مەسچىت ھەرەمنىڭ ئىمامى ئەللامە سالىھ ئالى تالىب يېقىندا مەسچىت ھەرەمدە جۈمە نامىزىغا ئوقۇغان خۇتبىسىدا، سۈرىيىدىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ھەر كىم ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا تېگىشلىك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.
ئۇ «مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىيەلمىگەن مىللەت تارىخ بېتىدە ئىز قالدۇرالمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلىدى:
سۈرىيە زېمىنىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا مۇسۇلمانلار كۈنىگە يۈزلەپ بوغۇزلانماقتا. قانلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. سۈرىيە رىجىمى ئون مىڭلارچە پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ، مىليونلارچە پۇقرانى يۇرتلىرىدىن پالاپ، سۈرىيىنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنى، ھازارەت - مەدەنىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلماقتا. تارىخىي كۇتۇپخانىلارنى قەستەن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرماقتا. ئۇ زالىم ھاكىمىيەتنىڭ دىن بىلەنمۇ ئىشى يوق. كىچىك بالىلارنىڭ يىغا - زارلىرىمۇ ئۆلگەن قەلبىنى ئېرىتەلمەيدۇ. سۈرىيە رىجىمى سۈرىيە زېمىنىغا يات بىر رىجىم بولۇپ، سۈرىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەيدىغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولماقتا. زالىم، قانخور ھاكىمىيەت قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىدە قېرىنداشلىرى(ئىران بىلەن ھىزبۇللاھنى دېمەكچى) بولغانلار ياردەم بەرمەكتە. سۈرىيە خەلقىنى بىرلىكتە بوغۇزلىماققا. ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇ زالىملارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرماقتا. ئازسانلىق قانخورلار كۆپ سانلىق پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە قەتلىئام قىلماقتا. قايسى كۈنى بىرلا ۋاقىتتا 500دىن كۆپ ئىنسان بوغۇزلاپ تاشلاندى، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى كىچىك بالا ۋە ئاياللار ئىكەن. بۇنداق ۋەھشىيلىكنى تارىخ كۆرگەنمۇ ئەجىبا!؟
بۇ ئەھۋالنى دۇنيا خەلقى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلماقتا. مەزلۇملارغا ياردەم بېرىپ مۇداخىلە قىلىش، ياردەم بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! سۈرىيە خەلقى ئىچكى دۈشمەننىڭ قولى، تاشقى دۈشمەننىڭ مېلى ئارقىلىق بوغۇزلانماقتا. سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا :«بىزنىڭ سەندىن باشقا مەدەتكارىمىز يوق ئەي ئاللاھ!» دەپ شوئار تولىشى تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان شوئار ئىدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەدەتكارى، تايانچىسى يوق!..
مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت يۇقىرى سەۋىيىگە، ئالىي مەرتىۋىگە ۋە باشقىلارغا تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك سەۋىيىگە يەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوڭ ھادىسىلەر، بۈيۈك بەدەللەرنىڭ تۆلەنگەنلىكىنى، جان پىدا قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى كۆرمەي تۇرالمايمىز. ھەرقانداق مىللەت دۇنيادىكى مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى خالايدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلىش، ياشلىرىدا قۇربان بېرىش ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلىمەسلىك، ئىنسانلاردا مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەنلەپ كەتكەن مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك، دەھشەتلىك بولىدىغانلىقىنى، تارىخ بېتىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى تارىخ ئىسپاتلىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ئۈممىتى كېلىپ قالغان خار - زەبۇنلۇقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قۇل بولۇش. بايلىقىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇ بايلىقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا دىنىنى، ئىمانىنى سېتىۋېتىشتەك ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقىدۇر. نەپسى - خاھىش، ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، دۇنيانىڭ لەززىتىگە بېرىلىپ، بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش خۇددى زەھەرلىك چېكىملىككە ئوخشاش مەس قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، ئۈممەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى ئاستىلىتىپلا قالماستىن خار - زەبۇنلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۈممەتنىڭ ئازغۇن ھالىتى، خانىۋەيرانلىقى تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلدى. ئەسلىدە ئەھۋال بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىز ھەر يۈز يىلدا ئۈممەت بىر قېتىم ئويغىنىپ قانلىق ئۇرۇشلار، ۋەيران قىلغۇچى پىتنىلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ھەقىقىي كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.
ھەيران قالارلىقى شۇكى، كۈنىمىزدە پىتنىلەر يىل بويى داۋام قىلىپ، مۇسىبەتلەر يېڭىلىنىپ بارماقتا. لېكىن مۇسۇلمانلار ئىبرەت ئالماي كېتىپ بارماقتا. دەرھەقىقەت، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بايلىق توپلاپ، دۇنيادا ئەڭ باي، سەرمايىسى ئەڭ كۆپ بولۇشى ئەرەبلەرنىڭ شەرىپىنى كۆتۈرۈپ، خارلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامىلى بولالمايدۇ.»
ئەللامە ئالى تالىب يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئەرەبلەر دىنى تەلىماتتىن يۈز ئۆرۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى قوراللارنىڭ ھەممىنى سېتىۋالسىمۇ، ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولسىمۇ يەنىلا خارلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت - شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلا يول ئىسلامغا قايتىشتۇر. ئىززەت - شەرەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىغان مۇسۇلمانلار تارىخىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ يەنىلا شۇ تارىخقا قايتىشى كېرەك. بىز مۇسۇلمانلار قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئۆز - ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش، تارىخىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ ئۆزىمىزگە مۇراجىئەت قىلىشتۇر. ئۈممەت ئۆز ئىچىدىن بۇزۇلماي تۇرۇپ تاشقى كۈچلەر، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئەي ئاللاھ، دۇنيادىكى مەزلۇم بەندىلىرىڭگە ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىل! زالىملارنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ھالاك قىل! ئامىن يارەببەل ئالەمىين!!!»
0:00 / 0:00