بۇ يىل يەنە بەدەل ھەج قويمىچىلىرىنىڭ بازىرى ئاقماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر يىلى ھەرەمگە بارىدىغانلارغا پۇل تۇتقۇزۇپ ئۆزلىرىگە ۋە تۇغقانلىرىغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئازراق بولسىمۇ پۇل تاپقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مودىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاز بىر قىسىم ئاكتىپلار، سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەسىدە بەدەل ھەج قىلدۇرىدىغان رەسمىي بىرەر ئورگاننىڭ يوقلۇقىنى ۋە بەدەل ھەج قىلىمىز دېگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز يوللار بىلەن كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا، ئۆزلىرى يېزىۋالغان« بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى»نى تۇتقۇزۇپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ۋە كىتابلارنى يېزىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاق كۆڭۈل خەلق يەنىلا تاپقان پۇلىنى بەدەل ھەج قويمىچىلىرىنىڭ يانچۇقلىرىغا سېلىپ بەرمەكتە.

بۇ يىل يەنە ھەج مەزگىلى كېلىشى بىلەن مەككىدىكى بەدەل ھەج قويمىچىلىرى ھاجىلارنىڭ ئالدىغا مەدىنىگىچە بېرىپ، ئۇلارنىڭ يانچۇقلىرىنى بوشىتىشنىڭ كويىغا كىرىپ ئىش باشلىماقتا ئىكەن. چۈنكى ئۆمەكتىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار ئاۋۋال مەدىنىگە چۈشۈرۈلىدىكەن، ئۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرغۇزۇپ ئاندىن مەككىگە ئېلىپ كېلىنىدىكەن. مەككە ۋە مەدىنىدە تۇرىدىغان بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، بەدەل ھەج قويمىچىلىرى ھەج مەزگىلىدىكى شۇنچىلىك ئالدىراش ئىشلىرىنى تاشلاپ، ھاجىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ مېھمان قىلىدىكەن، ئاندىن بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنلىرىنى ئالىدىكەن، بەدەل ھەج قويمىچىلىرىمۇ بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ، ھاجىلارنى تالىشىپ، تامەدىنىگىچە ئالدىغا بارىدىكەن ۋە ھەر قايسىسى ھاجىلار چۈشكەن مېھمان كۈتۈشنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھاجىلارنى تالىشىدىكەن. بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر قانچە كىشى بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مەدىنىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەدىنەدە تۇرۇپ يېڭىدىن ئوقۇشقا كەلگەنلەرنى تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم 25-سېنتەبىر كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ھاجىلار ئۆمەك بىلەن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار چۈشكەن مېھمان كۈتۈش ئالدىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. مۇھەممەد نىياز ھاجىم سۆزىدە بەدەل ھەج قويمىچىلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپەردە قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ھاجىلارنى بىرەر قاچىدىن پولۇ بىلەن تويغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپلا ئۇلارنىڭ بىلىدىكى دوللارنى بوشىتىشقا كىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھاجىلاردىن پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.