دىلنۇر رەيھان: «پارىژ ئېففېل مۇنارىنى كۆك رەڭگە پۈركەيمىز»
2020.10.06

نەچچە ئايدىن بىرى فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ئىدى. 1-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەدىكى داڭلىق يازغۇچى، ئارتىس، تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئىنستەگرام ۋە تىۋېتتىر باش سۈرىتىنى ئاسمان كۆكى رەڭگىگە ئالماشتۇرۇشى تورداشلارنىڭ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ تېخىمۇ قىزىقىشىنى قوزغىدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسلى پىلانىمىز پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىش ئىدى. ئەمما شەھەر باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېففېل مۇنارىنى كۆك رەڭگە كىرگۈزمەكچى بولغانىدۇق. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ پىلانىمىز ئەمەلگە ئاشماي قالدى. لېكىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەننىڭ ئۆزگىچە بىر پىكرى بىلەن پۈتۈن فىرانسىيەنى كۆك رەڭگە پۈركەش مەقسىتىمىزگە يەتتۇق».
دىلنۇر رەيھان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، فىرانسىيەلىك رافائىل گىلۇكىسمەن ھەم ياردەمچىسى پىيەخ بۈسسىيەخ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تورداشلارنى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن باش سۈرىتىنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان كۆڭ رەڭگە ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان. بۇ چاقىرىققا فىرانسىيەدىكى داڭلىق شەخسلەردىن مەت پوكورا (Matt Pokora)، لاتېسىيە خالىيدەي (Laeticia Hallyday) ھەتتا مەرېن لورفېلىن (Marine Lorphelin) قاتارلىقلارمۇ ئاۋاز قوشۇپ، ئىنىستگرام ۋە تىۋىتتېردا كۆك رەڭنى ھەمبەرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. فىرانسىيەدىكى «كلوزېر» (Closer) ناملىق تۇرمۇش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، فىرانسىيەدە 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەخسىي بېتىنى كۆك رەڭگە ئۆزگەرتمىگەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ قالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
فىرانسىيەنىڭ داڭلىق مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى بولغان «يەكشەنبە گېزىتى» «نېمە ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئاسمان كۆكى رەڭگە كىردى؟» سەرلەۋھىلىك مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە «1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگى-كۆك رەڭگە پۈركەندى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەر ۋە ياكى نامسىز شەخسلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» (#FreeUyghurs) خەشتەگى يېزىلغان كۆك رەڭلىك رەسىملەرنى يوللىدى» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە 1-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەدە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» (#FreeUyghurs) خەشتەگى تىۋىتتېردىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ۋە ھەمبەھىرلەنگەن تېما بولغان.
فىرانسىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان «كۈندىلىك تۇرمۇش» تېلېۋىزىيە پروگراممىسىمۇ سىتۇدىيونىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ ئېكرانغا كۆك بايراقنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن.
رافائىل گىلۇكىسمەن فىرانسىيەدىكى بۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئاجايىپ ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، پۈتۈن شەھەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار كۆك رەڭگە كىردى. ياشلار ناھايىتى تېز ھەرىكەت قىلىدىكەن. ھازىر پۈتۈن فىرانسىيە ‹ئۇيغۇر›».
فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قوللايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇھەببەت، ۋە يەنە جىنايەتكە بولغان نەپرەت بىزنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. بىلگىنىمىزدەك ۋەھشىي خىتاي ھاكىمىيىتى ھەممىمىزگە نىسبەتەن بىر بالايىئاپەت. نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، لېكىن بۇ ھاكىمىيەتكە ھەممىمىز قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆتكەن يىلى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بولغان ۋاقتىمدا، مەن ۋە مېنىڭ گورۇپپامدىكىلەر ‹ئاۋازسىز كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بولۇش›قا ۋەدە بەرگەن. بىز ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ فىرانسىيە ۋە ياۋروپا خەلقىنى خىتاي قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتۇق. ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىيگەن كىيىملىرىنىڭ ئاشۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، لېكىن ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئەگەر بىز ئۇ كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىشنى داۋام قىلساق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بىزنىڭمۇ ياردەم قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ كەلدۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك چىقىرىش، چۈنكى سۈكۈت قىلىش، جىنايەتنىڭ يۈز بېرشىگە يول قويغانلىق بولىدۇ».
دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ئاۋغۇست ئېيىدا پارىژ مېتروسىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شۇئارغا بويىلىشى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن «ئاياللار دۈشمەنلىكىگە قارشى پارىژ سەپداشلار بىرلىكى» ناملىق ياش فېمىنىستلار، يەنى ئاياللار باراۋەرلىكى گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىلىرى ۋە داڭلىق ماركىلارنىڭ ماگىزىنلىرىنىڭ تاملىرىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تام گېزىتلىرى چاپلاش ھەرىكىتى، پارىژدىكى «ياشلار كىلىمات ئۈچۈن» ناملىق تەشكىلاتنىڭ پارىژ سودا مەركىزىدىكى ئاساسلىق خەلقئارالىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار ماگىزىنلىرىدىكى ماللارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىگە: «بۇ مال 50 پىرسەنت چۈشۈرۈلدى. بۇ مال ئۇيغۇر قۇللىرى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان. بۇنى سېتىۋېلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەمنەپەس بولغانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر» دېگەن خەتكۈچلەرنى چاپلاش پائالىيىتى ئەۋج ئالغان. مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇددەت توختىماي تىرىشچانلىق كۆرستىش نەتىجىسىدە، 1-ئۆكتەبىر فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەسۋىرلىگىنىدەك «پۈتۈن فىرانسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگى-كۆك رەڭگە پۈركەنگەن».
دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «فىرانسىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ھەرىكىتى ھەققىدە دىلنۇر خانىم مۇنداق دېدى: «بىر ھەپتىدىن بېرى فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ئۇيغۇر ئۈچۈن قوزغالدى. 1-ئۆكتەبىر كۈنى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ بوش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدۇق. فىرانسىيە بىزنى يالغۇز قويمىدى».
رافائىل گىلۇكىسمەن، فىرانسىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلانغان داڭلىق ماركىلارنى بايقۇت قىلغانلىقى فىرانسىيە خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، لېكىن فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ناھايىتى ئاجىز پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ھازىرغىچە فىرانسىيە ئۇيغۇر مەسىلىدە ناھايىتى سۇس پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنىدى. بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا پرېزىدېنت خىتايغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ لاگېر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىرى سۈكۈتنى بۇزدى. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تاقىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەممەيلەن ئۆزىگە قانداق قىلىشىم كېرەك؟، دېگەن سوئالنى قويۇشى كېرەك. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىڭىز، ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتۈش-ئۆتمەسلىكىڭىز سىزنىڭ تاللىشىڭىز».
دىلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بىر ئايدىن بۇيان «فىرانسىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىمزا قويغان كىشى 200 مىڭدىن ئاشقان. ئەگەر پرېزىدېنت خەلقنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلسا پرېزىدېنت سارىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىدىكەن.
دىلنۇر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توپلانغان گۇرۇپپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پارىژدىكى ئېففېل مۇنارىنى كۆك رەڭگە كىرگۈزمىگۈچە، لاگېرلارنى تاقاتمىغۇچە توختىمايدىكەن.
رافائىل گىلۇكىسمەن سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزى بارلىقنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۇلارغا شۇنى دېگۈم بار، ‹بىز ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، بىز بۇ ۋەھشىي باستۇرۇش توختىغۇچە كۈرەش قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىشى مۇقەررەر، لېكىن ھازىر مىليونلىغان فىرانسىيە خەلقى ئەركىنلىكنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى بولدى!»