ئالېكساندېر پاپاس بىلەن سۆھبەت: «دەرۋىشلەر شۇنداق دەيدۇ!» (1)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قالاقلىققا خاتىمە بېرىش» نامىدا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە تاشقى دۇنيا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئ‍اتاۋاتقان سىياسىي ھەركەتنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق ئېتىقادى بولغان ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بارچە ھادىسىلەرنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەھەتتىكى رېئاللىقنىڭ تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، غەرپ دۇنياسىدىكى ئالىملار بۇ ساھەگە مەنسۇپ بىر قىسىم يىرىك ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە ھەمدە بۇ ئارقىلىق دىنىي مۇساپە ئۆتمۈشىنىڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشماقتا. فرانسىيەدىكى ئىسلام دىنى تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئالېكساندېر پاپاسنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق نەشرىيات بولغان برىل نەشرىياتىدا 2019-يىلى نەشر قىلىنغان «دەرۋىشلەر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق ئەسىرى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

بۇ ئاپتورنىڭ يېقىنقى مەزگىللەرگىچە مۇستەقىل ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ نەشردىن چىقارغان ئون نەچچە پارچە كىتاۋى ئىچىدە 2006-يىلى نەشر قىلىنغان «خىتاي، تىبەت ۋە تۈركىستان ئارىسىدىكى سۇفىزىم مەزھەپلىرى ۋە سىياسەت: شەرقىي تۈركىستاندىكى نەقشبەندى خوجىلىرى»دىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە چېتىشلىق يەنە بىر پارچە ئەسىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاپتور قەلەم تەۋرەتكەن دەۋرلەردىن 18-19-ئەسىرلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنئەنىۋى ھالىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ رۇس ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى بىلەن ماس ھالدا مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ غەرپكە كېڭەيمىچىلىك قىلىشى مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. يەنە كېلىپ بىر قىسىم ئالىملار كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىمۇرىيلار ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭ نېرىسىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيىىسنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن قەدىمىي «يىپەك يولى»نى بىخەتەر ھېس قىلمىغان ياۋروپالىقلار يېڭى دېڭىز يولىنى ئاچقان ھەمدە ئاقىۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانى دۇنيادىن بېكىك ھالغا چۈشكەن بىر رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چۈشكۈنلۈك دەۋرى رەسمىي باشلىنىپ، ئاپتورنىڭ قەلىمىدىكى «دەرۋىشلەر ۋە قەلەندەرلەر دەۋران سۈرگەن» ئالاھىدە بىر دەۋر مەيدانغا كەلگەن.

دوكتۇر ئالېكساندېر پاپاس بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز ئەسىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

«مەن بۇ ئەسىرىمدە ئالاھىدە قىلىپ سۇفىزىم ياكى ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇف ھەققىدە توختالدىم. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە بىر ھادىسە. مېنىڭچە بۇ ئەسەرنى ھازىرقى زامان تارىخى باشلىنىش ھارپىسىدىكى سۇفىزىم مەزھەبلىرىنىڭ ئەھۋالىغا بېغىشلانغان ناھايىتى ئاز ساندىكى يىرىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى، دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغان بۇ ئەسەر يېقىنقى مەزگىللەردە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا دائىر باشقا ئەسەرلەردىن قىسمەن پەرقلىنىدۇ. مەن بۇ ئەسىرىمدە نۇقتىلىق قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن چەتتە قالدۇرۇلغان مۇزىكانتلار، سەيياھلار، دەرۋىشلەر قاتارلىق تولىمۇ قىزىقارلىق بولغان شەخسلەر تۈركۈمى ھەققىدە توختالدىم.»

ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 18-ئەسىرلەردە ئىجتىمائىي زور ئېقىم سۈپتىدە مەۋجۇت بولغان تەسەۋۋۇف دۇنياسىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولغان دەرۋىشلەر ئۇيغۇرلار ئارسىدىمۇ ئۆزىگە خاس شەكىلدە مەۋجۇت بولغان. ئەمما بۇ خىل دەرۋىشلەر ئۆز زامانىسىنىڭ سۇفى پىرلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان كىشىلەر ئىكەن.

«دەرۋىش دېگەن بۇ سۆز پارسچىدىن كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر ئ‍ستىمال قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار چوڭ جەھەتتە تەسەۋۋۇف مەزھىپىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسىمۇ سۇفىلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار نوقۇل ھالدا ئادەتتىكى سوفىيلارغا قارشى ئىدىيەدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۇنياقارىشى ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلار ياكى سۇفىيلارغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، دەرۋىشلەر كۆپىنچە تىلەمچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ بولسا سۇفىزىمدا مەۋجۇت بولمىغان ھادىسىدۇر. يەنە بىرى بۇ خىل دەرۋىشلەر كۆپىنچە نەشە دېگەندەك سۇفىزىم پىرلىرى مەنئى قىلغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىدۇ. بۇ بىزنىڭ دەرۋىشلەرنى پەرقلەندۈرىشىمىزدىكى ئەڭ تۈپ تەبىرلەر.»

چىڭ ئىمپېرىيىسى 1759-يىلى ئاكا-ئۇكا بۇرھانىدىن ۋە خان خوجا باشچىلىقىدىكى مانجۇلارغا قارشى ئىسياننى تىنجىتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا خىتاي دۆلىتىنىڭ يوقالغىنىغا مىڭ يىلدىن ئاشقان تەسىرى دەسلەپكى قەدەمدە قايتىدىن ئاياق باسقان. ئەنە شۇ مەزگىللەردىكى تارىم ۋادىسىدا كۆپلەپ كۆزگە چېلىقىدىغان يەنە بىر تۈركۈم «پەۋقۇلئاددە كىشىلەر» باشقىلار بىردەك «قەلەندەر» دەپ ئاتايدىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇلارمۇ ئۇنىڭ ئەسىرىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن.

«بۇ قەلەندەر دېگەنلەر دەرۋىشلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر تارماق گۇرۇپپا كىشىلەردۇر. چۈنكى دەرۋىش دېگەن بەكلا ئومۇمىي تۈس ئالغان بىر ئاتالغۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس سىستېمىلاشقان ئەنئەنىسى بولۇپ، بۇلار ئادەتتە <قەلەندەرىيە> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ ئۆز ئالدىغا خاس بىر تۈركۈم تەسەۋۋۇف گۇرۇھى بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە شېئىرىيەتنى كۆپلەپ قوللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدە <كەيپلىك> تېمىسى كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار مەخسۇس بىر توپ بولۇپ، شەھەرلەردە ياشايدۇ. ئەمما بۇ ھادىسە ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە قالمىدى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇلارنىڭ مەخسۇس تەشكىل قىلىنغان گۇرۇپپىلىرى بار ئىدى.»

مۇشۇ مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىلار ۋە ئالىملارنىڭ بىردەك شۇ دەۋرىدىكى سۇفىزىم مەزھەبلىرىگە باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولغاندا دوكتۇر پاپاس بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ زاماندىكى ئەڭ يۈكسەك ئىدىئولوگىيەگە مەنسۇپ بولغان تەسەۋۋۇف دۇنياسىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى تەبىئىى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل زىيالىلاردىن ئىلم ساھەسىدىكى ئورنى يۇقۇرى بولغانلىرى ئاساسەن مۇشۇ خىل ئەندىزىدە بولغان.

«بۇ ئەللامىلەر قارىماققا سۇفىزىمغا بەكلا يېقىن تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا ھادىسىنى بىرنەچچە تەرەپتىن قاراشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن ئالايلى، 15-ئەسىردىكى ئۇلۇغ شائىر ۋە زىيالىي بولغان ئەلىشىر ناۋايىغا قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ ئ‍ۆز زامانىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا بەكمۇ زور تەسىرگە ئىگە بولغان نەقشىبەندىي سۇفى مەزھىبىگە چېتىشلىق شەخس ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ ئۇستازى بولغان يەنە بىر بۈيۈك شائىر ئابدۇراخمان جامىي بولسا نەقشىبەندى سۈلۈكىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ھاجى ئابدۇراخمان، ئەمىر ھۆسەيىن خاراۋى دېگەنلەر شۇ زاماننىڭ بەك يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ئالىملىرى. ئەمما ئۇلار قەلەندەرلەر ئىدى. »

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، 17-، 18-ئ‍ەسىرلەردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نەزەر سالغاندا شۇ زاماننىڭ كۆپلىگەن ئالىملىرى تەكىتلىگەن ئىسيانكارلىق روھىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلق ئارىسىغا تارقىلىشىدەك بىر ھادىسىنى بايقاش مۇمكىن ئىكەن. بۇ جەھەتتە ئاقسۇ شەھرىدە تۇغۇلغان ئابدۇللا خاراباتى تىپىك مىساللاردىن بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى ھۆكۈمران ئىدىيەلەرنى چۆرۈپ تاشلاش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى ئۇنى يىگانە بىر ئوبرازغا ئايلاندۇرغان.

«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا بەكمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خاراباتى بولسا شۇ زاماندىكى ئەدىبلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي گۇرۇپپلار ۋە تەبىقىلەر ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن يىگانە كىشىدۇر. ئۇ ئەسەرلىرىدە دېھقانلار، ھۆنەرۋەنلەر، تىۋىپلار، شەھەر-قىشلاق كاتتىۋاشلىرى ھەمدە باشقا سىياسىي ۋە دىنىي ساھە ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىغا قارايدىغان بولساق بۇلاردىن شۇ زاماندىكى شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى تەنقىدلەش ئامىللىرىنىڭ مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال شۇ زاماندا ئادەتتىكى ئەدىبلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ھادىسە ھېساپلىنىدۇ. خاراباتىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يەنە بىر روشەن ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە ئۇنىڭدا قوللىنىلغان تىلنى كۆرسىتىش مۇمكىن. خاراباتىنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل مۇرەككەپ ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇفىستىك تىل بولماستىن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئاددىي تىل. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھەمممىسى ئۇنى چۈشىنەلەيدۇ. بۇ تولىمۇ ساپ بولغان تۈركىي تىل بولۇپ، ئۇنى ئاقسۇدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئوقۇغانلىكى كىشىلەر چۈشىنىپ ماڭغان. شۇڭا ئۇنى بىر تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت تىلى، دېسەكمۇ بولىدۇ.»

تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردىن خوتەن، قەشقەر ۋادىلىرىمۇ ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ جايلاردىكى مەدىنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش باشقا بوستانلىقلاردىن قىسمەن پەرقلىق ھالدا داۋام قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.