جەنۋە «2024-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن، يەنى 15-ماي كۈنى، جەنۋەدە «2024-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنى» چاقىرىلدى. ھەر قايسى قىتئەلەردىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىپلوماتلار ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جىددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇھىم كۈنتەرتىپ بولدى.

يىغىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش كومىتېتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھىلېل نۇئېر (Hillel Nuer)نىڭ ساھىبخانلىقىدا، فىرانسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مانۇئەل ۋاللس (Manuel Valls)نىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى، مانۇئەل ۋاللس سۆزىدە، ئىنسانىيەت دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مانۇئېل ۋالەس(Manuel Valls) ئېچىلىش سۆزى قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە.
فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مانۇئېل ۋالەس(Manuel Valls) ئېچىلىش سۆزى قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە. (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ قېتىمقى يىغىنغا رائول ۋاللەنبەرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ سىياسەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دىرېكتورى براندون سىلۋەر (Brandon Silver) رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ، خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن چەكتىن ئاشقان قىلمىش ۋە قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نورۋېگىيەدىن بۇ مۇنبەرگە كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ كەچمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تونۇشتۇردى.

رائول ۋاللەنبەرگ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى سىياسەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دىرېكتورى براندون سىلۋەر(Brandon Silver) سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە.
رائول ۋاللەنبەرگ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى سىياسەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دىرېكتورى براندون سىلۋەر(Brandon Silver) سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە. (RFA/Hebibulla Izchi)

يىغىن ئارىلىقىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىنى ئۈچ خىل مەسىلە ئارقىلىق تونۇشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندا ئۈستىگە تىبەت بايرىقىنى يېپىنچاقلاپ سۆزگە چىققان، تىبەت ۋەكىلى خېمى لامو سۆزىدە، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ مىليوندىن جىق كىشىنىڭ جازا لاگېرىدا، مىليوندىن كۆپ تىبەتلىك بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا ئۈستىگە ئارتىپ چىققان تىبەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك! تىبەتلەرگە ھۆرىيەت دەپ شوئار توۋلىدى، شۇنداقلا پۈتۈن يىغىن زالىدىكى نەچچە يۈز كىشى بۇ شوئارغا جور بولۇپ يىغىن زالىنى لەرزىگە كەلتۈردى.

ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە.
ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە. (RFA/Hebibulla Izchi)

مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردىن باشقا خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىسى، رېي شىيا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا باغلاپ تونۇشتۇردى. ئۇ، سۆزىدە كامىلە ۋاھىت، ياشار ھوشۇر قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تىلغا ئېلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تىبەت قىز خېمى لامو(Chemi Lhamo) سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە.
تىبەت قىز خېمى لامو(Chemi Lhamo) سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە. (RFA/Hebibulla Izchi)

يىغىن ئارىلىقىدىكى تەنەپپۇستا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رېي شىيا، ئۆزىنىڭ كامىلە ۋاھىت ۋە ياشار ھوشۇردىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى تىلغا ئېلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇ بىر رېئاللىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت، بۇنى توختىتىشنىڭ بىردىن بىر يولى مۇشۇنداق خەلقئارا سەھنىلەردە، مەتبۇئاتلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىش» دېدى.

خىتاي پائالىيەتچى رېي شىيا سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە.
خىتاي پائالىيەتچى رېي شىيا سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە. (RFA/Hebibulla Izchi)

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقىنى بىر شەكىلسىز قىرغىنچىلىق، ئۇكرائىنا ياكى پەلەستىنگە ئوخشاش ئورۇش يوق، پەقەت بىر شەكىلسىز ۋە ئۆزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق» دېدى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئال بويىچە بەزى مىساللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تىبەتلەر پائالىيەتچىلەر نۇتۇق ئاخىرىدا سەھنىگە چىقىپ شوئار توۋلىدى ۋە تىبەت بايرىقى ئاچتى. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە.
تىبەتلەر پائالىيەتچىلەر نۇتۇق ئاخىرىدا سەھنىگە چىقىپ شوئار توۋلىدى ۋە تىبەت بايرىقى ئاچتى. 2024-يىلى 15-ماي، جەنۋە. (RFA/Hebibulla Izchi)

جەنۋە «2024-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنى» 30 دىن كۆپ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ھەر يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بىرى. بۇ قېتىمقى «جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشلىقلار يىغىنى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى قاتارىدا ئۆتكۈزۈلدى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جەنۋەگە يىغىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەرنى خەلقئارا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.