خىتاي ھۆكۈمىتى رامزاندا ئۇيغۇر دىيارىدا مەسچىتلەرنى قامال قىلىپ،ئائىلىلەرگە خالىغانچە باستۇرۇپ كىرىپ تەكشۈرۈپ،ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتىشىنى،ئۆزلىرى خالىغان جامائەتلىرى بىلەن تەرەۋى ناماز ئوقۇشىنى چەكلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىدىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇبارەك رامىزان كۈنلىرىنى بۇ دۆلەتتە بەرپا بولغان دىنىي ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمان بولۇپ، ئۆز خاسلىقىدا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.
ئۇلار پۇرسەت تېپىپ ۋەتەنداش، يۇرتداش قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئىپتار قىلىپ، ئائىلىسى ۋە ئوماق پەرزەنتلىرىنىمۇ ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماي بىللە مەسچىتكە بېرىپ،تاراۋى نامازلىرىنى بىللە سەپ بولۇپ تۇرۇپ ئوقۇشۇپ، شۇنداقلا ئوخشاش نىيەتتە دۇئاغا قول كۈتۈرىدۇ،دۇئالىرىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلىكىنى، تارتىۋاتقان ئازاب ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلۇشىنى تىلەپ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئۇزاق - ئۇزاق دۇئا قىلىشىدۇ... مانا بۇ مۇھاجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندىكى كۆرۈنىشى. نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىشىدا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندىكى ھاياتىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئاڭلايلى.
مەيلى قايسى ئىرق، قايسى دىندىن بولمىسۇن مەيلى، قايسى تىلدا سۆزلىمىسۇن باراۋەرلىك، مۇھەببەت، ئادالەت، تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت گۈزەل غايە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ، بۇ دۆلەتتىكى باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش، ئۈمىدۋار ھالەتتە ئۆز كىملىكى بويىچە، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئىمكانلىرىنى ئىزدەپ ياشىماقتا. رامازاندەك خاسىيەتلىك ئاي بولسا ئۇلار ئۈچۈن ۋەتەنداشلىرى بىلەن تېخىمۇ ئېجىل ئۆتىدىغان، ئىمانىنى كۈچەيتىدىغان، ۋەتەن خەلقىگە بولغان سېغىنىشى ئەركىنلىكىگە بولغان ئارزۇلىرىنى دۇئالىرىدا ئىپادە قىلىدىغان بىر چوڭقۇر ھېسسىي تۇيغۇغا چۆمگەن مەزگىل. بىز بۇنى 10 يىللاردىن بۇيان ۋاشنگتوندا ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇر خانىمنىڭ بايانلىرىدىن چۈشىنىپ ئالالايمىز :
- شۈكرى ئەلھەمدۇلىللا روزا رامىزانلارنى ئائىلە بويىچە شۇنداق كۆڭۈللۈك خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئۆزىمىز يەپ كۆنگەن تاماقلىرىمىزنى قىلىپ ئۆتكۈزىۋاتىمىز.
ۋەتەندە بىرىنچىدىن شارائىت بولمىغانلىقتىن ئىككىنچىدىن مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبلەردىن بۇنداق روزا تۇتۇپ باقمىغان، ئەمما ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ھاياتىمدا چوڭ «ئۆزگىرىش بولدى، شۇنچىلىك ئەركىن شارائىت بار بۇ يەردە، قۇرئاننى ئۆگەندىم، دىنىمىزنى تېخىمۇ بەك چۈشىنىش پۇرسىتى بولدى، دىنىي سەۋىيىسى بار كىشىلەردىن تەلىم ئالدىم، دىنىي مەجبۇريەتلىرىمىزنى يولدىشىم بىلەن تەڭ ئۆگەندىم،بالىلىرىمنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشىۋاتىمىز».
- ئامېرىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ سىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان تەرىپى قايسى ؟
- ھەممىدىن سۆيۈنىدىغىنىم نېمە دېسىڭىز، مەسىلەن ھەر جۈمە نامىزىغا بارغاندا، مەسچىت ئالدىدا ساقچىلارنى كۆرىمىز ئۇلار جۈمە نامىزىغا كىرىپ چىقىۋاتقان مۇسۇلمان ئاممىسىغا قاتناش قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، رامىزاندىمۇ كەچتە تاراۋى نامازلىرىغا بارغاندىمۇ شۇنداق ئاسانلىقلار يارىتىدۇ، گەرچە بۇ كىچىك بىر ئىش بولسىمۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بولغان ھۆرمەت ۋە ھەمكارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
- ئۆزىڭىز ئىگە بولغان دىنىي ئەركىنلىكلەر بىلەن ۋەتەندىكى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش مۇسلىمەلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرغاندا نېمىلەرنى ئويلايسىز ؟
- شۇنچىلىك ئازابلىنىمەن، ئۇلارنىڭ ياغلىق چىگىشىدىن تارتىپ ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ، مەسچىتكە كىرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭمۇ روزا تۇتقۇسى بار ئەمما ئىمكانىيىتى يوق، بىز بۇ يەردە بۇنداق بېسىملارغا ئۇچراپ باقمىدۇق، ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداپ كېلىۋاتىمىز، ئاددىسى بالىلىرىمىزنى دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى تاللاش ھوقوقىمىز بار.بالىلىرىمىزمۇ بۇلارنى بىلىشى كېرەك، بىز بالىلىرىمىزغا بۇ ئېرىشىۋاتقان نېمەتلىرىدىن، ئىمكان،شارائىتىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىتىۋاتىمىز. ھەر نامىزىمدا، مەيلى رامزاندا بولسۇن ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن، ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئېغىر مۇشكۈلچىلىكلەردىن، ئازاب ئوقۇبەتلەردىن ساقلىسۇن،ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دۇئالىرىنى قوبۇل ئەتسۇن ئامىن.
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان كاتتا ئاي سانالغان مۇبارەك رامزاندا، تاراۋى نامىزى قاچۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغان ئىبادەت ۋاقتى ئەلۋەتتە، ئامېرىكىدىكى مەسچىتلەردە تاراۋى نامازلىرىدا ئوخشىمىغان ئەللەردىن كەلگەن، ئوخشىمىغان ئىرق ۋە تىلدىكى پەرقلىق كىيىنگەن مۇسۇلمانلارنى كۆرىسىز، ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق ھەر مىللەتتىن ھەر ئەللەردىن يىغىلغان جامائەتكە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشنى ئۇنتۇمايدۇ، ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قىلىدۇ، ھەتتا شۇنداق بىر مەسچىتتە خەلقئارالاشقان جامائەتكە ئىماملىق قىلىۋاتقان دىندار ئۇيغۇر ياش بىلال، ھەر تەبلىغلىرىدە ۋە ۋەز نەسىھەتلەردە ئۇيغۇرلاردەك زۇلۇم چېكىۋاتقان بىر مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە.
- رامىزان ئىنتايىن ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ، ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە قۇتلۇق تەبرىكلەۋاتىمىز، مەسچىتتىمۇ كۈندە بەش ئالتە يۈز قېرىنداشلارغا ئىپتار بېرىمىز، جامائەـمۇ خىزمەتلەرنى تالىشىپ قىلىدۇ، مەن بىر ئۇيغۇر بۇ مەسچىتتە ئىمام بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن، شۇڭا دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلار دېسە بىلىدۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتدىنمۇ خەۋىرى بار، چۈنكى مەنمۇ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئاڭلىتىپ تۇرىمەن.
كىشىلەر تاراۋى، جۈمە نامازلىرىغا ئائىلىسى بىلەن ئايال بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، جامائەنى ئاۋاتلاشتۇرۇدۇ، تاراۋى نامازلىرىنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق بىز بىلەن ئوقۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمدى بۇ جايدىكى ئىمكانلارنى بىزنىڭ ۋەتەننىڭ ھالىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، زۇلۇم شۇنداق ئارتىپ كەتتى بىرىنچى بولۇپ دىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتاي قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسەتكە ئۇيغۇرلار باش ئەگمەي تىركىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر مەسچىتلەرگە بارالمىسا ئۆيىدە ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا ئۆيدە قىلسىمۇ بولىدۇ.
- روزا تۇتۇشنى چەكلەش تەدبىرلىرى جىددى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلار رامىزانلىق ئىبادىتىنى قايسى شەكىلدە قىلىشى مۇمكىن ؟
- زۇلۇم شۇنداق ئارتىپ كەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ئىنشائاللا، مەسىلەن بىر كىشى روزا تۇتقان بولسا، خىتاي ساقچىلىرى كىرىپ روزاڭنى ئاچىسە دەپ مەجبۇر قىلسا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاغزىنى يېپىپ قويسا بولسا بولىدۇ مەجبۇرىي ئېچىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ روزىسى قوبۇل بولىدۇ، چۈنكى ئۇ مەجبۇرلانغان بولىدۇ، كاپىرنىڭ ئىسكەنجىسىدە مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇن ئىڭ ئىبادىتى بىزنىڭكىدىنمۇ ئەۋزەل بولىدۇ ئىنشائاللا.
0:00 / 0:00