ھامۇتخان كۆكتۈرك: خىتاينىڭ پۇلى بىلەن خىتاينىڭ مېھمانى بولۇپ ۋەتەنگە بارغانلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر سىنئالغۇ تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە مەۋلۇدە ئەزىز، خىتايچە MAOLIDAN AIZEZI ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىر ئايال ئۇزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيەلىك ئىكەنلىكىنى، بىراق ئىلىدا تۇغۇلغانلىقىنى، كىچىكىدىن باشلاپ خىتاي دۆلىتى بەرگەن ئېتىبار سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن.

مەۋلۇدە ئەزىز ۋىدىيولۇق سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ يېقىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەت ئەلدىن مېھمان سۈپىتىدە غۇلجىغا ئېلىپ بېرىلىپ مۇراسىمغا قاتناشقانلىقىنى، يۇرتى ئىلىنىڭ تەرەققىياتىدىن بەك پەخىرلەنگەنلىكىنى مەدھىيەلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى زىيارەت قىلىشىغا ئىشىك ئاچماقتا شۇنىڭدەك بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويماقتا. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇنداق شارائىتتا مەۋلۇدە ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ تۈركىيەدىن خىتاينىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجىغا بېرىپ، ۋىدىيو ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيەلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. مەۋلۇدە ئەزىز ۋىدىيولۇق سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغانلىقىنى، «ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدىمۇ خىتاينىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇپ ۋەتىنىنىڭ ئۆزىنى دۆلەتكە پايدىلىق ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە قەيت قىلىنىشىچە، MAOLIDAN AIZEZI ئىسىملىك بۇ ئايال 2019-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە «چىننىڭ دۆلەت ماركىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيەسى» ناملىق ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، ئۆزىنىڭ مەۋلۇدە ئەزىز ئىسىملىك بۇ ئايالنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، مەۋلۇدە ئەزىزنى ئۇنىڭ ھەدىسىنىڭ تەلىپى بىلەن 2008-2009-يىللىرى تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇ، مەۋلۇدە ئەزىزنىڭ خىتاينىڭ كونسۇلخانىسىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات ياردىمى بىلەن ئوقۇغانلىقىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەۋلۇدە ئەزىز دېگەن ئايالنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، ئۇنى بىز (شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى) تۈركىيەگە كەلتۈرۈپ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇردۇق، ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەردۇق، خىتاي ئۇنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇردى، ئۇنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى مېنى ئوقۇش ياردىمى بېرىپ ئوقۇتتى دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، چۈنكى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە، مىللىتىگە خىيانەت قىلغانلاردا ۋىجدان ۋە ئىمان بولمايدۇ، ئۇنداق بولغاندىكىن يالغان سۆزلەشتىن تەپ تارتمايدۇ. يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى سەۋەبىدىن ھەر تەرەپنىڭ خىتاينى لەنەتلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بۇ خىل ھەمكارلىشىۋاتقان ئىنسانلارنى ئاپىرىپ ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلمىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيەدىن بىرقىسىم ژۇرنالىستلارنى مېھمان قىلىپ بېلىتىنى ئېلىپ بېرىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئاپىرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت بولسا چەت ئەلدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يوققا چىقىرىش، ئەمما خىتاي بۇ مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ».

ھامۇتخان كۆكتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەۋلۇدە ئەزىزنىڭ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئاچقان يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى تەنقىدلەپ تاراتقۇلاردا ئوبزور ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەۋلۇدە ئەزىز، ئۆزى ۋە يۈجەل تاناي ئىسىملىك كىشى ئۈستىدىن، تىل-ھاقارەت قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، تۈركىيە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان، بىراق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەرزنامىنى رەت قىلىپ سوتتا ھۆكۈم چىقارماستىن ئەرزنامىنى بىكار قىلغان.

لېكىن، ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەملىكەتكە بارغانلارغا ئېتىرازىمىز يوق، مەنمۇ ئۆز يۇرتۇمنى سېغىنىمەن، كۆرگۈم كېلىدۇ، ئەمما ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن بارالىسا ئۇنىڭغا ئېتىراز يۇق، بىراق خىتاينىڭ پۇلى بىلەن خىتاينىڭ مېھمىنى بولۇپ بارغانلار بولسا ئۇ بىر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مەۋلۇدە ئەزىزنىڭ خىتاينىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆز يۇرتىغا زىيارەتكە بېرىپ، مەخسۇس خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن رول ئوينىشى مەسىلىسىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى؛ «مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان خەلق مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ساداقەتمەن بولۇش نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋە مىللەتلەردە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزلىرى بىلمەي خىتايغا ساداقەت بىلدۈرىدۇ، بەزىلىرى مەنپەئەتنى دەپ خىتايغا ساداقەتمەن بولىدۇ، خىتاي بەزى كىشىلەرنى ئالاھىدە تەربىيەلەپ ساداقەتمەنلىك بىلەن يېتىشتۈرىدۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى بەزى ئۇيغۇرلار گەرچە ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ ئاخبارات ئارقىلىق جەمئىيەتكە، دۇنياغا خاتا مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقئارادا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان بۇ خىل ئىنسانلارغا قارشى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پۈتۈن زۇلۇملارنى خەلقئارا جامائەتكە تونۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جامائىتىگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك بولىدۇ».

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل پىكىر بايان قىلدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنكار قىلىشى قوللاشقا ئېرىشەلمىدى، بەلكى خەلقئاراغا ئاشكارىلاندى، خىتاي ئەمدى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋە خەلقئارانى ئالداش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن دىنى ئادەملەرنى، مۇخبىرلارنى ۋە باشقا بىر قىسىم ئاتالمىش بىلىم ئادەملىرىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالدىن تەييارلىغان تىياتىر سەھنىلىرىنى كۆرسىتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ھېچ قانداق زۇلۇمنىڭ، ئىسكەنجىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇ يەردە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ ناھايىتى خۇشال باياشات ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ھىيلە-مىكىرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان، ئۆزىنىڭ مىللىي روھىنى يوقاتقان، ماڭقۇرتلاشقان بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىتىنى ماختاش ۋە خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى شەرەپلىك بىلىش، دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئويۇنىغا پىچكا بولۇۋاتىدۇ، بۇ خىل روھى سېتىلغان ۋە ماڭقۇرتلاشقان ئىنسانلاردىن باشقا بىر نەرسە كۈتۈشكە بولمايدۇ، ئۇلارنى، ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويىدىغان شەخسىيەتچىل ئىنسانلارنىڭ تىپىك مىسالى دەپ قارايمىز».