تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئائىلىسىدىن روزا ھېيتلىق سالام

0:00 / 0:00

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا 30 كۈن روزا تۇتۇپ، خەير-ساخاۋەت قىلىپ، مانا بۈگۈن ھېيتنى كۈتۈۋالدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بۇ بىر ئاينى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقان دىنىي چەكلىمىلىرى ۋە تۈرلۈك بېسىملىرى ئاستىدا ئۆتكۈزدى.

بۈگۈن 8-ئاۋغۇست كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرقانچە مەھبۇسلار ئائىلىسى ئۆزلىرىگە ئوخشاش مەھبۇسلار ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا روھى ۋە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە، ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رامىزانلىق سالىمىنى يوللاش بىلەن بىللە، بۇ يىللىق رامزان ئېيىدا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان نازارەت ۋە بېسىمنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىي مەھبۇسلار ئائىلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تۈرمىدە قاتتىق رېجىم ئاستىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بولسا، بۇ مەھبۇسلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ،ئۇلارنىڭ ھەرىكەت-پائالىيەتلىرى كۆزىتىش دائىرىسى ئىچىگە ئېلىنغان. بولۇپمۇ بۇ يىللىق رامزان ئېيى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلىلىرى شۇ رايوندىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش نىشانى قىلىنغان.

ئوغلىغا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ شۇ رايوندىكى مەھەللە كومىتېتى خىزمەتچىلىرى ۋە ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن «سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق ناملاردا دائىم چاقىرتىلىپ، «غەيرىي رەسمىي سوراق ئوبيېكتى»غا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئانا، نۆۋەتتە پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش قىسمەتكە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە چەكلىمىلىرىگە قارىتا نارازىلىقىنى، قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان»، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

ھالبۇكى، ئوغۇللىرى ۋە ئەرلىرى تۈرلۈك سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتا-ئانىلار، تۇل قالغان ئاياللار ۋە يېتىم بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بېسىملار تۈرمە ئىچىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان مەھبۇسلارنىڭكىدىن كەم بولمىغان.

ئىككى ئوغلى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان بىر ئاتا، بۇ خىل مۇشەققەتلەرنىڭ پەقەت ئۆز ئائىلىسىگىلا كېلىۋاتقان قىسمەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆز ئىرادىسىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلار بولسا، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆكۈمەتكە بولغان ئومۇمىي نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىپ، رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېخىمۇ كۆپلىگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.