0:00 / 0:00
«دىنىي ئېتىقادنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقتىكى رولى قانچىلىك؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەن گوللاندىيەدىكى دىنىي ئۆلىما ئابدۇراخمان قاراجىم: مىللەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن دىنىي تەلىم-تەربىيىنى مەھكەم تۇتۇش لازىم. ئەگەر خەلقىمىزدە دىنىي ئەقىدە مۇستەھكەم بولمىغان بولسا، بۈگۈنگىچە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقىلىپ كېتەتتى، دېدى.
ئۆلىما ئابدۇراخمان قارىھاجىم ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، بىر يىلدىن بىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە مەزكۇر تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشنىڭ ئىككى دۇنيالىق پايدا-مەنپەئەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.