مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مەھمۇد ئابباسنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئىدى. 14-ئىيۇن كۈنى ئۇ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، پەلەستىننىڭ «بىر خىتاي پىرىنسىپى» نى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە «ھازىر بەزىلەر كۆتۈرۈپ چىققان ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدۇر. پەلەستىن ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

تۈرك ئاخباراتلىرىدا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ باياناتىغا قارىتا تۈرلۈك ئىنكاسلار قوزغالماقتا. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەھمۇد ئابباسنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ، مۇنداق دېگەن: «پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس 6-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ زىيارەت جەريانىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. مەھمۇد ئابباس بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئادەمنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدىغان سۆزلەرنى قىلىپتۇ. ئۇ، ‹بەزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان شىنجاڭ مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىدۇر. پەلەستىن ھەر دائىم خىتايغا ئىشىنىدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا خىتاينىڭ كېلىشتۈرگۈچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ› دېگەن. بۇ سۆزلەرنى دېيىشكە مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىجدانى چىداپتۇ! ؟ »

خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 2023-يىلى 14-ئىيۇن، بېيجىڭ.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 2023-يىلى 14-ئىيۇن، بېيجىڭ. (AFP)

دەۋلەت باغچەلى يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز پەلەستىننى قوللىغانسېرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ باياناتىدىن مەھمۇد ئابباسنىڭ زادى نېمىنىڭ ھەقىقىي تېررورلۇق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. تۈركىيە ھەر دائىم مەزلۇم پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا تۇتۇپ كەلدى، بىز ھەر ۋاقىت ھېچ ئىككىلەنمەستىن پەلەستىن دەۋاسىنى قوللاپ كەلدۇق. شۇڭا بىز مەھمۇد ئابباسنىڭ بۇ باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز! «

تۈركىيەدىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ تۈرك مىللەتچىلىكىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىدېئولوگىيە ئاساسى قىلىپ كەلگەن پارتىيە بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ بۇ پارتىيە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھېچقانداق سادا چىقارماي كەلگەن ئىدى. ھەتتا بۇ پارتىيە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى ئەيىبلىگەن باشقا سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشى «بىر غەرەزلىك پىلان» دەپ قاقشىغان ئىدى.

6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىلىق سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلىنىڭ بۇ باياناتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «مەيلى قانداق بولمىسۇن، دەۋلەت باغچەلىنىڭ پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتايدا قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى، زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتايدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان. تۈرك خەلقى باغچەلىدىن بۇنداق بىر قاتتىق ئىنكاس چىقىدىغانلىقىنى كۈتمىگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىنكاسىنى بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تۈركىيەدە ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى دەپ قارايمەن. چۈنكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈركىي مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر سىياسىي پارتىيە، يەنە كېلىپ ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەنمۇ ئىتتىپاقداش.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە تېگىشلىك ئاۋاز چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 1969-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالپئارسلان تۈركەش تەرىپىدىن قۇرۇلغان. دەۋلەت باغچەلى 1997-يىلىدىن بۇيان مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.