«مېنىڭ يېڭى دەرسخانام» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى سېتىۋالدى كېرىمنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ج خ خادىملىرى ئاتۇش شەھەرلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى سېتىۋالدى كېرىمنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سېتىۋالدى كېرىم ئۇيغۇر ئېلىدە سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ رەھبەرلىكى، يالقۇن روزى، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشى بىلەن تۈزۈلگەن «ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى» يېڭى دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئوقۇتۇلىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان ۋە بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، «مېنىڭ يېڭى دەرسخانام» ناملىق كىتاب يازغان ئىكەن.

بىز يېقىندا ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەپۋىسزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار بىر خادىمىدىن، ئاتۇشنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بويىچە ئەڭ ئېغىز جازالانغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدۇق.

بۇ خادىم، ئاتۇش شەھەرلىك 1 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى سېتىۋالدى كېرىمنىڭ 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. سېتىۋالدى كېرىمنىڭ «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا داۋاملىق ھېكايە ئېلىپ قىلىپ تۇرىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان مەزكۇر خادىم، ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

نورۋېگيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» تۈزگەن «تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» دە، سېتىۋالدى كېرىمنىڭمۇ ئىسمى بار بولۇپ، بىز مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىدىن سېتىۋالدى كېرىمنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يازغۇچى سېتىۋالدى كېرىم 1970‏-يىلى ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئوتياغ كەنتىدە تۇغۇلغان. 1988‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاتۇش شەھەرلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. ئۇ، تۇتقۇن قىلىنغان 2017‏-يىلىغا قەدەر مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

مەزكۇر ساقچى خادىمى سېتىۋالدى كېرىمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 1990‏-يىللارنىڭ ئاخىرى، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى قايتا تۈزۈش ئىشى ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي دائىرىلىرى 2017‏-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا دەسلەپتە ئۆزلىرى تەستىقلىغان بۇ دەرسلىك كىتابلىرىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئۇنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئىشتىراك قىلغان زىيالىيلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلغان ئىدى. تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سېتىۋالدى كېرىم ئەنە شۇ يېڭى دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۈلگە تىكلىگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەن. دېيىلىشىچە، سېتىۋالدى كېرىم بۇ جەرياندىكى تەسىراتلىرى بايان قىلىنغان «مېنىڭ يېڭى دەرسخانام» ناملىق كىتاب نەشىر قىلغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتقا كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر دەرسلىكنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلغان شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقلىرىدىن ئابدۇرازاق سايىم بىلەن ئالىمجان مەمتىمىنلەرگە، شۇنداقلا مەزكۇر دەرسلىكلەرنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىلىرىدىن بولغان يالقۇن روزى، تاھىر ناسىر، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق كىشىلەرگە ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سېتىۋالدى كېرىم ئەينى ۋاقىتتا ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ بىر قىسىم ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىدە «مېنىڭ يېڭى دەرسخانام» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيەلەر سۆزلىگەن، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلىگەن ۋە رىغبەتلەندۈرگەن ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنڭ دېيىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2017‏-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا، يېڭى دەرسلىكلەرنى ئىشتىياق بىلەن ئۆتكەن كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان. «ئۇيغۇريار فوندى» بۇلاردىن پەقەت سېتىۋالدى كېرىم قاتارلىق 20 نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭلا تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالىغان ۋە تۇتقۇنلار تىزىملىككە كىرگۈزگەن.