ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي بۇزغۇنچىلىقىنى جازالاشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 26‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان 2018‏-يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يېڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ بوغۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ 2017‏-يىلى زورلاش خاراكتېرلىك بەزى يېڭى تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەزگىل ئىچىدە «قوراللىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى ۋە يېڭى ساقچىخانىلارنى قۇرۇپ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ساياھەت قىلىشنى چەكلەش، ئامانلىق خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، يەر شارى ئىز قوغلاش سىستېمىسى، يۈز تونۇش، كۆز تونۇش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، DNA ۋە ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالدى» دېيىلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زورلاش خاراكتېرلىك يۇقىرىقى يېڭى تەدبىرلەرنى روزا تۇتۇش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى مەنئى قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشتەك مەۋجۇت چەكلىمىلەر ئاساسىدا يولغا قويغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017 ‏-يىلى 4‏-ئايدا چىقارغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» تەنقىد قىلىنغان. مەزكۇر نىزامدا ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش، ھالال پەرھىزىگە ئەمەل قىلىشتەك 15 خىل خاھىش» «ئەسەبىيلىك» دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا مۇفارد دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2017‏-يىلنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىنا مۇفارد مۇنداق دەيدۇ: «2017‏-يىلى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر يىل بولدى. ئەپسۇسكى، بۇ ۋەزىيەت ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. چۈنكى، بەزى دىنىي چەكلىمىلەر بۇ يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ چەكلىمىلەر 2017‏-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ مەسىلىنى بىر قانچە جەھەتلەردىن ئىزھارلاپ بېرىدۇ. ئۇلار سىياسەت چىقىرىپ، ساقال ۋە ياغلىقنى چەكلىدى. بالىلارغا ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشنى مەنئى قىلدى. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ قولىنى چەتئەلگە سوزۇپ، مىسىر ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالدى.»

تىنا مۇفاردنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھادىسە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دۇر. ئۇ، «بۇ لاگېرلارنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ئاتالمىش ‹يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نىڭ تېز كۆپىيىشى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھادىسە. بۇ لاگېرلار قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى. ئۇنىڭغا كىشىلەر ھېچقانداق قانۇنى تەرتىپكە ئەمەل قىلمىغان، ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان ئەھۋالدا ئەۋەتىلىپ كەلدى. قانچىلىك ئادەمنىڭ ئاتالمىش بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولانغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. تۇتقۇنلار بۇ ئورۇنلاردا قورقۇنچلۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلدى. بەزىدە ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىندى. بۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر مەنىۋى بۇزغۇنچىلىقتۇر.»

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ 2017‏-يىلى ھەر خىل چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ لاگېرلارغا سولاشتەك مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تەدبىرنى يولغا قويغانلىقى، بۇ لاگېرلاردا مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قايتىپ بارغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايىب بولغانلىقى ياكى تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا يېتەرلىك يورۇتۇپ بېرىلمىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددۇن ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىدە «ھەددىدىن ئاشقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتى دىنىي ئەركىنلىككە ھېچقانداق بىر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ھېچقانداق دۆلەت چەكلەپ باقمىغان شەكىلدە چەكلىمە قويۇۋاتىدۇ، ھازىر بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چىقارغان دوكلاتلىرى مەنچە تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بۇلار چىقىرىۋاتىدۇ، لېكىن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش جەھەتتىكى قىلمىشلىرى ناھايىتى ئېغىر. مەسىلەن، ئادەملەر مۇنداق جىم تۇرۇپ قالسا، ئىچىڭدە ناماز ئوقۇۋاتىسەن، دەپ ئۇ ئادەملەرنى جىنايەتچى ھېسابلايدىكەن. بۇ ئاجايىپ ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر.»

تۇرغۇنجان ئالاۋۇددۇننىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي بۇزغۇنچىلىقىنى توختىتىش مەسىلىسىدۇر. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سالسا، ئۇنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇددۇن: «ماگنىتىسكىي قانۇنى بىزدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تازا چۈشىدۇ. چېن چۈەنگو، دېگەن كەلگەندىن بېرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىغۇ بۇ زۇلۇم. دېمەك، چېن چۈەنگودىن باشلاپ ۋىلايەت دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى، ساقچى باشلىقلىرى، تۈرمە باشلىقلىرى، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ماگنىتىسكىي قانۇنى بويىچە جازالاشقا چۈشىدۇ. بۇلارغىمۇ ئامېرىكا ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشلەتسە ئاجايىپ تەسىرى بولىدۇ».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلاتىدا ترامپ ھۆكۈمىتىگە مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» ۋە «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تىنا مۇفارد خانىم، ھازىر ئامېرىكىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىشقا باشلىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ قانۇننى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارنى داۋاملىق ئىشقا سېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىنا مۇفۇرد مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماگنىتىسكىي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسەن بىر خىتاي ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى، يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىدىكى مەۋجۇت بەلگىلىمىلەرنى ۋە باشقا ئېمبارگو قوراللىرىنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان شەخس ۋە ئورگانلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئېمبارگو قويۇشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز شەخسلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىمكانىيىتى بار. بىز ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈچلۈك رەۋىشتە چاقىرىمىز».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىگە خىتاينى بۇ يىل يەنە دىنىي ۋەزىيىتى ئالاھىدە تەقىب قىلىنىدىغان دۆلەت، دەپ ئېلان قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىسلام بىلەن تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىكنى ئوخشاش ئورۇنغا قويماسلىققا چاقىرىش، خىتاينىڭ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە ئۇلارغا غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلە قىلىشنى توختىتىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى، تىبەت ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەۋسىيەلەرنى بەرگەن.