دوكتور دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق ماقالىسى «روھ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

«روھ» (Esprit) ژۇرنىلى 30-يىللاردا سوتسىيالىستلار پارتىيەسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە فىرانسىيە ئىلىم ساھەسىدە تەسىر كۈچكە ئىگە ژۇرناللاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

دوكتور دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق ماقالىسى مانا شۇ «روھ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

دوكتور دىلنۇر رەيھاننىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى شەكىللەنگەن ئاتموسفېرا ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە تارىخى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانالىز قىلىنغان.

«روھ» ژۇرنىلى فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى تەرىپىدىن دىققەتكە ئېلىنىدىغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماقالىسىنىڭ «روھ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى، فىرانسىيەدە يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق سىياسەتچىلەرگە بېسىم كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، مەزكۇر ماقالىنى بۇ سەۋەبلىك قەلەمگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

دوكتور دىلنۇر رەيھان فىرانسىيەدە يەرلىك ياشلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش نامايىشىدا. 2021- يىلى 21-ئىيۇن.
دوكتور دىلنۇر رەيھان فىرانسىيەدە يەرلىك ياشلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش نامايىشىدا. 2021- يىلى 21-ئىيۇن.

ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئىگىلىۋېلىشنى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆچمەنلەر مۇستەملىكىسىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكى ئېيتىلغان.

ماقالىنىڭ كىرىش سۆزىدە» خىتاي بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ نېمىشقا بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختىلىمىز؟ خىتاي-ئۇيغۇر توقۇنۇشىنىڭ يىلتىزى نېمە؟ بىز بۇ سوئاللارغا يېقىنقى ئون يىلدا زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ۋە ۋەزىيىتى ناچارلاشقان مۇستەملىكىچىلىك جەريانىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز. ئۇنى ستالىن تىپىدىكى دىكتاتورىلىق تۈزۈم بىلەن ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتىگە خاس رەھىمسىز كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ «دېيىلگەن.

دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىز داۋامىدا «روھ» ژۇرنىلى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن زىيالىيلار ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ماقالىگە ئىنتايىن ئىجابىي باھالارنىڭ كەلگەنلىكىنى، ماقالىسىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلارغا يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ يىل 9-ئايدا قىلىدىغان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە ئۇلارنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شائىر، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ پىدائىيسى مەردان ئەھەت ئېلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دىلنۇر رەيھان ۋە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ ياۋروپاغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇشتىكى رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دىلنۇر رەيھاننىڭ تەشكىللىشىدە 2019-پارىژدا «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرشۇناسلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتتە فىرانسىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.