ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات ئاۋۇتنىڭ «دۆلەت تىلىنى كۆزگە ئىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ھەققىدە ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى، ماركىسىزم ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى دىلمۇارات ئاۋۇتنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ بىرقانچە قېتىم دەرسلەرنى ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، 2017 ‏-يىلىغا كەلگەدە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئارقىدىن كېسىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن مەزكۇر ئىنكاسىدا، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 20 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىنىپ، بۇلاردىن 8 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، بۇلاردىن بىرى پىشقەدەم ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات ئاۋۇت بولۇپ، ئۇ2018 ‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر، مەكتەپنىڭ سىياسىي مائارىپ ۋە فىلولوگىيە ئىنستىتوتلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 64‏-65 ياشلاردا بولغان دىلمۇرات ئاۋۇت ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى بىلەن خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالماستىن، يەنە مەكتەپنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن تالاش-تارتىش ۋە سۈركۈلۈشلەردىمۇ بولغان ئىكەن. بىز دىلمۇرات ئاۋۇت ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجادىكى مائارىپ تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

ئىنكاستا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، دىلمۇرات ئاۋۇت ئوقۇغۇچلىرىنىڭ دەرس ئۆزلەشۈرۈشتۈرۈشتە قىينىلىۋاتقىنى كۆرۈپ، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرسلەرنى ئۇيغۇرچىمۇ چۈشەندۈرگەن. 2017-يىلى‏ مەكتەپتە «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى ھەركەت» قوزغالغاندا، ئۇنىڭ بىرقانچە يىل ئاۋۋالقى ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە دەرس سۆزلىگەنلىكى مەسىلە قىلىپ تارتىپ چىقىرىلىپ، ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى «دۆلەت تىلىغا قارشى تۇرۇش» دەپ بېكىتىلگەن.

بىز ئىنكاستا قالدۇرۇلغان تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. مەزكۇر خادىم، ئۆزى تەكشۈرىگەن كىشىلەر قاتارىدا دىلمۇرات ئاۋۇتنىڭمۇ بارلىقى ۋە شۇ تەكشۈرۈشتىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ دىلمۇراتنىڭ قاچان ۋە قانچىە يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قەيەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى.

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار ناسىر ئەپەندى ئىلگىرى ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە دىلمۇرات ئاۋۇتتىن دەرس ئالغان. ئۇ دىلمۇرات ئاۋۇتنىڭ ئوچۇق-يورۇق، خۇشچاخچاق ۋە پائالىيەتچان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى غۇلجادا مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان ياسىنجان ئەپەندىمۇ، دىلمۇرات ئاۋۇت ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچىمۇ دىلمۇرات ئاۋۇت «‏دۆلەت تىلىغا قارشى تۇرۇش» گۇمانى بىلەن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغان ئىكەن.

دىلمۇرات ئاۋۇتنىڭ چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، دىلمۇراتنىڭ ئىككى پەرزەنتى بارلىقى، دىليار ئىسىملىك ئوغلىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن سۈرۈشتە قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئامېرىكىدا دىليار دىلمۇرات ئىسىملىك بىرىنىڭ بارلىقى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2017‏-يىلىدىن ئىلگىرىكى زەربە بېرىش ھەركەتلىرىدە، خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسى بايقالغان كىشىلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنىپ بولغان. 2017 ‏-يىلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا ھېچقانداق قارشىلىق پوزىتسىيەسى بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مىجەز-خاراكتېرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتى سەۋەبىدىن «قارشىلىشىش ئېھتىمالى بار» دەپ قارالغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلى پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 20 نەچچە ئوقۇتقۇچى مانا مۇشۇ تۈردىكى كىشىلەردىن ئىكەن.

بىز ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن دىلمۇرات ئاۋۇت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن كېسىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئالاقىدار خادىم بۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

يوقۇرىدا ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات ئاۇۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى توغرىلىق مەلۇمات بەردۇق.