىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، ھالبۇكى خەلقئارالىق چېگرا ھالقىغان پۇل يۆتكەشمۇ ئاشقۇنلۇق ياكى تېررورلۇقنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىپ، دوست-يارەن، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، پۇل ئارقىلىق ياردىمىنى يەتكۈزۈشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە زور ئاقىۋەت ۋە پاجىئەلەرگە سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە ئايرىم توختالغان.
بۇنى ئامېرىكادىكى گۈلرۇي ئەسقەرنىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، گۈلرۇي بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ھەدىسىدىن قەرز ئالغان 10 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇلنى قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن بۇ پۇلنى ھەدىسىنىڭ ئوغلى، يەنى جىيەنى ئېكرام يارمۇھەممەدنىڭ «جۇڭگو بانكىسى» ھېسابىغا ئەۋەتكەن. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ساقچىلار ئېكرامنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۆينى ئاختۇرۇپ ئەكرەمنى ئېلىپ كەتكەن. تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئېكرام 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىنكى ئايلاردا، ئېكرامنىڭ ئىنىسىمۇ ئېلىپ كېتىلگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن گۈلرۇي ئۆزىنى ئەيىبلىمەي تۇرالمايدۇ.
چەتئەل بىلەن ھەر قانداق ئالاقىدە بولغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ھازىرقىدەك پەيتتە، بۇ يالغۇز گۈلرۇيغىلا خاس ئازابلىق ھېكايە ئەمەس ئىدى.
گۈلرۇي خانىم، دەررىن بايلېرنىڭ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماپ، ئائىلىلەرنى پارچىلىشى ھەتتا ئۇلارنى بىر-بىرىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۆز ئارا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئەتراپلىق تەھلىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئاۋسترىيە يازغۇچىسى ژان ئامېرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوسۋىۋىتزدىكى ۋاقتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشلىرىغا ئائىت ئەسىرىدە بايان قىلغانلىرىدىن ئۈزۈندى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ «يەھۇدىيلارنىڭ ئىنسانىيەت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى دەپ ھېس قىلىپ يەكلىنىشى، بۇ پاجىئەدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تەرەپلەرنىڭ بىرى بولغان-يېتىم قالدۇرۇلۇش ۋە قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىك تۇرمۇشنى چىدىغۇسىز ئازابلارغا دۇچار قىلىدۇ» دەپ يازغانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. دوكتور دەررىن بايلېر «خىتاي ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۆز-ئارا يۆلەش تورىنى ئۈزۈپ تاشلاش ۋە قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پسىخىكا كەيپىياتىنى پەيدا قىلماقتا» دەپ يازغان.
0:00 / 0:00