ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: «پارتىيەمىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 28-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىمنى پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە قوبۇل قىلدى. ئۇ رەھىمە مەخمۇت خانىمغا ئۆز پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋتقان سىياسىتىنى ھەر دائىم ھەر يەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئارقىدىن رەھىمە مەخمۇت خانىم سۆز ئېلىپ، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن رەھمەت ئېيتقان. ئاندىن كېيىن، ھازىر خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە بەزى ياۋروپالىقلار ۋىجدانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن، مەسىلەن، خىرىستىيان جامائىتى بىلەن يەھۇدىي جامائىتى ۋە بىر قىسىم غەربلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى جەھەتتىن بۇ مەسىلىگە قاراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك خەلقىنىڭمۇ مەسىلىسىگە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىنسانلىق مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختا دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ۋە باشقا پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز مىكروفونىمىزنى رەھىمە مەخمۇت خانىمغا ئۇزاتتۇق. ئۇ ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، «كېلەچەك» پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئىككى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن بۇ پارتىيەگە ئىككى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىرىنچىسى ‹كېلەچەك› پارتىيەسى سايلامدا سايلانسۇن ياكى سايلانمىسۇن، بىر سىياسىي پارتىيە سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھېچ بولمىسا خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ دۇنياغا جاكارلىشىنى تەلەپ قىلدىم. تۈركىيە نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالغا خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان تىل، دىنىي-ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەتلىرى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى قوغداپ قالىدىغان ئىش پىلانلىرى تۈزۈپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بەرگەن ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ھەر دائىم ھەر يەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتقان.

«كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ رەھىمە مەخمۇت خانىمدىن ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىگەن. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى رەھىمە مەخمۇت بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئۆزى تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتىگەندە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ھەم تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. بىز ‹كېلەچەك› پارتىيەسى ھەر دائىم ھەر يەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز.»

«كېلەچەك» پارتىيەسى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. بۇ پارتىيە قۇرۇلۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بۇ پارتىيە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنلار چاقىرىپ، پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بولسا تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندە، ئىككى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.