بەدەل ھەج توغرۇلۇق ئۆلىمالار سۆھبىتى (1)

0:00 / 0:00


كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەككىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەدەل ھەج قويمىچىلىرى ئەۋجگە چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پۇللار شۇ قويمىچىلارنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كەتمەكتە.

مەككىدىكى بەدەل ھەج قويمىچىلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر يېزىلغان ۋە كىتابلار يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز خەلق ھەر يىلى ھەجگە چىقىدىغانلارغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا پۇل تاڭىدىكەن، بۇ ھاجىلار مەككىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەنلىكتىن، شۇ بەدەل ھەج قويمىچىلىرىغا بېرىپ قۇتۇلىدىكەن ۋە قولىغا ساختا بەدەل ھەج گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كېتىدىكەن.

مۇشۇ ئەھۋاللار توغرۇلۇق 2013 - يىلى 4 - ئۆكتەبىر كۈنى مەككىدە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىر قانچە كىشى مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

سۆھبەتتە بەدەل ھەجنىڭ ھۆكۈمى، ئۇنىڭ شەرتلىرى ۋە ھازىرقى بەدەل ھەج قويمىچىلىقى ھەققىدە ئۆلىمالار تەپسىلىي توختالدى. شۇنداقلا مەككىدىكى بەدەل ھەج قويمىچىلىرىنىڭ نە مۇسۇلمانلىققا، نە ئادىمىي ئەخلاققا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ۋەھشىي خىيانەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىدلەندى، ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ بەدەل ھەج قىلدۇرىمىز دەپ ئالدىنىپ كەتمەسلىكى ھەققىدە تەۋسىيىلەرنى قىلدى.