دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىنىي مۇھىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكچى

0:00 / 0:00


ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يېقىندا ئاقسۇنىڭ مائارىپ تارماقلىرى دىننىڭ ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىۋى دىنىي ئېتىقاد مۇھىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى چىقارغان بولۇپ، گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ خىلدىكى جەدۋەللەرنى تولدۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم تارقىتىلىدىغان جەدۋەلگە «ئۆيدە ناماز ئوقۇيدىغانلار بارمۇ ؟ ساقال قويغان، ھىجابلانغانلار بارمۇ ؟ قانداق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟ ئۆيىڭىزدە دىنىي كىتاب، ماتېرىياللار بارمۇ ؟» دېگەندەك تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە دائىر ئىنچىكە سوئاللار كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ جايلارغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىدىن بۇنىڭ پەقەت ئاقسۇدىلا ئەمەس، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقى دەلىللەندى.

يېقىندا چەتئەلگە چىققان، تەپسىلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇدىكى مەلۇم ناھىيىنىڭ مائارىپ تارماقلىرى يېقىندا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىغىپ دىننىڭ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىق خىزمەت يىغىنى ئاچقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىۋى دىنىي ئېتىقاد مۇھىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىدىغان ۋە پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىغا كىرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا - 1 سېنتەبىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاشتىن ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇپ مەكتەپكە تاپشۇرۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئوقتۇرغان. ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، جەدۋەلدە، ئائىلىڭىزدە قانچە كىشى دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ ؟ قانداق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ؟ ھىجابلانغان، ساقال قويغانلار بارمۇ يوق؟ دېگەندەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەش مەقسەت قىلىنغان مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن ۋە بۇ جەدۋەل مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەن.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل جەدۋەل نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگىچە چۈشۈرۈلگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش يۈزىسىدىن، خوتەن ۋە قەشقەرلەرگە قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. نۆۋەتتە يازلىق تەتىل ۋە شۇنداقلا ۋاقىت پەرقى بولغاچقا مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ئالاقە باغلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان بولسىمۇ، ئاخىرى قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئاھالىلەرگە ئۇلىغان تېلېفونىمىزغا بىر باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئۇيغۇر قىزى جاۋاب بەردى. ئۇمۇ يېقىندا ئائىلىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بالىلارغا خاس بولمىغان ناھايىتى جىددىي ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن جاۋاب بەردى. بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىلدىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇشى بىرىنچى قېتىم ئەمەس، لېكىن بۇ قېتىمقىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي، سوئاللار سورالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گەرچە ھازىر مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىۋېلىنىدىكەن، ھەمدە سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

بىز باشقا جايلاردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەنگىمۇ تېلېفون قىلدۇق، خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئامانلىق ئىشخانىسىدا نۆۋەتچى تېلېفون ئالدى ۋە جەدۋەلنىڭ يېقىندا تارقىتىلىپ بولغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ۋە مەكتەپ دائىرىلىرى يىغىۋالغاندىن كېيىن بولسا، ساقچى ۋە مائارىپ دائىرىلىرى تامغا ئۇرغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مائارىپ تارماقلىرى تارقاتقان بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى ئۇيغۇر ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا چۈشكەن.