ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى روزا ھېيت نامىزىنىمۇ بۇ يەردىكى تۈرك جامائىتى بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. تۈرك ئىمام ھېيت خۇتبىسىدە شەرقى تۈركىستان قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ چېكىۋاتقان زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىلمىگۈچە، مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھەقىقىي مەنىدىكى بايرام كەيپىياتىنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنىڭ دۇئالىرىدا، بۇ يىل ئىچىدە مارالبېشى ۋە پىچان قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پىدائىيلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك تەلەپ قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ھېيت تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، 30 كۈن روزىنى خىزمەتداشلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى، پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ۋە ھۆرمەت ئىپادىلەشلىرى ئارقىسىدا تولۇق ۋە ساق تۇتقانلىقىنى؛ بۈگۈن ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىنىمۇ، تۈرك ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەركىن، ئازادە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ ھېيت كەيپىياتىدىكى ئۈستۈنلۈكلەر دەپ ئاتىدى. ئەمما ئۇ بۇ ھېيتنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرى بىلەن، ئۇيغۇرچە سۆز، ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا ياڭراپ تۇرىدىغان ئانا يۇرتىدا ئۆتكۈزەلمىگىنى ئۈچۈن كەيپىيات جەھەتتە بىر كەمتۈكلۈك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كانادا ۋەتەندىشى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ يىلقى روزى ھېيتنىڭ مارالبېشى ۋەقەسى ۋە لۈكچۈن ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىنلا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق بولۇشنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە بىر مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى يۈكلىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كونكرېت توختىلىپ: «ھېيت-بايراملىرىمىزنىڭ تۈپ غايىلىرىدىن بىرى ئۆز - ئارا قېرىنداشلىقىمىزنى ھېس قىلىش، ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئارىمىزدىكى باغنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ ۋەقەلەردىكى شېھىتلىرىمىزنى دۇئالىرىمىزدا يادلاش، مۇۋاپىق يوللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئەڭ باشتا يوقلاش ۋە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھال سوراش، بۇ قېتىمقى ھېيتتا بىزگە يۈكلەنگەن ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت. مەن خەلقىمىز ئۆز قەھرىمانلىرى ئالدىدىكى بۇ بۇرچلىرىنى ئادا قىلغۇدەك ئىمان ۋە ئېتىقادقا ئىگە دەپ قارايمەن» دېدى.
يەملىبىكە فەتقۇللا خانىم 30 كۈن روزى مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەنلىكى، مەخسۇس ناماز ئوقۇيدىغان خانە ئايرىلغانلىقى، ھەتتا خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆز تاماق ۋاقىتلىرىنى ئارقىغا سۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، 30 كۈن روزىنى ئارزۇ قىلغىنىدەك تولۇق تۇتۇۋالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ مانا بۇ كۈنلەرنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرغاچقا، ھېيت خوشاللىقىنىڭ مۇكەممەل بولالمىغانلىقىنى بايان قىلغان يەملىبىكە خانىم، رادىئومىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە ئىسلام يوللىدى ۋە ئۇلارغا نىجاتلىق تىلىدى. يەملىبىكە سۆز ئارىلىقلىرىدا ئۆزىنىڭ بېشىدىكى لېچەك ۋە ئۆتەۋاتقان بەش ۋاق نامىزىنىڭ ھېچقاچان خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە بىر ئوڭۇشسىزلىق تۇغدۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
زۈبەيرە شەمشىدىن خانىم، بۈگۈن ھېيت نامىزىغا ئائىلە بويىچە بارغانلىقىنى، ئۇ يەردە دوپپا ۋە كانۋا كۆڭلەك كىيگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۆرۈپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندا، ئۆزىنى ئانا ۋەتەندە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇمۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يېقىنقى ۋەقەلەردە شېھىت بولغانلارغا دۇئا قىلىش ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراش، قانلىق ۋەقەلەردە خىتاي تەرەپتە تۇرغانلارنى مۇشۇ ھېيت كۈنلىرىدە ھېچ بولمىدى دېگەندە يېتىم قالدۇرۇش ئارقىلىق، مىللىي ۋە دىنىي مەيدانىنى ئىپادىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.