ئېتىقاد تېما قىلىنغان يۈز مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە ۋە مۇھاكىمىلەر بولدى. بۇلاردا شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نوپۇزلۇق ۋە ئۆرنەك ئىسلام ئالىملىرى، پەيلاسوپلار ئىنگلىز تىلىدا لېكسىيە بەردى. ئاساسلىق لېكسىيە بەرگۈچىلەردىن شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكى ئىچنانىڭ باش ئەمىرى نائىم بەگ (Naeem Baig) ھەمدە شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكى شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى شەيخ ئابدۇراخمان خان (Abdoll Rahman Khan) بىلەن تونۇلغان دىنىي ئاكادېمىك، نۇرغۇن دىنىي پەلسەپىۋى كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، دىنىي تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۆرنەك دىنىي ئالىم دوكتور شەيخ ياسىر ئابۇ ئاممار ياسىر قازى (Abu Ammaar Yasir Qadhi) لار ئايرىم-ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا رامىزانلىق تىلەكلىرىنى يوللىدى ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئاسانلىق ۋە مەدەتلەر تىلىدى.
شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ «ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كەرىم» شەرىپىگە بېغىشلانغان 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىنىڭ 3 كۈنلۈك پروگراممىلىرى تەرتىپلىك، مول مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك، ئىنتايىن ئىللىق ئائىلىۋى كەيپىياتتا داۋام قىلدى ۋە 30-ماي غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكى 41 يىلدىن بۇيان شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەر يىلى رامىزان باشلىنىشتىن بۇرۇن يىللىق پائالىيەت پروگراممىسىنى پىلانلاپ ۋە ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش ئەمىرى نائىم بەگ پائالىيەت پروگراممىلىرى يېپىلىش ئالدىدا مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «قۇرئانى كەرىم» شەرىپىگە بېغىشلانغان بۇ يىللىق يىغىلىشنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «ئەلھەمدۇلىللا، بۇ يىللىق پائالىيىتىمىزنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىزگە نېسىپ بولدى، 25 مىڭ ئەتراپىدا ئىشتىراكچىلار 30 نەچچە خىل تىلدا خىزمەت قىلدۇق. بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قۇرئانغا ئەگىشىش ئېتىقادىمىز ئىمانىمىزنىڭ دەستۇرى، ياخشى بىر مۇسۇلمان بولۇشىمىز، ياخشى بىر ئىنسان ۋە پۇقرا بولۇشىمىزنىڭمۇ قىبىلنامىسى يول كۆرسەتكۈچىسى، مۇقەددەس قۇرئان باشقىلارغىمۇ ئىسلامنى توغرا چۈشەندۈرۈشنىڭ ئەڭ توغرا يولى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئىسلامغا قارشى تۈرلۈك ناتوغرا قاراشلار ۋە ئىنكاسلار مەيدانغا كەلگەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ قۇرئاننى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتىن باشقا، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز. بۇ يىللىق پائالىيىتىمىزدىن شۇ ۋەجىدىن ئىلاھى دەستۇرىمىز قۇرئاننىڭ شەرىپىگە بېغىشلىدى. ئەلھەمدۇلىللا بارغانچە تەجرىبە توپلىنىۋاتىدۇ، پائالىيەتلىرىمىز بارغانچە مول ۋە مەزمۇنلۇق بولۇۋاتىدۇ. مۇھىمى قاتناشقۇچىلىرىمىز يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىنشا ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزغا جايىدا خىزمەت قىلالىغان بولساق، كەلگەن بارلىق مېھمانلار مەنپەئەتلەنگەن بولسا، رازى بولغان بولسا بىز شۇنىڭدىن مەمنۇن. ھەممىڭلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت ۋە داۋاملىق سىزلەرنى قارشى ئالىمىز.»
نەئىم ئەپەندى، زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ «رامىزان كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتايدا روزا تۇتۇشنىڭمۇ توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، بۇ ھەقتە دۇنياغا ئاشكارا بولۇۋاتقان خەۋەرلەر چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما شۇنى تەكىتلىگۈم بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن بىر مۇسۇلمانلار ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز خەۋەردار، شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىق ئىبادەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىمىز بار».
شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىكى ئاساسلىق تەكلىپلىك لېكسىيەچىلەردىن شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكى شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى شەيخ ئابدۇراخمان خان ئىلگىرى نۇتۇقلىرىدا ۋە ماقالىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مىسال ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىمىز، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ھاكىمىيەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئېتىقادى سەۋەبلىك باستۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلار شۇلارنىڭ مىسالىدىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى، ئېتىقادى ئۈچۈن زور بەدەللەر تۆلەپ كەلدى. دىنىي ئېتىقاد، ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىش ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقى.»
ئۇ يەنە مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىملارنى ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مېنىڭچە بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتە سىرتنىڭ بېسىمىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكا ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا، خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت ئەۋەتىپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، روزا تۇتۇشقا يول قويۇشنى سورىشىمىز كېرەك.»
شەيخ ئابدۇلراھمان يەنە ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈشىمىزنى سوراپ مۇنداق دېدى: «بىز مۇسۇلمانلار ھەممىمىز تەس كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ۋە مەيلى باشقا مۇسۇلمانلارمۇ شۇ، دەل مۇشۇنداق قاتتىق كۈنلەر ئۈممىتىمىزنىڭ ئىمانى، ئېتىقادىنى سىنايدىغان رىقابەت شۇنداقلا ئاللانىڭ بۇ سىناقلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنىڭ ساۋابىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە پەيغەمبەرلەر، ساھابىلەرمۇ ئوخشىمىغان كۈلپەتلەرگە دۇچار بولغان ۋە ئاللانىڭ بۇ سىناقلىرىدا ئۆز ئىمانىنى چىڭ ساقلىغانلىقى ئۈچۈنلا ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغان، رەھمەت قىلغان. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى يالغۇز دەپ ئويلىمىسۇن، بىز ئاللاھتىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك، ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس، بىز ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز، ئۇلار ھېچقاچان يالغۇز قالمايدۇ.»
ئۆرنەك ئۇستازلاردىن دىنى ئالىم ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىگە ھەممىدىن كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلدى، ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن يول ۋە قانداق بىر مۇسۇلمان بولۇش ھەققىدىكى لېكسىيىسىدە «مەن بىر ۋەتەنپەرۋەر ئامېرىكىلىق، مەن بىر پەخىرلىك بىر مۇسۇلمان. ئاللا بىر، ئۇنىڭ ئورنى ھەممىدىن ئۈستۈن، ئەمما ۋەزىيەت مېنى دۆلىتىڭدە تۇرامسەن، دىنىڭدىمۇ دەپ تاللاشقا مەجبۇر قىلسا، ئىككىلەنمەي دىنىمنى باشتا تاللايمەن. چۈنكى ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسى، تاللاشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان بۇ تۇپراقنىمۇ شۇ ئاللاھ ياراتقان. شۇڭا ئاللاھنى تاللايمەن. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئامېرىكىلىق سالاھىيىتىگە، لاياقىتىگە ئىگە بولدۇڭلار، ئۆتۈنەيكى ئەمدى مۇسۇلمان بولۇڭلار...» دېگەن خىتابى قاتناشقۇچىلاردا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئالقىشلار ئىچىدە لېكسىيىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان ياسىر قازى نۇتۇق سەھبىنىدىن چۈشۈپ ئادەملەر قورشاۋى ئىچىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
-ھۆرمەتلىك ياسىر قازى، رامزان كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
-ئەلۋەتتە بار. بۇ، تارىختىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قېتىم باستۇرۇلۇشى ئەمەس، ئىلگىرى خرستىئانلارمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان، ئۇلارنى روزىسىنى بۇزۇشقا، ئاياللارنىڭ ھىجابىنى ئېلىۋېتىشكە، ئېتىقادىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. بۇ بىرىنچى قېتىم ئەمەس، ئاخىرقىسىمۇ ئەمەس، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئاللاھقا شەكسىز ئىشەنسۇنكى، ھېچكىم ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىمان-ئېتىقادنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنى روزىىسىنى بۇزۇشقا، يېيىشكە، ئىچىشكە مەجبۇرلىغان بولسا، يىسۇن، ئىچسۇن، نىيىتىدىن يانمىسۇن، ئۇنى ئاللانىڭ بىر سوۋغىسى دەپ بىلسۇن، ئەمما ئىپتارغىچە نىيىتىنى ساقلىسۇن، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى روزىسىنىڭ ساۋابىنى تېخىمۇ ئۇستۈن قىلىدۇ، مۇسلىمەلەر ھىجابىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بولسا، ئېلىۋەتسۇن،ئەمما ھېچقاچان ئېتىقادىنى يوقاتمىسۇن. ھۆكۈمەت ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى باستۇرغان، ئۆلتۈرگەن ئىكەن، زۇلۇم ئاستىدىكى مۇسۇلماننىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھتىن ياردەم سوراڭلار، ئاخىرى ئىمانىنى چىڭ ساقلىغۇچىلار ھامان يېڭىدۇ.»
ياسىر قازى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ زور باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقى ئېيتتى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە دۇئا قىلدى.
ياسىر قازى «قەدىرلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، بىز سىلەرنىڭ زۇلۇم ئاستىدا بەدەل تۆلەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمىز، يۈرىكىمىز سىلەر ئۈچۈن قانايدۇ ۋە دۇئالىرىمىزدا ئاللاھتالادىن سىلەرگە ئاسانلىق تىلەيمىز، ئاللاھتىن سىزلەرگە ئىمان ۋە ھىدايەت تىلەيمىز، ئاللاھ ھەر بىر تۆلىگەن بەدەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن ئىنشائاللا»دەپ دۇئا قىلغاندا، مەيداندىكى يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار قولللىرىنى ئېچىپ «ئامىن» دەپ دۇئاغا قوشۇلدى.