ئاۋسترالىيەدىكى «خوشكا خەۋەرلىرى» رادىيوسىنىڭ دوكتۇر دەررېن بايلېر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە گەپ تەبىئىي رەۋىشتە خەلقئارا ئاخباراتلاردىكى باش تېمىلاردىن بولۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە بولدى. رىياسەتچى بۇ خىل قەبىھ ۋاسىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق بىر مىللەتنى ئۆزگەرتىشتەك ئۇرۇنۇش ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭدىكى ئەسلىي مۇددىئانىڭ نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىدى.
دەررېن بايلېر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تور ساھەسىنىڭ 2010-يىلى بىر قېتىم قاتتىق تەرتىپكە سېلىنىپ قايتا ئېچىۋېتىلىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تورغا چىققۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بارغانلىقىنى، ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيانى كۆزىتىشى ۋە ئالاقە باغلىشى تېخىمۇ يۈكسەلگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئىسلامنىڭ زادى قانداق شەيئى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە، نېمىشقا ئۆزلىرى بىلەن باشقا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بۇنچە زور پەرقنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىشقا تىرىشىپ كەلدى. دەرۋەقە ئىنتېرنېت بۇنىڭدا مۇھىم ۋاسىتىچى بولدى. مەن زىيارەت قىلغان ياشلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قەتئىي رازى ئەمەسلىكىنى، بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەسەرلەرگە ۋە ئىسلامىي مەزمۇندىكى تەبلىغلەرگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ ماڭدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىگە قېچىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا ۋە بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئىككى قېتىملىق زورلۇق كۈچ ۋاسىتىسى يۈز بەردى. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور باھانە بولۇپ بەردى. بۇ ۋەقەلەردە كۆپلىگەن سىرلىق ھادىسىلەر مەۋجۇت، يەنە كېلىپ بىرنەچچە ئائىلىنىڭ ياكى شەخسنىڭ خۇسۇسىي شەكىلدىكى زورلۇق ھەرىكىتىگە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى جاۋابكار ئەمەس.»
دەررېن بايلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنە شۇ يوسۇندا ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرا شەرقتە مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزلەپ ئەسىر ئېلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشى، شۇنىڭدەك 17-ئەسىرلەردىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلارنىڭ قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە باشقا شەكىللەردىكى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشى قاتارلىق تارىخىي ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت. دەررېن بايلېر بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈنلەي قوراللىق كۈچلەردىن ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ھالەتتە پۈتكۈل مىللەت بويىچە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقى ھەمدە مىليونلاپ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇيغۇرلار بۇ ماكاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئىندىيانلارغا ئوخشايدۇ. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ئىندىئانلار مۇسۇلمان بولغان بولسا ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش› ھەرىكىتى جەريانىدا بۇ ئىندىئانلار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بولسا بۇ ئىككى قوۋمنى سېلىشتۇرساق بولاتتى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق تىلدا سۆزلەيدۇ، ئۇلار خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۇيغۇرلار بۇرۇن قانداق بولسا ھازىرمۇ شۇنداق ياشاۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ماكانغا يېقىندا كۆچۈپ كەلگىنى يوق، ئەكسىچە خىتايلار ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا بۇ ماكانغا تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەلگەن. ئەمما ئۇلار كۆچۈپ كېلە-كەلمەيلا مۇستەملىكىچىلىك سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا ‹ئىسلام ۋەھىمىسى› نى بازارغا سالدى. بۇنىڭدا ئۇلار تېزدىنلا ‹چەتتىن كىرگەن ئەجنەبىي دىنىي ئېتىقادنى تازىلاش› نەزەرىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ھەممىلا نەرسىسى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىسلامغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئۇلارنىڭ ئەرەبچە ‹ھالال› بەلگىسىنى يوق قىلىش، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ سۆزنىڭ خىتايچە تەرجىمە قىلىنغان ‹چىڭجېن› دېگەن نۇسخىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىدا ئىپادىلەندى.»
سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا ھازىر ھەممىلا كىشىگە مەلۇم بولۇشقا باشلىغان لاگېرلارنىڭ ئومۇمى خاراكتېرىنى قانداق چۈشىنىش لازىملىقى ھەققىدە سۆز بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايلار ھەققىدىكى تەسۋىرلىرى بىلەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ زىددىيەتلىك ئەھۋالىغا كەلگەندە دەررېن بايلېر لاگېرلارنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ھازىر مەلۇم بولغان «لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى» غىچە بولغان ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«لاگېر سىستېمىسى ئەمەلىيەتتە 2014-يىلىلا باشلانغان. شۇ ۋاقىتلاردا ھەرقايسى ناھىيەلەردە ياتاق شەكلىدە سېلىنغان، تۈرمە شەكلىدە باشقۇرۇلىدىغان بۇ خىل مۇئەسسەسەلەرگە دىنىي ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەنلەر ۋە خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان دىنىي زاتلار توپلاندى. بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى قايتا تەربىيە ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما بۇلار ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتكەن ئىشلار ئەمەستۇر. 2016-يىلىغا كەلگەندە بۇ خىل مۇئەسسەسەلەر ھەسسىلەپ كۆپەيتىلدى، ئۇنىڭغا ئەۋەتىلىدىغانلار دىنىي زاتلاردىن ھالقىپ چەتئەلگە چىققانلار، پاسپورت ئالغانلار ۋە باشقا ئادەتتىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرگە كېڭەيدى. مەن بىلىدىغان كىشىلەردىنلا نۇرغۇنى مۇشۇ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلدى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى. كېيىنچە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسلىقى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى. 2018-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن خاتالىشىپ تۇتقۇن قىلغان بەزى قازاقىستان پۇقرالىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن لاگېرلاردىن چىقتى. بۇ كىشىلەر تاشقى دۇنياغا چىققاندىن كېيىن لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارنىڭ مۇدھىش شەكىللىرى، ئىنسان چىدىغۇسىز ناچار تۇرمۇش شارائىتى ۋە دائىملىق پائالىيەتكە ئايلانغان مىللىي كىملىكنى ئىنكار قىلىش ھەرىكىتى، قىسقىسى بۇ جايلارنىڭ قانداقتۇر مەكتەپ ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى. كېيىنچە بۇ جايلاردىكى خىتايچە ئۆگىنىش، خىتاي دۆلىتىگە سادىق بولۇش، ئۆز ‹جىنايىتى› نى ئېتىراپ قىلىش دېگەندەك ساھەلەر بويىچە ‹لاياقەتلىك› بولغانلارنىڭ لاگېردىن چىققانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما ھەقىقەتتە مۇشۇ يوسۇندا ‹لاياقەتلىك› بولۇپ ‹ئازاد بولغان› 700 مىڭچە كىشى لاگېردىن ئانچە پەرق قىلمايدىغان زاۋۇتلارغا ھەقسىز ئەمگەك كۈچى بولۇپ يۆتكەلدى. ئۇلار بۇ جايلاردا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ جايلاردا سانائەتلىشىشنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ تەربىيىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ‹ئۇيغۇرلارنى پۇرولېتارىياتچىلارغا ئايلاندۇرۇۋاتىمىز› دەۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، «لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپ قىسىم كىشىلەرنى ئىشەندۈرەلمىگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ لاگېرلاردىن قويۇۋېتىلگەنلىكى يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈمىد بېغىشلىماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى مەۋجۇتلا بولسا ئۇيغۇرنىڭ بوينىدىن زۇلۇم زەنجىرى ئاجرىمايدۇ. بۇ ھال لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ياكى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00