خىتاينىڭ يېڭى «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىدا تەستىقلاندى. مەزكۇر نىزام 2018‏-يىلى 1‏-فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ.

مەزكۇر بەلگىلىمىدە كونكرېت ۋە كۈچلۈك ئىبارىلەرنى قوللىنىپ، دىنىي گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر، ئۇلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دىنىي سورۇنلار، زاكات يىغىش، دىنىي تەربىيە، دىنىي مەكتەپ، دىنىي يىغىلىش، توردا دىنىي تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش، دىنىي تەبلىغ، چەتئەلدىكى دىنىي كۇرس ياكى دىنىي يىغىنلارغا قاتنىشىش قاتارلىق دىنىي مەسىلىگە چېتىشلىق بارلىق ساھەلەر تېخىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.

ھۆكۈمەتنىڭ كونترولى سىرتىدىكى دىنىي گۇرۇھلار، دىنىي شەخسلەرنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن.

بەلگىلىمىدە، «دىنىي پائالىيەتلەر ئۇنىڭ قانۇنلۇق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، قانۇنسىزلىقنى چەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى توسۇشى، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، جىنايى ئىشلارغا قارشى تۇرۇشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلىپ، «ھەر قانداق شەخس ۋە دىنىي گۇرۇھ ئوخشىمىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدا ياكى بىر دىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە ياكى دىندارلار بىلەن دىنسىزلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ۋە زىددىيەت پەيدا قىلماسلىقى شەرت» دېيىلگەن.

بىراق ئۇنىڭدا، قانداق ھەرىكەت ياكى سۆزلەرنىڭ ئوخشىمىغان دىنلار، دىندارلار بىلەن دىنسىزلار ياكى بىر دىننىڭ ئىچكى قىسمىدا توقۇنۇش ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىشقا ياتىدىغانلىقىغا ئىزاھات بېرىلمىگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر نىزام خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ كونترولى سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتلارنى چەكلەشنى كۈچەيتىدىكەن.

بىراق مەزكۇر بەلگىلىمە خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرۇشىغا يول ئاچىدۇ، دېگەن سەۋەب بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق دىنىي گۇرۇھ ۋە شەخسنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئاسىيا‏-تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ت. كۇمار مۇنداق دەيدۇ: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ھەرقانداق بەلگىلىمىنى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە ئارىلاشتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز. ھەرقانداق بىر دىن ئۆزىنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى كەمسىتىش ۋە ئەندىشىلەردىن خالى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.»

خىتاينىڭ 2005‏-يىلى چىقىرىلغان «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» 2016-يىلى سېنتەبىردە تۈزىتىلىپ، بۇ يىل 6‏-ئايدا خىتاي دۆلەت كابىنېتى مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلغان.

مەزكۇر بەلگىلىمە شۇنىڭدىن بېرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق باش تەتقىقاتچىسى سۇزان رايىف، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن مەزكۇر بەلگىلىمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا چىقارغان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» ۋە خىتاينىڭ باشقا قانۇنلىرىغا ئوخشاش سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، «دائىرىلەر تىبەت بۇددىستلىرىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازالايدىغان يېتۈك قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەن

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق چەكلىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ قېتىم مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق نىشانى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خرىستىئان پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشكەن.

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىدىكى فروسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ يەردە ئاساسلىق ئويلاشقىنى شىنجاڭ ياكى مۇسۇلمانلار ئەمەس. چۈنكى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال ۋېنجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە چېركاۋلارنى چېقىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. سىز ئەگەر ئىلگىرى شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە قارىسىڭىز، دىنىي جەمئىيەتلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇڭا، بۇ كۈچلەر ھازىر خىتاي ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بۇ بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق بۇ كۈچلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ، دېسەك بولىدۇ. بىز پەقەت مەسىلىنىڭ مۇسۇلمانلارغا چېتىشلىق تەرىپىنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەڭ قورقۇۋاتقىنى خرىستىئانلار ۋە مىسيونېرلار. چۈنكى، بۇلار ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالالايدۇ.

لېكىن پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەزكۇر نىزامى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىشتىكى قاتتىق قول تەدبىرلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ما خەييۈن: «مەيلى قانداق دىنىي باشقۇرۇش نىزامى بولسۇن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھازىرغا دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى شىنجاڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شىنجاڭ يەرلىك دائىرىلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە تەسىر قىلغاندەك ياكى ئۇنى گۆرىگە ئېلىۋالغاندەك قىلىدۇ. بۇ چوڭ ۋەزىيەتتىكى بىر يۈزلىنىش، بولۇپمۇ يېقىندىن بېرى شەرقىي-شىمالدىكى بەزى جايلارنىڭ دىنغا قارشى قوللانغان رادىكال تەدبىرلىرى شىنجاڭدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇ ئىچكىرىگە قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ. بۇنى بەزى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچى، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئەسلى دىندىكى مەسىلە ئەمەس. ئەگەر ۋېنجۇ قاتارلىق جايلاردا دىنىي جەمئىيەتلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان بولسا، كومپارتىيە ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە سوئال قويۇپ، كىشىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ ئېكولوگىيەسىگە ئەگەشمەيدۇ، دەپ سورىشى كېرەك.»

لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەرقانداق دىنىي بەلگىلىمە دىنىي گۇرۇھ ۋە شەخسلەرنى جازالاشنى چىقىش قىلماسلىقى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەرقانداق دىنىي بەلگىلىمە ھەر قانداق بىر دىنىي گۇرۇھنى جازالاش ياكى باستۇرۇشقا قورال قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن چىقىرىلماسلىقى كېرەك. بۇ خىتايدا تىبەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى نىزامدا يەنە، دىنىي تەربىيەگە قاتتىق بەلگىلىمە قويۇلۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئېلىنغان. دىنىي مەكتەپ ئېچىش ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشلىرىغا كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ دىنىي ئىشلارغا پۇل توپلاش، زاكات يىغىش، قانداق ئىشلىتىش، دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي گۇرۇھلار ۋە شەخسلەرنىڭ چەتئەل تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك شەخسلەردىن ئىئانە ئېلىشى چەكلەنگەن. خىلاپلىقى قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېغىرلاشتۇرۇلغان.