ئۆرنەك ئۇستاز نوئۇمان ئەلىخان: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئېتىقادىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.05.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
icna-2015-amerika-islam-yighilish-5.jpg ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر
Ixtiyariy fotograf Sindra Ann
icna-2015-amerika-islam-yighilish-9.jpg

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر Ixtiyariy fotograf Sindra Ann

icna-2015-amerika-islam-yighilish-8.jpg

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر Ixtiyariy fotograf Sindra Ann

icna-2015-amerika-islam-yighilish-7.jpg

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر Ixtiyariy fotograf Sindra Ann

icna-2015-amerika-islam-yighilish-6.jpg

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر Ixtiyariy fotograf Sindra Ann

icna-2015-amerika-islam-yighilish-5.jpg

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر Ixtiyariy fotograf Sindra Ann

icna-2015-amerika-islam-yighilish-10.jpg

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر Ixtiyariy fotograf Sindra Ann

icna-2015-amerika-islam-yighilish-11.jpg

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر Ixtiyariy fotograf Sindra Ann

بالتىمور شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى 3 كۈن داۋاملاشقان، شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىللىق كاتتا يىغىلىشنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق نۇقتىسى، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمىتىگە بېغىشلانغان 200 مەيداندىن ئارتۇق دىنىي لېكسىيىلەر بولدى. 140 نەپەر تونۇلغان ئىسلام ئالىملىرى، ئۆرنەك ئۇستاز، شەيخلەرنىڭ جانلىق لېكسىيەلىرى، ئوچۇق مۇھاكىمىلەر بىلەن بۇ يىللىق يىغىلىشتا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئوخشاش ئىسلامي بىلىم ئالىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاندى. قۇرئان ۋە ھەدىس تەفسىرلىرىدە كامالەتكە يەتكەن، تورلاردا لېكسىيىلىرى كەڭ تارقىلىپ ئىسلام دۇنياسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن، ناتىق ئۇستاز نوئۇمان ئەلىخان(NOUMAN ALI KHAN) «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سەبرى» ھەققىدە بەرگەن يىتۇك نۇتقىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تارىخى ئىنتايىن ئۇزاق، ئۇلار تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر سىناقلىرىدىمۇ ئېتىقادىنى يۈتتۈرمەي كەلگەن، ئۇيغۇرلار ئېغىر باستۇرۇشلارغا دۇچار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى يەنىلا ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن» دېدى.

ICNA دەپ ئاتالغان، شىمالىي ئامېركىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات ھېسابلىنىدىغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 23، 24، 25-ماي كۈنلىرى ئېچىلغان مۇھەممەت پەيغەمبەرگە بېغىشلانغان يىللىق يىغىلىشىدا ئامېرىكا قىتئەسى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان ئۇستاز، دىنىي ئالىم ۋە شەيخلەردىن ئىمام سراج ۋاخھاج، نەئىم بەگ، مازېن مۇختار، ئۇستاز نوئۇمان ئەلىخان، ئىمام ئومار سۇلايمان، شەيخ ياسىر بىرجاس، ئىمام ئىب ۋەبىب، شايىخ ئابدۇل ناسىر جاڭدا، ئۇستاز ياسمىن مۇجاھىد، ئىمام مۇھەممەد ھاگ ماگىد قاتارلىقلار جەمئىي 200 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە بەردى، لېكسىيىلەرنىڭ تېما ۋە مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن مول ۋە كەڭرى بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ نېمىلىكى، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى ھەمدە سۈننەتلىرىدىن ئىبارەت چوڭ تېمىلاردىن باشقا يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشىدە زۆرۈر بولغان، ئىسلامي ئائىلە قانداق بولۇشى كېرەك، مۇسۇلمانلاردا پەرزەنت تەربىيىسى، مۇسۇلمان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ خىسلىتى، مۇسۇلمانلار قەرزگە ئۆي سېتىۋالسا بولامدۇ، مۇسلىمەلەر نېمە ئۈچۈن ھېجابلىنىمىز، ئىسلامنى قانداق تارقىتىمىز، مۇسۇلمانلار نىكاھ جۈپتىنى قانداق تاللاش كېرەك دېگەندەك تېمىلارغىچە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ۋاقىت قىس بولسىمۇ، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئەھمىيەتلىك لېكسىيىلەردە ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزلىرى قىزىققان تېمىلاردىكى ياكى ئۆزلىرى قايىل بولغان ئۇستازلارنىڭ لېكسىيىلەرنى تاللاپ ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدى. لېكسىيە بەرگەن ناتىق ئۇستىلار ئىچىدە ئەگەشكۈچىسى بىر قەدەر زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان، دەۋەتچى ئۇستاز نوئۇمان ئەلىخاننىڭ كۈندە بىر قېتىملىق لېكسىيىلىرىگە بولسا بىر قانچە مىڭلاپ ياشلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان ئەھلى ئىشتىراك قىلدى. ئۇستاز نوئۇمان شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىسلامى ناتىق ئۇستاز ئۇ يەنە، مەخسۇس قۇرئان ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرى ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان باييىناھ ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمدە پروفېسسورى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكىدىلا ئەمەس، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇنىڭ تەسىر كۈچى كۈچىيىپ بارماقتا.

بىز ئۇنىڭ لېكسىيىسىگە ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا ئۇنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق، سوئالىمىزنى«ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟» دەپ باشلىدۇق، ئۇستاز نوئۇمان، ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ بىر توختىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ۋە رەھمىتۇللاھى بەرىكەتۇ، ئەلۋەتتە بىلىمەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۇزاق-ئۇزاق يىللاردىن بۇيانلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان خەلق، ئۇلار يېڭى مۇسۇلمان بولغان ئەمەس.

-ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا دۇچار بولماقتا، ئۇلار، ناماز ئوقىيالمايدۇ، مەسچىتلەرگە كىرەلمەيدۇ، ھىجاب ئارتالمايدۇ، ساقال قويالمايدۇ بالىلىرىغا ئىسلام دىنىنى ئۆگىتەلمەيدۇ، بۇنداق چەكلىمىلەر ئاستىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىمان ئېتىقادىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟

-بىلەمسىز، سىلەر(ئۇيغۇرلار) تارىختىمۇ شۇنداق دىنىي باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغاندا، ئائىلىسىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىسلامنى ئۆگىتىشنى توختاتماي، ئىمان ئېتىقادىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، ئىنشائاللا، ئەڭ ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سىناقتىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، يەنىلا ئېتىقادىنى چىڭ ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق ۋە قىيىن جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما يەنىلا بىز دىققىتىمىزنى ئېتىلگەن ئىشىكلەرگە ئەمەس، ئوچۇق ۋە ئېچىش مۇمكىن بولغان ئىشىكلەرگە قارىتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ تائاللاھ مۇسۇلمانلارغا ھامان چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنشائاللا مېنىڭ دۇئالىرىم سىلەر بىلەن بىللە، مەن سىلەرنى قوللايمەن.

نوئۇمان ئەپەندى يەنە كېلەر يىلى خىتايغا ۋە يەنە شەرقىي تۈركستانغا بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بەردى:
-ئىنىستىتوتىمىزنىڭ ئىككى خادىمى ھازىر خىتايدا، ئىنشائاللا مەنمۇ كېلەر يىلى خىتايغا بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن، شەرقي تۈركستانغا بېرىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇ يەرگىمۇ بېرىش نېسىپ بولار ئىنشائاللا. مېنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللايدىغىنىمنى، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈڭ.

نوئۇمان ئەلىخان يۈزلىگەن ئىشتراكچىلار ئالدىدا، بىز ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى بېشىغا كىيىپ «مەن ئۇيغۇرغا ئوخشىدىممۇ؟» دەپ سورىدى ۋە ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى كۆپچىلىك ئالدىدا ئىپادىلىدى.

20 مىڭ مۇسۇلمان ئىشتىراك قىلغان ICNA نىڭ بۇ بۈيۈك يىغىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش، ئالاقە، تازىلىق، بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنىڭ 99% ئىنىڭ ھەممىسىنى پىدائىيلار خالىس ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ھەتتا تەكلىپ بىلەن لېكسىيە بەرگۈچىلەرگە پۈتۈنلەي خالىس خىزمەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.