«كوپېنھاگېن 2024-يىللىق دېموكراتىيە مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ مۇھىم تېما بولغان

0:00 / 0:00

7-نۆۋەتلىك كوپېنھاگېن دېموكراتىيە ئالىي ئۇچرىشىشى يىغىنى 14-ماي كۈنى دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندىكى پادىشاھلىق ئوپېرا سارىيىدا باشلانغان. يىغىننى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق چوڭ فوندى جەمئىيەتلەر بىرلىكتە تەشكىللىگەن. «كوپېنھاگېن 2024-يىللىق دېموكراتىيە مۇنبىرى» دەپ ئاتالغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن (Mette Frederiksen) سۆزلىگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى، «دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن (Anders fogh Rasmussen) نىڭ نۇتقىدىن كېيىن، ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيىن (Ursula von Der Lein) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى چارلىس مىچېل (Charles Michel) قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزى ۋە خىتاي كەبى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارىتا شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرى سەۋەبلىك دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان دېموكراتىيەنى قوغداشنىڭ، نۆۋەتتە تەخىرسىز بىر ۋەزىپىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

يىغىنغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى، باش مىنىستىرلىرى، خەلقئارادا تونۇلغان سىياسىيونلار، مۇتەخەسسىسلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاخباراتچىلار، تەتقىقاتچىلار، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى، قانۇنچىلار، ئادۋوكاتلار، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق شەخسلەر بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ مۇدىرى مەمەت توختى قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

«كوپېنھاگېن 2024-يىللىق دېموكراتىيە مۇنبىرى» يىغىنىدا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 14-ماي، كوپېنھاگېن.
«كوپېنھاگېن 2024-يىللىق دېموكراتىيە مۇنبىرى» يىغىنىدا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 14-ماي، كوپېنھاگېن. (RFA/Ekrem)

14-ماي چۈشتىن كېيىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىمغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن. روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن ئالاقىدار مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالدىدا «بىتەرەپ تۇرۇش» دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ ھازىر دېموكراتىك غەرب ئەللىرىگە قەدەر كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى قەدىرلەشنى خالايدىغان ھەر بىر ئىنسان خىتاينىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن خاتىرجەم بىر ئىنسانىي مۇھىتنى مىراس قالدۇرمىسا، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنىڭ تولىمۇ پاجىئەلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نۇتقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مەشھۇر شەخسلىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا، مېنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم، ياخشى بىر ئىش بولدى، دەپ ئويلايمەن. مەن سۆزۈمنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان IPAC گە بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى توغرىسىدا قاراشلىرىم ۋە تەشەببۇسلىرىمنى بايان قىلدىم. مەن سۆزۈمدە، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە بۇنى ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدىم. مەسىلەن، يۈكسەك نازارەت سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقىل، بيئو-تېخنولوگىيە، مېدىئا قاتارلىقلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، غەرب دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ بۇ قورالنىڭ كۈنسېرى ئېغىر تەھدىتى ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن سۆزلەپ ئۆتتۈم.»

«ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ يىغىن ھەققىدە توختالغاندا، «خىتاينىڭ مۇستەبىتلىك سىستېمىسى مۇزاكىرە تېمىسى بولغان ھەرقانداق يىغىندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇنىڭ بىر ئۇچىغا چېتىلىپ ماڭىدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى ھەم مەشھۇر شەخسلەر قاتناشقان بۇ يىغىندا خىتاينىڭ دىگىتال (رەقەملىك) تېخنولوگىيە ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە كېڭەيمىچىلىكى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان.

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە كېلەچەكتە بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى تۈزۈش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.