«ئۇيغۇرلارنى بوزەك ئېتىش»: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى خورلىشى دىققەت قوزغىماقتا (2)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نامدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلامى ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئالاقىدار شەخسلەر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىلىرىدە، بۇ ھالنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلى، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىكنىڭ ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەكرەك تەنقىدكە ئۇچرىغىنى، ئۇيغۇر بوۋاقلارغا ئىسلامى شەكىلدىكى ئىسىملارنى، جۈملىدىن «مۇھەممەد» ياكى «مەدىنە» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلەش، شۇنداقلا ھېجابلىق ئاياللارنىڭ ۋە ئۇزۇن ساقاللىق ئەرلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆزگە چېلىقىشىنى مەنئى قىلىش تەدبىرلىرى بولغان.

«ئىقتىسادشۇناسلار» گېزىتىگە بېسىلغان «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلىشىدىكى ئاجايىپ ئۇسۇللار» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، مانا مۇشۇ مەسىلىلەر كونكرېت تەھلىل قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن پەرزەنتلىرىنى خىتايدىكى قاتتىق كونتروللۇق بىلەن باشقۇرۇلىدىغان «نوپۇس سىستېمىسى» غا تىزىملىتالىشى قىيىنغا چۈشىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ بالىلارنىڭ مەكتەپ، داۋالىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئېغىر دىشۋارچىلىقلارغا دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەمدە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولغانلىقى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتر ئىرۋىن مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق. بۇ سىياسەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىگە دائىر كېلىشىملەرگە ياكى ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان. ئەمما دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇنىڭ ئۆزى بۇ رايوندا ئېغىر مەسىلىلەردىن سانىلىدۇ. مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىدىمۇ ئوخشاش مەسىلىلەر ساقلانماقتا. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇشۇنداق سىياسەتلەر ئارقىلىق تېررورلۇقنىڭ ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دېگىنى ئەمەلىيەتكە زادىلا ئۇيغۇن بولمىغان بىر تەدبىر. چۈنكى، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر رايوندا ھەقىقىي مەنىدىكى تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت بولۇشى لازىم. ئەمما بىزنىڭ كۆرۈۋاتقانلىرىمىز، پەقەت ئازغىنە ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، خالاس. شۇنداق بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن، دائىرىلەر ئالدى بىلەن دۇچ كېلىشكە تېگىشلىك مەسىلە چاتاقنىڭ نېمە ئۈچۈن چىقىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش، شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ئوڭلاش ۋە قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە باش قاتۇرۇش، خىتاي ئۆزى قايتا-قايتا داۋراڭ سېلىۋاتقاندەك رايوندا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ئورنىتىشقا تىرىشىش دېگەنلەر بولۇشى كېرەك. خىتاي جەزمەن مۇشۇ ھادىسىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقنىڭ ھەمدە بۇنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشى تېخىمۇ مۇھىم. بۇ ھەقتە ئالاقىدار شەخسلەر ئىزچىل ھالدا ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىل مابەينىدە دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى زۇلۇملارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى نارازىلىققا پىلتا بولۇۋاتقانلىقىنى دەپ كېلىۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسىي، دىنىي ۋە مىللىي سىياسەتلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭدا پولاتتىن سوقۇلغان سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىش لازىم» دېگەن يوليورۇقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. چۈنكى، ئاشۇ چاقىرىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئامانلىق خام چوتى بىراقلا 20% ئاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى «دەرھال شۇ جايدا ئېتىپ تاشلاش» شەكلىدە بىر ياقلىق قىلىنغان. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى قارشىلىق ۋە «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۇرۇشلۇق ساقچى ۋە مۇنتىزىم ھەربىي قوشۇننىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ خىل ئەھۋاللار ھەققىدە گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادريان زېنز (ئادرىان زەنز) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باش ۋەكىلى چېن چۇەنگونىڭ ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسىگە قاراپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، چېن چۇەنگو تىبەتتىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان تىبەتتىكى بىر قىسىم تەجرىبىلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسى بولسا، دىنىي ئېتىقاد بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان ھۇل مۇئەسسەسىلەرنى باشقۇرۇشقا قارىتىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىلىرى، بىخەتەرلىك ئۈچۈن زور ساندا ئامانلىق خادىملىرى قوبۇل قىلىش، بىخەتەرلىك نۇقتىلىرى بويىچە نازارەت قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئامانلىق تېخنىكىلىرى ھەرقايسى ساھەگە قوللىنىلدى. ھازىر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، دائىرىلەر ‹ئاساسلىق مەنبە› دەپ قارىلىۋاتقان شەيئىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىنى كونترول قىلىشقا بەكرەك كۈچەۋاتىدۇ. مەسىلەن، تىبەتنى مىسالغا ئالساق، ئۇ جايدىكى ئۆزىگە ئوت يېقىش ھادىسىلىرىنى دائىرىلەر بۇتخانىلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق توسۇپ كەلگەن. يەنى بۇتخانىلار سىستېمىسىنى بىۋاسىتە كونترول قىلىش ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان سىياسىي ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئەمدى بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلانغاندا بولسا، بۇنىڭدا بىرئاز ئاۋارىچىلىك كۆرۈلدى. چۈنكى ئىسلام دىنىدا بۇ خىلدىكى مەسچىت سىستېمىسى مەۋجۇت ئەمەس، يەنى مەسچىتلەر ھەممىلا جايدا ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ رايوندا دائىرىلەر دىققەت قىلغان يەنە بىر ئەھۋال، ئۇچۇرلار ۋە پىكىرلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى، بولۇپمۇ ئۈندىداردىكى يازمىلارنىڭ كەڭ تارقىلىشى بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، شۇنداقلا مەسچىتلەردە نېمىلەرنى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، قايسى ‹ئۈزۈندىلەر› نى ئوقۇشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىۋاتىدۇ (ئەلۋەتتە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەھۋالى بىر-بىرىدىن سەل پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن)، ئىسلامى مەزمۇندىكى ھەرقانداق يازمىنىڭ ئەركىن تارقىلىشى بولسا قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا دىننىڭ تاشقى شەكلىگە مەنسۇپ ھەرقانداق بەلگىلەر، جۈملىدىن ئىسلام دىنىدىكى نورمال ئىبادەتلەرمۇ ئىزچىل ھالدا ئەسەبىيلىك، دەپ شەرھىلىنىۋاتىدۇ.»

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ھازىر ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى جىددىي ھالدا سىنىماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىر تىپىك ئۆلچىمى بولسا، ئاشۇ يەرلىك كادىرنىڭ دىنىي ئېتىقاد بىلەن قايسى دەرىجىدە مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا قاراش ئىكەن. بۇ خىل قاباھەتنىڭ تەسىرىدە ھازىر ئىلگىرىدىن نورمال بولۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى، جۈملىدىن توي ۋە دەپنە مۇراسىملىرىمۇ مۇشۇ خىل نازارەتنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەدبىرلىرىنىڭ جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: «شۇڭا ئىلگىرى كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولغان دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ئاساسەن ھېچنەرسىگە پۇتلاشماي ئۆز يولىدا مېڭىۋاتقان ئىدى. ئەمما، ھازىر بۇ خىلدىكى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى سىغدۇرالايدىغان بوشلۇق بارغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ھەتتا بالىلارغا قانداق ئىسىم قويۇش ۋە ئاياللارنىڭ قانداق كىيىنىشىگە قەدەر بېرىپ چېتىلىۋاتىدۇ. سىزگىمۇ مەلۇم بولغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى، يەنى ھېلىقى ياشىنىپ قالغان يېزىلىق ئىمامغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئۆزىنى تارتقان پارتىيەلىك كادىرنىڭ جازالىنىشىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى. ھازىر بۇ ئىشلار ئەخلاق سىستېمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئادەتتە دىن ئۆزى مەۋجۇت بولۇۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ھەرقاچان ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، نېمىنى تەرغىب قىلىش، نېمىنى چەكلەش دېگەنلەرنى ئۆگىتىدۇ. ھازىرقى سىياسەتلەر بولسا نورمال دىنىي ئېتىقادلارنىمۇ ئەسەبىيلىككە باغلاپ شەرھىيلەۋاتىدۇ، ناۋادا بىراۋ ئىسلام دىنىدىكى ئەخلاق نىزاملىرىنىڭ ھەرقاندىقىغا رىئايە قىلسا ياكى جۈمە كۈنىدىكى كوللېكتىپ ئىبادەتكە قاتناشسا بۇنىمۇ بىر تاياقتا ھەيدەپ ‹ئەسەبىيلىك› دەۋاتىدۇ.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋىللىيام نىمۇ بۇ نۇقتىدا ئادريان زېنزغا ئوخشاش پىكىردە. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇشتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىپادىسىگە بىر چاتاق يوشۇرۇنغان، دەپ قاراۋاتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىغا ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئىسلامى ئىسىملارنى قويۇش، ئاياللارنىڭ ھېجاپلىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى قاتارلىقلارنى چەكلەشنىڭ ھېچقايسىسى ئاممىغا بىخەتەرلىك ئاتا قىلىدىغان تەدبىرلەر ئەمەس. سىزگىمۇ مەلۇمكى، بۇ خۇددى بىر تېرتورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىغاندەكلا بىر ئىش، يەنى ئەسلىدە بىر ھۆكۈمەت ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئاشۇ خىلدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا بۇ ھوقۇقلارنى قوغدىشى لازىم ئىدى. ئەمما ھازىر، ئەھۋال بۇنىڭ تەتۈرىسىچە بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللار ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئىنسان ھەقلىرىگە ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەھدىتلەرگە يول ئاچىدۇ.»

ماقالە ئاپتورلىرى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن سۈرۈشتە قىلغاندا، قەشقەردىكى تاكسى شوپۇرلىرىدىن بىرەيلەن «مەھەللە دېگەن مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئۇنى بەك چىڭ سىقىۋەتسە ئۇنىڭ سۈيى كۆزگە چاچرايدىغان گەپ» دەپ ئوبرازلىق جاۋاب بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ھازىر رەسمىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل مۆلچەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.