كانادا باش مىنىستىرى دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى

0:00 / 0:00

يېقىندا، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئېچىلغان كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېر، خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي زۇلۇملارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ مەقسىتى ئىراق، مىسىر، پاكىستان، ئىران قاتارلىق دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىشىنىش ئەركىنلىكى ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەردە، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىشىنىش ئەركىنلىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ستەۋېن خارپېر، دۇنيادىكى دىنىي زۇلۇم ئېغىر بولۇۋاتقان دۆلەتلەر ھەققىدە ئۆرنەكلەر بېرىپ، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن سورۇنلاردىن باشقا سورۇنلاردا ئىبادەت قىلغان ۋە يەر ئاستىدا ئۆز دىنىي ئېتىقادلىرىنى تەشۋىق قىلغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ باشچىلىرىنى قولغا ئالدى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىدى.»
ستەۋېن خارپېر خىتاي ھەققىدە ئۆرنەكلەر بەرگەندە ئۇيغۇرلارنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى شۇنداقلا فالۇڭگۇڭ مەشقچىلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا تۇتقۇن قىلدى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىدى. كانادا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىشىنىش ئەركىنلىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ كانادا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىشىنىش ئەركىنلىكى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان يۇقىرىقىدەك دۆلەتلەردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىزنىڭ مەقسىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز.»

تورونتودا قۇرۇلغان كانادا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ستەۋېن خارپېر مۇخبىرنىڭ «كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە تىجارى مۇناسىۋەتلەر بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىشىنىش ئەركىنلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«كانادا تاشقى سىياسىتىنىڭ 3 مۇھىم تەركىبى قىسمى بار. ئۇلار، دېموكراتىيە ۋە كانادانىڭ قىممەت قارىشى، كانادانىڭ ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى شۇنداقلا سودا-تىجارەت.»

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.