خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدە كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 10 كۈن ئىچىدە 30 مىڭ يەرلىك مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان. چەتئەلدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاختۇرۇش ھەرىكىتى 25-ئۆكتەبىر باشلانغان.
ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار، ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە ساقچىلار ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئۆيىدىكى «قۇرئان-كەرىم»، «ھەدىس»، جايناماز، تەسبىھ قاتارلىق بۇيۇملارنى، ھەزرىتى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى يېزىلغان، «قۇرئان» دىن ئايەتلەر چۈشۈرۈلگەن ياكى نەقىشلەنگەن كۆرۈنۈش ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بىردەك يىغىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۈگۈن مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش داۋامىدا بۇ ھەقتىكى بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. تېكەس ناھىيەسىنىڭ مەلۇم ساقچى پونكىتىدىكى بىر كەچلىك نۆۋەتچى ساقچى، «قۇرئان كەرىم» ۋە ئايەت يېزىلغان، مەسچىدنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەرقانداق نەرسە بولسا تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ھازىرغا قەدەر تاپشۇرمىغانلارنىڭ تېز تاپشۇرۇۋېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىر: ۋەي، ياخشىمۇسىز! يېقىندا سىلەر بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپتىكەنسىلەر. ئۆيدىكى جايناماز، تەسبىھ، «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇڭلار دەپ. مۇشۇ نەرسىلەرنىلا تاپشۇرامدۇ ياكى باشقا نەرسىلەرمۇ بارمۇ؟
ساقچى: مۇشۇنداق نەرسىلەر بولسا، سىز ئۆزىڭىز قاراشلىق ئورۇنغا تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ... يەنى ئۆزىڭىز قاراشلىق مەھەللىگە تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
مۇخبىر: يەنە قانداق نەرسىلەرنى تاپشۇرىدۇ؟
ساقچى: مەسىلەن، «قۇرئان» كىتاب، مەسچىتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەر، «قۇرئان» ئايىتى يېزىلغان نەرسىلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرىدۇ... جاينامازنىڭ ئىچىدە مەسچىتنىڭ سۈرىتى بار، «قۇرئان» ئايەتلىرى يېزىلغانلىرى بولسا تاپشۇرىسىز.
مۇخبىر: دىنىي كىتابلارچۇ؟ «قۇرئان-كەرىم» ئەمەس، دىنىي كىتابلار، مەسىلەن، «ھەدىس» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دىنىي مەزمۇندىكى كىتابلارنىچۇ؟ ئۇنداق كىتابلارنىمۇ تاپشۇرامدۇ؟
ساقچى: ئۇنداق كىتابلارنىمۇ تاپشۇرۇپ بېرىسىز. ئۇ كىتابلار ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭغا ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈلدى دېگەن تامغىسى بېسىلغان بولۇشى كېرەك.
مۇخبىر: مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان بولسىمۇ تاپشۇرۇشى كېرەكمۇ؟
ساقچى: ئۇنى ئادەتتە تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بارغۇ، شۇلارغا كۆرسىتىدۇ. شۇلار ئاپىرىپ تەكشۈرتىدۇ.
مۇخبىر: سىلەر يېقىندا تېكەسنىڭ پۈتۈن يېزا -بازارلىرىدا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈپتىكەنسىلەرغۇ، «قۇرئان كەرىم»، جايناماز، تەسبىھ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى تاپشۇرۇڭلار دەپ. تاپشۇرمىغانلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىلەر؟
ساقچى: تاپشۇرماي قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۆزى كېلىپ تاپشۇرۇشى كېرەك.
بىز يەنە تېكەس ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان ياكى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى، ئەگەر ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بولسا، قانداق كىتاب ۋە دىنىي بۇيۇملارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى سورىدۇق. تېكەس ناھىيەسىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى ئۆيىدىكى دىنىي كىتاب ۋە دىنىي بۇيۇملارنى تاپشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىر: ۋەي، ياخشىمۇسىز! سىز بىمارمۇ ياكى دوختۇرمۇ؟
نۆۋەتچى: مەن دوختۇر ئەمەس. ھەئە، نېمە بولدى؟ نېمە ئىش؟
مۇخبىر: يېقىندا سىلەرنىڭ تېكەس ناھىيەسىدە «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس»، دىنىي كىتاب، تەسبىھ، جايناماز قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇڭلار دېگەن بىر ئۇقتۇرۇش چۈشۈپتىكەن. سىلەر تاپشۇردۇڭلارمۇ بۇ نەرسىلەرنى؟
نۆۋەتچى: تاپشۇرۇۋەتكەن، ئۇنداق نەرسە يوق ئۆيدە. ئۇنداق نەرسىلەر ھازىر ئۆيىمىزدە يوق.
مۇخبىر: يېقىندا تەكشۈرۈش خادىملىرى كىردىمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە؟ نېمىلەرنى تاپشۇردۇڭلار؟ ئۆتكەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىغۇ سىلەرنىڭ تېكەس ناھىيەسىدە؟
نۆۋەتچى: ھەئە. . . ياق، بۇرۇندىن بىزنىڭ ئۆيدە يوقتى ئۇنداق نەرسىلەر.
تېكەس ناھىيەسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي كىتاب، دىنىي بۇيۇملارنى يىغىۋالغان بىردىن بىر ناھىيە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي كىتاب، دىنىي بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئالدى بىلەن خوتەندە باشلىنىپ، ئارقىدىنلا پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭەيگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كەلگەن يۇقىرىقى ھەرىكەتلىرىنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى زۆرۈر تەدبىر»، دەپ كەلسىمۇ، بىراق بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا مۇفورت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ يىل يەنە ئامېرىكانىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشكە لايىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىنا مۇفورت مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيسى. خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشكە ئەڭ لايىق دۆلەت. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى بۇ يىل 8-ئايدا ئېلان قىلدى. ئۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ، 90 كۈن ئىچىدە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ. دېمەك، ئۇ مۇشۇ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۆزىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. بىز دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىنى ئېھتىيات بىلەن يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە كۈتۈۋاتىمىز. بىز ئۇنىڭ بۇنى ئۆز قەرەلىدە ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز خىتاينىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنى كۈتىمىز ۋە ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ئۇ بۇنىڭغا لايىق.»
تىنا مۇفورت يەنە ئامېرىكا قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالايدۇ، دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «بىز خىتاينى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئىزچىل خاتىرىلىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك،» دېدى.
تىنا مۇففورت يەنە مۇنداق دېدى: «خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەتتىكى دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بىراقلا ياخشىلىنىپ كېتىشى بەسى مۈشكۈل. بۇ قانداقتۇر زور ياكى كۆرۈنەرلىك غەلىبىگە ئېرىشىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ بەزىدە كىچىك بىر غەلىبە بولۇشى، بىرەر ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ياكى بىرەر ئائىلىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، 3-بىر دۆلەتكە بىخەتەر بېرىۋېلىش مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە غەلىبىنىڭ كىچىك چوڭلۇقى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلاش، مەيلى ئۇ غەلىبە بولسۇن، بولمىسۇن، بىزنىڭ ئالغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان مەسىلىسىدۇر. بىز ئالغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بۇ بەك مۇھىم. بىز خىتاينى ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسەك بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىز، ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىمىزنى خاتىرىلىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولسۇن-بولمىسۇن، بىزنىڭ ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى زور.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 4-ئايدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى رەسمىي يولغا قويۇپ، «ئەسەبىيلىك» كە كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭدا دىنىي كىتاب، دىنىي بۇيۇملارنى ساقلاشنى، بۇرۇن نورمال دەپ قارالغان نۇرغۇن دىنىي خاھىشلارنى «ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى» دەپ چەكلىگەن. خىلاپلىق قىلغانلارنى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سولىغان ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ كەلگەن ئىدى.
0:00 / 0:00