دەريا يانىق خانىم: «بىز تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

0:00 / 0:00

«بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ X تورىدا ئۆز باياناتىنى بىلدۈرگەن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرى، پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىق 9-يانۋار كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۆز ئىشخانىسىدا ئىستانبۇلنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىق بىر ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشكەنىدى.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە تۈركىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاشكارا، رەسمىي ۋە كەسكىن بىر رەۋىشتە بايانات ياكى خىتايغا نىسبەتەن كەسكىن بىر ئەيىبلەش ئېلان قىلماي كېلىۋاتقان تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرىنىڭ مەزكۇر باياناتى دىققەت قوزغىدى. چۈنكى مەزكۇر باياناتتا خىتايغا نىسبەتەن بىر تەنقىدىي تون ئىپادىلەنمىگەنىدى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىق خانىم. 2024-يىلى 9-يانۋار، تۈركىيە.
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىق خانىم. 2024-يىلى 9-يانۋار، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن باشقا يەنە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دەريا يانىق خانىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن X تورىدا ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىدا يەنە: «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى زېمىنلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بىز تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. شۇنداقلا پىرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييپ ئەردوغان يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خەلقئارادا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى پارلامېنتىمىزدا مېھمىنىمىز بولدى. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

دەريا يانىق خانىم بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بەرگەن ۋە ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان. كۆرۈشۈشكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يەنە تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، تۈركىيەدىكى تېخىچە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغان ئۇيغۇرلارنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان تۈركىيە گىراژدانى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى، بەزى دۆلەتلەردە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى يەتكۈزگەن. ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دەريا يانىق خانىم بۇ مەسىلىلەردە ئىجابىي جاۋاب بېرىپ، پىرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا ئۆزلىرىگە يول يورۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى «سوي قىرىم» يەنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇرلارغا مەدەت بەرگەنىدى. ئەمما كېيىنكى، بولۇپمۇ 2015-يىلىدىن كېيىنكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا-تىجارەت، پۇل مۇئامىلە ۋە دىپلوماتىك كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلۈشى، تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ مېڭىشى، شۇنىڭدەك خىتايدىن تۈركىيەگە تېخنولوگىيە ئېلىش قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىمۇ بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرگەن. ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ تۈركىيە پارلامېنتى تېخىچە سۈكۈتتە. 2018-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرمىغانىدى. پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە قاتتىق ئەيىبلىشىدىن پەرقلىق ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ئېيتىشىچە ھەيئەت دەريا يانىق خانىمدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيەنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ھەيئەتلەر تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىق خانىم بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 9-يانۋار، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ھەيئەتلەر تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىق خانىم بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 9-يانۋار، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرى دەريا يانىق خانىم بىلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان نوزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئۆزىنىڭ تۈركىيە دەريا يانىق خانىمغا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە دەريا يانىق خانىم 1990-يىللاردا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ يەنە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى بولغانىدى.

ئۇيغۇرلار ئۆز تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن دەريا يانىق خانىمنىڭ ئەمىلى ئىش قىلىشىنى كۈتمەكتە.