مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللەر بالىلار ۋە دىنىي تەربىيە ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بالىلارغا دىننى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆگەتسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇنازىرىدە ئاساسلىق پىكىر بايان قىلغۇچىلار ئەركىن سىدىق ۋە ھەبىبۇللا كۆسەنى بولماقتا. دوكتور ئەركىن سىدىق ئون ياشتىن بۇرۇن بالىلارنى مائارىپتىن ئايرىپ مەخسۇس دىن ئوقۇتۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ھەبىبۇللا كۆسەنىمۇ بۇ قاراشنى قوللىغاندىن باشقا دىن ئۆگىنىشنى مەلۇم ياش بىلەن چەكلەپ قويۇشنى توغرا تاپمىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەزكۇر ماقالىنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب ئامىللار ھەققىدە بىز دوكتور ئەركىن سىدىقنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلارنىڭ دىن ئۆگىنىشى ھەققىدە ماقالە يېزىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىچە، تۈركىيەدە بالىلارنى مەكتەپكە بەرمەي مەدرىسىلەردە «قۇرئان» يادلىتىدىغان ئەھۋال داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن.

ئەركىن سىدىق مەزكۇر ماقالىنى يېزىش جەريانىدا قانداق ئۆلىمالاردىن نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تېمىدا ئىزدىنىش جەريانىدا شەرقتە ۋە غەربتە ئوقۇپ يېتىشكەن نوئىمان ئەلىخان دېگەن ئۆلىمانىڭ لېكسىيەسىدىن پايدىلانغان ئىكەن. ئەركىن سىدىقنىڭ ئېيتىشىچە، ماقالە يېزىلغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى تاراتقۇلاردا كەڭرى تارقالغان. ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلار ھەققىدە ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئەركىن سىدىقنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتىن بۇرۇن بەك ئەنسىرىگەن ئىكەن. چۈنكى بۇندىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇ دىن ھەققىدە يېزىلغان بىر قانچە ماقالىسى سەۋەبلىك «ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ساھەلەرگە ئارىلاشتى، ئۆلىمالاردىن ئىش تالاشتى، ئۆزى بىلمىگەن ئىلىمدىن گەپ قىلدى،» دېگەندەك چۈشەنچىدىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىكەن. بۇ قېتىمقى ماقالىسى بۇنىڭ ئەكسىچە چېكىلىش قېتىم سانى يۇقىرى بولغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئاغزاكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرگە ئېرىشكەن.

ھەبىبۇللا كۆسەنى مەزكۇر لېكسىيەدىن باشقىلارنىڭ تەۋسىيىسى ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتىپ، ماقالىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان نۇقتىلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ ماقالە ھەققىدە تاپشۇرۇپ ئالغان ئىنكاسلار توغرىسىدا توختىلىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرقلىق ئىنكاسلىرىغا رادىيومىز ئارقىلىق چۈشەنچە بەردى.

ھەبىبۇللا كۆسەنىمۇ تۈركىيەدە بالىلارنىڭ مەكتەپكە ئەۋەتىلمەي مەخسۇس «قۇرئان» يادلىتىلىدىغان ئورۇنلارغا بەند قىلىنىشىنى خاتا دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەركىن سىدىق بىلەن ئورتاق قاراشتا ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا بالىلارنىڭ «قۇرئان» ئۆگىنىشى چوقۇم مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك دېگەن قاراشنى توغرا تاپمايدىكەن.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئوقۇرمەن پىكىر بايان قىلىپ، ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان دىننى 10 ياشتىن كېيىن ئۆگىتىش كېرەك دېگەن خۇلاسىنىڭ مۈجمەل بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ماقالىدىن مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ۋە قوشۇلمايدىغان نۇقتىلىرىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن ئۆلىما ھەبىبۇللا كۆسەنىنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ دىن ئوقۇتۇش ئۈچۈن بالىلارنى ئاساسى مائارىپتىن مەھرۇم قويۇشىغا قەتئىي قارشى ئىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ بالىلار تەربىيەسىگە ئائىت ماقالىلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە يازغان «بالىلار تەربىيەسى ۋە كىملىك»، «بالىلارغا دىننى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆگىتىش كېرەك» دېگەن ماقالىلەر شۇنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ماقالىلەر ئېلان قىلىنغاندىلا ئالقىشلانغان بولسىمۇ ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى مەلۇم.

تۈركىيەدىكى «قۇتادغۇ بىلىك ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى» ئاچقان مەدرىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى ھەبىبۇللا كۆسەنىمۇ بالىلارغا دىنى تەربىيىنى قانداق بېرىش ھەققىدە «ئائىلەم جەننىتىم» دېگەن ماۋزۇدا يۈرۈشلۈك تەبلىغلەرنى سۆزلەپ يۇتۇب قانىلىدا تارقىتىپ كەلمەكتە.