ئالېكساندېر پاپاس بىلەن سۆھبەت: «دەرۋىشلەر شۇنداق دەيدۇ!» (2)
2020.08.10

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە كۆلەم ۋە سالماق جەھەتتە ئىزچىل چوڭقۇرلاپ ماڭغان بولۇپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد مۇساپىلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭدىكى ئەگرى-توقاي تەرەققىياتلارنى شەرھلەپ بېرىشنى نىشان قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەر غەرب دۇنياسىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق نەشرىياتلاردىن بولغان بىرىل نەشرىياتىدىن چىققان «دەرۋىشلەر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق ئەسەردۇر. مۇئەللىپ ئالېكساندېر پاپاس ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىگە دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىنىڭ 2018-يىلىدىكى فرانسۇزچە نۇسخىسىدىن ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئىدى.
ئاپتور مەزكۇر ئەسىرىدە قەلەم تەۋرەتكەن دەۋر 18-19-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنئەنىۋى ھالىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى بىلەن ماس ھالدا مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلىشى ماھىيەتتە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانىدى. يەنە كېلىپ بىر قىسىم ئالىملار كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىمۇرىيلار ئىمپېرىيەسى ۋە ئۇنىڭ نېرىسىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن قەدىمىي «يىپەك يولى» نى بىخەتەر ھېس قىلمىغان ياۋروپالىقلار يېڭى دېڭىز يولىنى ئاچقان ھەمدە ئاقىۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانى دۇنيادىن بېكىك ھالغا چۈشكەن بىر رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چۈشكۈنلۈك دەۋرى رەسمىي باشلىنىپ، ئاپتورنىڭ قەلىمىدىكى «دەرۋىشلەر ۋە قەلەندەرلەر دەۋران سۈرگەن» ئالاھىدە بىر دەۋر مەيدانغا كەلگەن.
ئاپتور ئەسەردە ئالاھىدە سەھىپە ئاجراتقان تېمىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاللىقاچان كۆزدىن غايىب بولغان مەدداھلىق ئەنئەنىسىدۇر. ئاپتورنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى ئاغزاكى شەكىلدە كېيىنكى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىش ھادىسىسى دەل مۇشۇ مەدداھلىق ئەنئەنىسىدىن ئوزۇق ئالغان. بۇ بولسا مۇشۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ ئەۋلادلار ئارىسىدا ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلماي داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا مۇشۇ تېما ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئەسىردە مەدداھلار مەدھىيە خاراكتېرىدىكى غەزەللەرنى ئوقۇيدىغان، مۇئەييەن دەۋرلەرگە خاس ۋەقەلەرنى مەدھىيە شەكلىدىكى تېكىستلەر ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىدىغان كىشىلەر بولغان. ھازىرقى زامان تارىخىغا كەلسەك ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا 19-ۋە 20-ئەسىرلەردە بۇ خىلدىكى مەدداھلار شۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ئايلانغانكى ئۇلار ئاساسەن ئەدەبىياتنىڭ داستان شەكلىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك خاتىرىسى ئارقىلىق پۈتۈن-پۈتۈن داستانلارنى يادقا ئېلىۋالىدۇ. بەزىدە ئۇلار كلاسسىك ئەدەبىياتقا خاس شېئىرىي ئەسەرلەرنىمۇ يادقا ئالىدۇ، جۈملىدىن (باياتىن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن) خاراباتىدەك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن يەر ئالغان بولىدۇ. ئۇلار ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەدەبىياتنىڭ مۇشۇ دۇردانىلىرىنى توپلانغان كىشىلەرگە ئاغزاكى شەكىلدە نامايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ مەدداھلار يەنە ئىسلام دىنىدىكى پەيغەمبەرلەر ۋە بىر قىسىم ئەۋلىيالارغا خاس قىسسەلەرنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىشنى ئادەت قىلغان. شۇڭا ئۇلار مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشتە مۇھىم ھالقا رولىنى ئوينىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە مەدرىسەلەرنىڭ سىرتىدا، مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىدا، بولۇپمۇ ئاۋات بازار-رەستىلەردە ئاشۇ داستانلار ۋە غەزەللەرنى جانلىق ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەردىن پۇل يىغىدۇ.»
دوكتور ئالېكساندېر پاپاسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەدداھلىق ئەنئەنىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملىنىشكە ئەگىشىپ بارغانسېرى ئاجىزلاپ ماڭغان ھەمدە ئاخىرى بېرىپ تامامەن يوقىلىشقا يۈزلەنگەن. تىل، ئەدەبىيات، فولكلور ۋە باشقا كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بۇ ئەنئەنىنىڭ تارىخىي تەسۋىرىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنى ھەمدە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق ھادىسىلەرنى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» شامىلىغا باغلاپ يوقىتىشىدا ئالدى بىلەن زەربە يېگەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى مىساللار قاتارىدا خىتاي دائىرىلىرى لاگېرغا قامىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە داۋۇتنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق بۇنى «بىر قېتىملىق زور تارىخىي تراگېدىيە» دەپ كۆرسەتتى.
«راھىلە داۋۇت بىزنىڭ يېقىن دوستلىرىمىزدىن ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنى ياخشى بىلىمەن. بىز ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەت يامانلىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بەزى تەتقىقاتلارغا بىرلىكتە قاتناشقان. راھىلە ۋە باشقا ئالىملارنىڭ خىزمىتى بەكمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئەمگەكلەر بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىىشىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تۈرلۈك ئاپەت ياكى تراگېدىيە بولدى، دېسەك خاتا كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئالىملىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ھەقىقەتەن مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر تراگېدىيە ھېسابلىنىدۇ. باياتىن سىز تىلغا ئالغاندەك دەل مۇشۇ خىلدىكى ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان تەۋەررۈك بىلىملەرنى مەدەنىيەت دالاسىدىن توپلاۋاتقانلار ئىدى. راھىلەنىڭ ئۆزىمۇ زامانىمىزغا كەلگەندە تەدرىجىي كۆزدىن يۈتۈشكە باشلىغان ئاشۇ مەدداھلىق ئەنئەنىسىنى قېزىۋاتقان ئىدى. شۇڭا بۇ تىراگېدىيەلەرنىڭ پاتراق ئاخىرلىشىشى، راھىلەدەك ئالىملارنىڭمۇ تېزرەك ئەركىنلىككە چىقىشى ھازىر بەكلا مۇھىم.»
ئاپتور بۇ قېتىمقى ئەسىرىدە ئالاھىدە توختالغان يەنە بىر نۇقتا 17-19 ئەسىرلەر ئارىلىقىدا سۇفىزىم مەزھەپلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت ساھەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى بولغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى پايدىلانغان مۇھىم ئەسەرلىرى ئىچىدە 1980-يىللىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇئەييەن تەسىر قوزغىغان مەرھۇم ئۇيغۇر زىيالىيسى نىزامىدىن ھۆسەيىننىڭ «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالىسىمۇ بار. ئەمما دوكتور پاپاسنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ دەۋردىكى تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە چىقىرىلغان خۇلاسە شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى يادرولۇق مەزمۇن بولغان سۇفىزىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بىلەن تۈگەللەنگەن. شۇڭا ئۇ بۇنى تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ھۆكۈم، دەپ قارايدۇ.
«نىزامىدىن ھۆسەيىننىڭ ئەمگەكلىرىدىن ياخشى خەۋىرىم بار. ئۇ بەزى مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئوبدان بايان قىلغان. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە نىزامىدىن ھۆسەيىننىڭ ئەسەرلىرىدە ئىككى تۈرلۈك مەسىلە بار. بىرى، ئۇ كىشى ئەنئەنىۋى بولغان ئىسلاھاتچىلىق ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، سۇفىزىمغا پۈتۈنلەي قارشى مەۋقەدە. بۇ بىر تۈرلۈك پەۋقۇلئاددە ئىدېئولوگىيە بولۇپ، ئۇنىڭدا ‹سۇفىزىم بىر تۈرلۈك قالاق ھادىسە، شۇڭا ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم› دېگەن ئىدىيە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار بۇنىڭدا ‹ماۋۇنىڭ سەۋەبى ئاۋۇ› دېگەن شەكىلدىكى سەۋەب-نەتىجە قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەمما تارىخىي پاكىتلار نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ قاراش رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىزنىڭ ‹ئىسلام دىنىدىكى ماۋۇ نەرسە ياخشى ئىدى، ئاۋۇ نەرسە ياخشى ئەمەس› دەپ باھالىشىمىزنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.»
ئاپتور بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن «جاھالەت قاپلىغان دەۋر» دەپ ئاتىغان ئاشۇ تارىخىي باسقۇچنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبىنى سۇفىزىمغا باغلاپ قويۇشىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە سۇفىزىم ۋە ئۇنىڭ بۇرمىلانغان شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پەرقنى دىققەتتىن ساقىت قىلماسلىقنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ئاشۇ دەۋردىكى بارلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ سۇفىزىم تامغىسى بېسىلغان ھالدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
«ئىككىنچىسى، چىڭ ئىمپېرىيەسى دەل ئۆزىنىڭ ئاشۇ ‹جاھالەت ۋە زۇلمەتلىك› دەپ قارىلىۋاتقان دەۋردىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ‹خانىدانلىقىمىزنىڭ قالاق خەلقلەرگە تىنچلىق ۋە مەرىپەت تارقىتىشى› دەپ شەرھىلىگەن. شۇڭا نىزامىدىن ھۆسەيىننىڭ ئاشۇ بايانلىرى ئۆزىمۇ ئويلىمىغان يەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن كېلىپ قالغان. ئەمما بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ 17-ۋە 18-ئەسىرلەردىكى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە مەسىلەن، ئەدەبىيات ساھەسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق شېئىرىيەت، تەزكىرىچىلىك، تارىخىي خاتىرەشۇناسلىق ياكى بىناكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى (مەدرىسە، مەسچىت، خانىقا)نىڭ ھەممىسى سۇپىلارنىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى بۇ مەزگىللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا، شۇنداقلا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇفىزم ئاساسلىق مەدەنىيەت كۈچلىرى بولغان. مەن بۇ ئەسەردە نۇرغۇن ئەسلى مەنبەلەرنى ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمىلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايان قىلدىم.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىسلام دىنىغا باغلىنىشلىق بارلىق ھادىسىلەرنى «قالاقلىق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ چۈشەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، تاشقى دۇنيادىكىلەر بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى» دېمەكتىكەن.