ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىتى ‏-«قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتى»

0:00 / 0:00

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشى بولغان ICNA نىڭ پائالىيەت پروگراممىسىدا ئەڭ كۆپ دىققەت قوزغىغان ۋە مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئىئانە قىلىشىغا ئېرىشكەن پائالىيەتلەرنىڭ بىرى، چىكاكونى مەركەز قىلغان ئەلفۇرقان فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتى» بولدى. ئەلفۇرقان ئامېرىكىدا 2003-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى دەۋەت جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، فوندىغا تايىنىپ قۇرئاننىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىنى كۆپەيتىپ بېسىش ۋە ئۇنى ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە، دوختۇرخانا، مېھمانسارايلار ۋە مەكتەپلەر ھەتتا تۈرمىلەرگىچە تارقىتىش، قۇرئان ئۆگىتىش قاتارلىقلارنى ۋەزىپە قىلغان. ھازىرغىچە ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئۇلارنىڭ تارقاتقان قۇرئان نۇسخىسى 500 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتى بىلەن ئامېرىكىدا 50تىن ئارتۇق مېھمانخانىلار قۇرئان كەرىمىنى ياتاقخانىلىرىغا سەپلىگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يىللىق بۈيۈك يىغىلىشىدا «رەسۇلۇللاھ ‹سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ياخشىلار قۇرئان كەرىمىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىدۇر› دېگەن»دەپ يېزىلغان پلاكات ئاستىدا يەشىك ‏-يەشىك قۇرئانلارنى سېتىۋېلىۋاتقان كىشىلەر توپى دىققىتىمىزنى تاتتى، 56 پارچە قۇرئان نۇسخىسى 102 دوللار دەپ باھا قويۇلغان پوچتا يەشىكلىرى تالاش ‏-تارتىشتا ئېلىپ كېتىلدى ۋە بەزىلىرى پۇلنى تۆلەپ يەشىكنى ئېلىپ ماڭمىدى، بۇ كىشىلەر بۇنچە كۆپ قۇرئاننى كىملەر ئۈچۈن سېتىۋالغاندۇ دېگەن قىزىقىش بىلەن، پائالىيەت ئۈستىدىكى بىر مۇسلىمەدىن بۇ قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى سورىدۇق:
-بىز قۇرئان كەرىمىنىڭ ھەر بىر تەرجىمە نۇسخىلىرىنى ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇ قۇرئاننىڭ ھەر بىر نۇسخىسى ئاران 2 دوللارغا توغرا كېلىدۇ، 102 دوللارغا بىر يەشىك سېتىۋالغاندا 56 پارچە قۇرئاننى ئوخشىمىغان ئائىلە ۋە قوللارغا يەتكۈزەلەيمىز، بۇ پائالىيىتىمىزنى قوللاپ يەشىك سېتىۋالغۇچىلار بىزنىڭ داۋايىمىزغا ھەمكارلاشقان بولىدۇ. ساۋابى ئورتاق بولىدۇ. ئىنشائاللا.
رەسۇلۇللاھ: «كىم ئاللانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا، بىر ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسە كۆپىيىدۇ...» دېگەن بۇ مۇسلىمە يەنە «قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدا دەۋەتنى بۇرچ قىلغان بىر فوند ئىكەنلىكىنى ۋە قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتىنى باشلاپ ھازىرغا قەدەر 53 مېھمانسارايلارغا قۇرئان كىرگۈزگەنلىكىنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئالاھىدە ئەسكەرتتى:
-بىلىسىزغۇ؟ ھەر قانداق مېھمانسارايلارغا چۈشسىڭىز، ياتاق ئۆيىدە بىردىن ئىنجىلنى كۆرىسىىز، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئومۇميۈزلۈك شۇنداق. بىز شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرئاننىمۇ شۇ مېھمانسارايلارغا سەپلەش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ فوندىمىزنى قوللىشى، ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانىلىرى بىلەن ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى 53 مېھمانسارايلار قۇرئان كەرىمىنى ھەر بىر ياتاق ئۆيلىرىگىچە سەپلىدى، ئىنشائاللا بۇنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋاتىمىز.

ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى، مۇقەددەس كىتاب قۇرئانى كەرىم نازىل قىلىنغانغا 1400يىلدىن ئاشتى.قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلى بىلەن نازىل قىلىنغان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمىنى بىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ھەر خىل تىلدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالىم ‏-ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن قۇرئان كەرىمىنىڭ ھازىرغىچە 30دىن ئارتۇق تىلدا 140 خىلدىن ئارتۇق تەرجىمە نۇسخىلىرى يورۇقلۇق كۆردى. قۇرئان كەرىمىنى بېسىش ۋە نەشر قىلىشتىن باشقا، ئۇنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىنىمۇ تارقىتىش ئىسلام دىنىنى كەڭ تارقىتىشنىڭ مۇھىم يولىدۇر. يەنى دەۋەتنىڭ بىر مۇھىم تۈرى ھېسابلىنىدۇ.، بىز «قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان فوندى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەلفۇرقان جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى مەزكۇر فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە پرېزىدېنتى ۋاجەھىد سەيىدنىڭ فوندىنىڭ تورىغا قويغان سۈرەتلىك ئىلاۋىسى ئارقىلىق تونۇشۇپ چىقايلى :

‏-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى بەرىكاتۇ-ئەلفۇرقان فوندى جەمئىيىتى 2003-يىلى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دەۋەت تەشكىلاتى، قۇرئاننى تارقىتىش ۋە ئۆگىتىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان. «قۇرئان تارقىتىش ھەرىكىتى» بولسا، ئامېرىكىدا باشلىغان تۇنجى پروگراممىسىنىڭ بىرى، قۇرئان تەرجىمە نۇسخىلىرىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان. ھازىرغىچە 500مىڭ پارچە قۇرئاننى ئۆيمۇ ‏-ئۆي تارقاتتۇق ۋە يەنە دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيىلىرى، تۈرمە ۋە مېھمانخانىلارغىچە تارقىتىلدى. بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەلھەمدۇللىللا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بىزنىڭ كىتابلىرىمىزنى يەنە تور بەتلىرىمىز ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بىز ئاساسلىقى، كىشىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمىنى چۈشىنىشكە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامىيەت، فوند، تەشۋىق-تەربىيە، پسىخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ئىمانىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجىغا مەسلىھەتلەر بېرىش خىزمەتلىرى ئېلىپ بارىمىز.

ئەلھەمدۇلىللا پائالىيەتلىرىمىزدە سىزلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىلەن ئاللانىڭ چاقىرىقى، مۆجىزىسى قۇرئان ھەر بىر جۈپ قوللارغىچە يەتكۈسى.

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىشىدىكى ئىجازەت ۋە كەڭ يوللارنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ئىنتايىن زور پەرقلەرنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئۇيغۇر ئېلىدا تەخمىنەن 20 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ، ئەمما لېكىن ئىسلام دىنىدا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. زامانىمىزدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمىنى چۈشىنىشىگە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلىپ چىققان ۋە 1986-يىلى بېسىلغان تەرجىمە قامدىغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمىسىدىكى قۇرئان كەرىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ناھايىتى ئىخچام، چۈشىنىشلىك، تىل ۋە مەنە جەھەتتىن ئىنتايىن ساغلام بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمىنى چۈشىنىشىدە ئاساسى رول بولۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى بىلەن مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىم تەرجىمىسىدىكى قۇرئان كەرىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ قايتا نەشر قىلىنماسلىقى ۋە قۇرئاننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلدۇرۇلغان يېڭى تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ شۈبھە قوزغىشى شۇنداقلا قۇرئان ۋە باشقا دىنىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى باشقا كىتابخانىلاردا سېتىشنى چەكلىشى قاتارلىقلار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمىنى توغرا شەكىلدە چۈشىنىشىدە توسالغۇ يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىش تەشنالىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى جامائەت ئەرباپلىرىدىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلارغا موھتاج بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ تارقىتىلىشىنى، ھەتتا دىنىي سۆز ئىبارىلەرنىمۇ قاتتىق يوسۇندا چەكلەۋاتقانلىقىنى، ھەددىدىن ئاشقان دىنىي باستۇرۇش دەپ تەنقىد قىلدى ۋە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.