چەتئەلدىكى زىيالىيلار مۇختەر مەخسۇت ۋە ئازاد سۇلتاننىڭ دىن ھەققىدىكى پىكرىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دىنغا يۈزلىنىش خاھىشى تەنقىد قىلىنغان. بۇ ماقالىلەرنى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە شەخسلەر قەلەمگە ئالغان بولۇپ، ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىر مۇنازىرە قوزغىغان.

دىنىي رادىكاللىق قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ ئىككى ماقالە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 6-ئاۋغۇست ۋە 13-ئاۋغۇست سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنىڭ بىرىنى مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى، شائىر مۇختەر مەخسۇت، يەنە بىرىنى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئازاد سۇلتان قەلەمگە ئالغان.

مۇختەر مەخسۇت «يۇرتۇمغا قايتقاندىكى خۇشاللىق ۋە ئەندىشىلەر» ناملىق ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ يېقىندا يۇرتى گۇما ناھىيىسىگە تەتىلگە بېرىپ، «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە بۇ ئەھۋالنى تەنقىد قىلغان.

ئازاد سۇلتان «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرايلى» ناملىق ماقالىسىدە بولسا، ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنە بىر قېتىم دىنىي رادىكاللىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنى رادىكال دىنىي كۈچلەر يوقاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى بۇ دەۋرىدىكى ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق دىنىي كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىخىي پاجىئەلەردىن ساۋاق ئېلىپ، جەڭگى-جېدەل، دىنىي نىزالار پاتقىقىغا قايتا پېتىشتىن قەتئىي ئەيلەشكە چاقىرغان.

بۇ ئىككى ماقالە ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي باستۇرۇش ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

مۇختەر مەخسۇت يۇرتىدىكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ، توي-تۆكۈنلەردە ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناپ نەغمە ناۋا قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇددى بىر كۈچ يوشۇرۇن قامال قىلىپ تۇرغاندەك يۇرتىدىكى توي -تۆكۈنلەرنى خۇشاللىق ۋە نەغمە ناۋا مەنزىرىسى غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل بۇرۇقتۇملۇقنى رادىكال دىنىي كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچى دوكتور قاھار بارات بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە مەزھەپچىلىك ۋە خۇراپاتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ، خانلىقنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەسىلىسىنى، ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشىگە سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ، باستۇرۇش نىشانىنى دىنىي ساھەگە قارىتىپ كەلگەن.

دائىرىلەر ھەر خىل يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، مەمۇرى خادىملار، كادىرلار، ئاياللار ئۆسمۈرلەر ۋە ئاياللارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلىشنى چەكلىگەن.

ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشنى، ئاياللارنىڭ ھىجاب، چۈمبەل، پەرەنجە ۋە رومال قاتارلىق دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى مەنئى قىلغان.

قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل بېسىم ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشىنى ئالغا سۈرگەن.