پروفېسسور دېيۋىد تابىن بىلەن سۆھبەت: «خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنىڭ ئامانلىقى» (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-01-04
Share
پروفېسسور دېيۋىد تابىن بىلەن سۆھبەت: «خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنىڭ ئامانلىقى» (2) ئەنگلىيەدىكى گلازگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد تابىننىڭ «خىتاينىڭ غەربىي-شىمال چېگراسىنىڭ ئامانلىقى: شىنجاڭدىكى كىملىك ۋە مۇقىمسىزلىق» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
David Tobin

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قەلىمىدە «21-ئەسىردىكى قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان سىياسىي تەدبىرلىرى 2020-يىلى نويابىردا نەشردىن چىققان «خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنىڭ ئامانلىقى: شىنجاڭدىكى كىملىك ۋە مۇقىمسىزلىق» ناملىق ئەسەردىكى ئاساسىي تېمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. گەرچە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا باشقا چوڭراق بىرەر قارشىلىق ھەرىكىتى بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن سىياسىي ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۈكسەلدۈرگەن. ئەسەر ئاپتورى، ئەنگلىيەدىكى گلازگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد تابىننىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى ئەھۋال ئىگىلەشلىرى ۋە تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا ئۇنىڭغا ئايان بولغان بىر نۇقتا ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنىڭ ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كەلگەنلىكى بولغان. لاگېرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەر دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن بولسا ئۇ ھەيران قالارلىق ھالدا بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش مۇنبەرلىرىدە كۆپلەپ قوللىنىلغان ھەمدە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىنكار قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭ لاگېرلاردىكى مۇنبەرلەردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ ھادىسىنى «تەرەققىيات» دەپ شەرھىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

«2009-يىللىرى مەن ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ھەمدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقان بىر نەرسە ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان ‹قايتا تەربىيەلەش دەرسلىك كىتابلىرى› بولدى. چۈنكى بۇ مەزمۇنلار ھازىر لاگېرلاردىكى كىشىلەرگە ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بۇ دەرسلىك كىتابلار ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ھەققىدىكى ئىمتىھانلاردا قوللىنىلىۋاتقان ئىكەن. شۇ كىتابلاردا ‹نېمە ئۈچۈن شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەيمىز؟›، ‹ئۇيغۇرلار تۈركمۇ؟›، ‹ئۈچ خىل كۈچلەر جۇڭگونى قانداق خەتەرلەرگە ئىتتەرمەكتە؟› دېگەندەك سوئاللار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ خىلدىكى سوئاللار تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك چۈشەنچىسى ئۈچۈن ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. نېمىشقا دېسىڭىز، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى جۇڭگولۇق (خىتاي) بولۇشى بەلگىلىنەتتى. يەنە كېلىپ بۇ دەرسلىك كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنى تۈرك ياكى ئىسلام ئېتىقادىدىكى كىشىلەر دەپ قاراشنىڭ تېررورلۇق بولىدىغانلىقى ئېنىق تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىپادە قىلىشىغا ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرۇلمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دۆلەت ئۈچۈن بىخەتەرلىكنى بۇزغۇچى ئامىل بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردىكى خىتاي نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ دەل مۇشۇ مەسىلىدە ‹يېتەرلىك› بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ‹ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىمىغانلىقى›دىن شىكايەت قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ‹كۆرمىگەن› ئىدى. ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي پۇقرالىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولغان. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىشى بىلەن ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى، ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىدا ‹مىللەتلەرنىڭ يوقىلىشى› دېگەندەك ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› ئۇسلۇبىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە شوۋىنىزم چۇقانلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ دەرسلىكلەردە بالىلارغا مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەمدە ئۇلارغا خاس مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ تەبىئىي ھادىسە ئىكەنلىكى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.»

ئاپتور دېيۋىد تابىن ئۆز ئەسىرىدە ئالاھىدە شەرھلىگەن يەنە بىر نۇقتا «تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش» بىرلىكسېپىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممىلا يەرگە بىر كەلگەن «تېررورلۇق» چۇقانلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئۆتكەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى ماھىيەتتە پەقەت ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان، ئەمما ئوخشىمىغان زاماندا ئ‍وخشىمىغان نامدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر سىستېمىلىق پائالىيەت. ئۇلار پەقەت مۇشۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ بۇ ئىشلارغا قارشى چىقىشىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىر «قالقان» بەرپا قىلىۋالغان. (ئاۋاز 2)

«تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش مەسىلىسى ئۇيغۇرلارغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ بۇ ھال ئۇيغۇرلارنى مىللىي نىشان ۋە دىنىي زىيانكەشلىك ئوبيېكتى قىلىشتا ئەڭ روشەن ئەكس ئەتتى. ئەمما مەن تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش مەسىلىسى باشلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشقا باشلىدى، دەپ قارىمايمەن. قارايدىغان بولساق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ‹مىللىي مەسىلە› دەپ قارىشى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى›دىن بۇرۇنلا مەلۇم ئىدى. خۇددى سىز باياتىن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك خىتاي كومپارتىيەسى پەقەت سۆز ئىشلىتىشتە يېڭى ئاتالغۇ قوللىنىشقا ئۆتتى خالاس. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى بۆلگۈنچىلەر ئەمدى تېررورچى بولۇپ چىقتى. ئىلگىرىكى كۆپلىگەن ۋەقەلەر يېڭىۋاشتىن تېررورلۇق ۋەقەسى سۈپىتىدە قايتىدىن تەسۋىرلىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ھېچقاچان خىتاي ئۈچۈن تەھدىت بولمىغان نەرسىلەرمۇ ئەمدىلىكتە ‹تېررورلۇق تەھدىتى› بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئالدىغا ‹سىز تېررورلۇقنى يوقىتىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتنى ئەيىبلىمەڭ› دېگەن مۇداپىئە تاختىسىنى تىكلەپ قويۇشقا مۇۋەپپەق بولۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاقلاپ سۆز قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ قىيىنغا چۈشىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر كىملىكىگە قارىتا ‹بىز تۈرك دەيدىغان ئۇيغۇرلار دەل تېررورلۇق ئىدىيەسىدىكى كىشىلەردۇر› دېگەن ئۇچۇر مەلۇم بولدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرى بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى «ئەڭ چوڭ مۇقىمسىزلىق ئامىلى» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن مەزگىللەردىكى بارلىق تەدبىرلەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان ئۆزگىچە كىملىكنى يوقىتىش بولغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «تەرەققىيات» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكىدىن، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلۇقتىن ۋاز كېچىشكە قىزىقتۇرۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ چارىلارنىڭ ھېچقايسى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن ئاخىرقى ھېسابتا بۇنى زورلۇق كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتە بىز كۆرۈۋاتقان، شۇنداقلا دۇنيا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇ بولسا «رامزاندا پىۋا ئىچىشكە مەجبۇرلاش»، «چوشقا گۆشى يېيىشنى تەشەببۇس قىلىش» دېگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۆتكەن ئون يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق قىرغىنچىلىق ۋە ئېتنىك تازىلاشقا مەنسۇپ ھادىسىلەرنىڭ تېزدىن يامراپ، ئەسەبىيلەرچە بىر شەكىلگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بولسا ئۇلار ئاستا سۈرئەتتە ئوتتۇرىغا چىققان ھەمدە تولىمۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن بايانلار شەكلىدە بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن، يەھۇدىيلارنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش ئەمەلىيەتتە گىتلېر تەختكە چىقىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان. ‹ئاخىرقى ھەل قىلىش تەدبىرى› جاكارلىنىشتىن ئىلگىرىلا ۋارشاۋادىكى يەھۇدىيلار رايونىدا ئاللىقاچان مىليونلىغان يەھۇدىيلار ھاياتىدىن ئايرىلىپ بولغان. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجى ئۈچۈن تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا مەن كىتابىمدا نۆۋەتتىكى ‹ئېرىتىش›، يەنى لاگېرلارنى، قايتا تەربىيەلەشنى ھەمدە ئەۋلادلارنى بىر-بىرىدىن جۇدا قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر كىملىكىنى بىلىندۈرمەستىن ئېرىتىۋېتىش ھادىسىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن ئىلغار مىللەت› دەيدىغان قارىشى بىلەن ئىزچىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدىم. بۇلار ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بايانلىرىچە بولغاندا قالاق بولغان چېگرا رايونلار ئالغا كەتكەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن، پايتىمىسىغا دەسسەپ يۈرگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئالىي سۈپەتلىك خىتاي مىللىتى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» شۇئارىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولسا نۆۋەتتە «مۇقىمسىزلىق» ئامىللىرىنى «ئىتتىپاقلىق» شوئارى ئاستىدا يوقىتىش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت