ئامېرىكىلىق تۇنجى مۇسۇلماننىڭ ھېكايىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013.03.05
amerikiliq-tunji-musulman.jpg مۇھەممەد ئالېكساندىر فىلىپپىندا. 1893-يىلى
RFA/Omerjan

ئىسلام دىنىنىڭ دەۋىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك دەۋەت بولغانلىقتىن، ئىسلام دىنى دۇنياغا كەلگەن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ھەر قايسى مىللەتلەردىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپتۇر.

يېقىندا، ياپونىيە پايتەختى توكيو شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ياپونىيە تەۋەسىدە تونۇلغان دەۋەتچى ئالىم دوكتور سالىھ مەھدى سەمەررائىي تەرىپىدىن «ئامېرىكىلىق تۇنجى مۇسۇلمان» ناملىق كىتاب ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشردىن چىققان بولۇپ، كىتابتا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرۇپ كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان يازغۇچى مۇھەممەد ئالېكساندىر رۇسسېل ۋىب دېگەن كىشىنىڭ تەرجىمىھالى، ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىش يولىدىكى خىزمەتلىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرى تولۇق بايان قىلىنغان.

دوكتور سالىھ مەھدى سەمەررائىي مەزكۇر كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«ئالېكساندىر رۇسسېل ۋىب 1846-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن يازغۇچى بولۇپ، 1887-يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئىسمىنى مۇھەممەد ئالېكساندىرغا ئۆزگەرتكەن ۋە ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرۇپ كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان مەشھۇر شەخس. ئۇ 1893-يىلى ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن پايتەختى مانېللا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلھەمىدخان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن، سۇلتان ئابدۇلھەمىدخاننىڭ كۆپ ئىنئامىغا ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە سازاۋەر بولغان. كېيىنچە، باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ ئىسلام دەۋىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن نيۇ-يورك شەھىرىگە قايتقان ۋە ئۇ جايدا ئەسلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىن بولغان ئابدۇللا ئەرەب دېگەن كىشى بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1901-يىلى مۇھەممەد ئالېكساندىر رۇسسېل ۋىب سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان تەرىپىدىن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پەخرى باش ئەلچىسى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. مۇھەممەد ئالېكساندىر رۇسسېل ۋىب ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى تونۇشتۇرۇپ كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى« ئامېرىكىدا ئىسلام» دېگەن ئەسىرىدۇر. ئۇ بۇ كىتابىنى 1893-يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلدۇرغان. بۇ ئەسەردە ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىق قىسسىسىمۇ ئورۇن ئالغاندىن تاشقىرى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە- پرىنسىپلىرى ۋە ئىبادەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. مۇھەممەد ئالېكساندىر رۇسسېل ۋىب 1916-يىلى نيۇ-يورك شەھىرىدە 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.