ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردا «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ سايىلىرى كۆزگە چېلىقىۋاتقان، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكا چېگراسىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان مېكسىكالىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئاخبارات سەھىپىلىرىدىن يەر ئېلىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىسلام ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش» نامىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئېقىمدىكى بۇ ھادىسىلەر بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقى غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى قىزىقتۇرىۋاتلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولغان «خۇشكا خەۋەرلىرى» دوكتور دەررىن بايلېر بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك رادىئو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى باشلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاشۇ ماكانغا ئاياق باسقان غەرب ئالىملىرىنىڭ ئاخىرقىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەسلەپ بولۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.
دەررىن بايلېر ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق خەلق ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي ئىقلىمى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاينىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدا ياشاۋاتقان، 11-12 مىليونچە نوپۇسقا ئىگە بىر تۈركىي خەلق. ئۇلار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغىنىغا ئاز دېگەندىمۇ مىڭ يىل بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولسا مۇشۇ رايوننىڭ يەرلىك ئاھالىسىدۇر. بۇ تارىخ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەرگىچە بېرىپ يېتىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇ رايوندا ساك، توخرى، سوغدى قاتارلىق قەدىمىي خەلقلەر بىرگە ياشىغان. بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار مىلادى 9-ئەسىردە موڭغۇلىيە يايلىقىدىن بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ، ھازىرقى تۇرپان ئەتراپىدا ماكانلاشقان. پۈتكۈل رايوندىكى خەلقنىڭ ھازىرقى نامى بولغان ‹ئۇيغۇر› سۆزى بولسا ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نامىدىن كەلگەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار مۇشۇ رايوننىڭ ھەقىقىي يەرلىك ئاھالىسىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا تۈركىي تىللىق قوۋملار ۋە ئىران تىللىق ئاھالىلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدە بولۇپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئۆزبەكلەر بىلەن بەكمۇ يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە، يەنە بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ ھەممىلا نەرسىسى يەرلىك تارىخ ۋە ئىسلام دىنى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. بۇ جەھەتتە ئۇلار خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ.»
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. دەررىن بايلېر شەھەرلەشكەن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىنى داۋام قىلىۋاتقان قىرغىزلار، قازاقلارنىڭ ئەجداد ۋە تارىخ جەھەتتە بىر-بىرىگە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، پەقەت كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سىياسىي مەنپەئەتلەر تەقسىماتىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ پارچە-پارچە خەلقلەرگە ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە كەلگەندە ئۇ مۇنداق دېدى: «1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۆزى بىلەن ئۆزى ياشىغان، دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەۋھۇم توسۇقلار كۆپلەپ مەۋجۇت بولغان. ئۆزلىرىنى تۈركىي مۇسۇلمانلار، دەپ قاراپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بوستانلىقلارنىڭ نامى بويىچە ‹خوتەنلىكلەر›، ‹قەشقەرلىكلەر› دېگەندەك ناملاردا ئاتاشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇپ باقمىغان، يەنە كېلىپ ئۇلار كۆرگەن خىتايلار قانداقتۇر ئەسكەر ياكى ئەمەلدار دېگەندەك كىشىلەر بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق دائىرىسىدە خىتاي ئامىلى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدا مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى. تارىم ۋادىسىدا بولسا تاكى بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىلچە ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 95 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولىدىغان مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان بولسىمۇ ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى تۈپەيلىدىن مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر خىتايغا بېرىش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس ئىدى.»
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن 1950-يىللاردىن باشلاپ ھەممىلا نەرسىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش ۋە ئۇلارنى «يېڭى زامانغا يۈرۈش قىلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى «كونىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش» قا تەشكىللىگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ بىر قېتىم ئاجىزلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقاد ساھەسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە سۆز بولدى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساھەدە «ئاپتونومىيە» دىن بەھرىمەن بولغان ھالدا ياشىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىشى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن.
دەررىن بايلېر شۇلار ھەققىدە سۆز قىلىۋېتىپ ئۆزى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارغان دەسلەپكى ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن 2003-يىلى تۇنجى قېتىم بۇ جايغا بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى ئەھۋال ھازىرقىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنەتتى. دەرۋەقە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستا بولغان. مەسىلەن ئالساق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردە ئۇيغۇرلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى. قەشقەردە بۇ ۋاقىتلاردا خىتايلار بولسىمۇ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەھەللىسىنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەي ياشايدىكەندۇق. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سۈرەت تارتىشقا كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەكلا ھەيران قالغان ئىدىم. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتى، بۇ بازارلارغا بىر كەلگەن يۈزلىگەن قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى، بۇلاردىن بازارلارغا توختاۋسىز ئېقىپ كىرىۋاتقان نەپىس مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ‹ياۋايىلار ماكانى› دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندىلا مەۋجۇت بولۇۋاتقان، دۇنيانىڭ مەن بېرىپ باققان باشقا جايلىرىدىن ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت دۇردانىلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇ مەدەنىيەت ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئاغزاكى شەكىلدە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇلار ياشاۋاتقان ئاشۇ زېمىنغا ھەمدە ئۇلارنىڭ يىلتىزىغا مەھكەم باغلانغان ئىدى.»
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە رىياسەتچى قەشقەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە توختالدى ھەمدە نۇقتىلىق قىلىپ قەشقەردىكى كونا شەھەرنىڭ چېقىۋېتىلىشىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، ھەتتا ساقال-بۇرۇت ۋە ھېجابلىرىغىچە بولغان شەيئىلەرنىڭ يوقىتىش نىشانى بولۇشىدىكى باشلانما نۇقتا بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا بۇ خىل مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى ھادىسىسىگە قارىتا قەشقەردىكى خىتايلار ھەمدە بۇ جايغا يۈزلەپ-مىڭلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ قانداق ئىنكاستا بولغانلىقىنى سورىغاندا دەرېن بايلېر مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ رايونغا ساياھەتكە كېلىۋاتقان خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى ھەققىدە ھېچقانچە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ‹شىنجاڭدا زورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ› دېگەندەك گەپلەرنى جىق ئاڭلاپ كەتكەنلەردۇر. شۇڭا بۇ خىتايلارنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى ئۆزلىرىنىڭ قەشقەردىكى ساياھەت جەريانىدا ئامان-ئېسەن بولۇشى بولۇپ قالغان. شۇڭا بۇ خىل بىر پۈتۈن شەھەرنى چېقىش ھەرىكىتى ئۇلارغا بىر تۈرلۈك قىزىقچىلىق بولۇپ تۇيۇلغان، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنە ساھەسىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. يەنە كېلىپ ئۇلار قەشقەردە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ھالدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلغا چۈشۈشىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە سۆزلىشىشىنى كۆرۈشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلار ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ پۇقرالىرىدەك تۇيغۇ بېغىشلايتتى.»
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.