ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىسكەنجىگە ئېلىنماقتا» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى تۈرلۈك خىرىسلار ۋە باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە 26-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش مەقسىتىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلدى. ھەرقايسى ساھەدىن كەلگەن ئالاقىدار خادىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئورگانلارغا تېگىشلىك تەكلىپ سۇنۇشنى تەكىتلىدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بۈگۈن يەنى 26-فېۋرال كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى خادىملىرىدىن مارۋىن كۇمېتات بۈگۈنكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قېلىۋاتقان بىر ئەھۋالدا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن بۈگۈنكى يىغىندا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇشلار ھەققىدە نۇقتىلىق مۇزاكىرىلەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىلى چېن چۇەنگو مىڭلىغان كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى ھازىر بىر چوڭ ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى» دەپ كۆرسەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن تەكلىپلىك مېھمانلار نۆۋەت بىلەن سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بىخەتەرلىك نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىدىكى ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى ۋە دۇنيانىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى قاراپ چىقتى.

ئالدى بىلەن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس سۆز ئېلىپ ھازىرقى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە تۈرلۈك قاباھەتلىك خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ جايدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھازىر بىرەر ئىشەنچلىك مەنبە يوق بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئەۋەتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق ھەممىلا نەرسىنى مەنئى قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر باھانە ئىكەنلىكىنى، دەل خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىشنى تاللىۋالغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ كۆچۈشىدە ھېچقانداق تېررورلۇققا قاتنىشىش خاھىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان يازغۇچى ۋە تەنقىدچى چېن پوكوڭ ئەپەندى سۆز ئېلىپ، «چېن چۇەنگو بەرپا قىلغان ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» تېمىسىدا توختالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىن باشلانغان «تىغلىق ئەسۋابلار كونتروللۇقى» نىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتايغا كېڭەيگەنلىكىنى، كوچىلارغا كامېرا ئورنىتىپ پۇقرالارنى نازارەت قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن ھازىر پۈتكۈل خىتايغا ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۈز مىڭلاپ كىشى سولانغان «سىياسىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مەركەزلەرنى خىتايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنى» ياكى «ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشىتىش مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى.

ئۇ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە»گە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈرمىدە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا قوغداش ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىلگەن تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ خاراب قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردىكى مەنئى قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، «تىلنىڭ ھالاكىتى دېمەك مەدەنىيەتنىڭ ھالاكىتىدۇر. بۇ يوسۇندا مەدەنىيەتنى ھالاك قىلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس!» دەپ خۇلاسىلىدى.

بۈگۈنكى يىغىننى تەشكىللەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ خىلدىكى يىغىننىڭ بەكمۇ زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى يىغىندا تەكلىپلىك سۆز قىلغۇچىلاردىن يەنە نيو يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى زىيارەتچى ئالىم ۋە تونۇلغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى تېڭ بياۋ، ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خادىمى تىنا ماففورد، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى نىكول مورگېرت قاتارلىقلارمۇ نۆۋەت بويىچە سۆز ئېلىپ، يىغىن تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۈگۈنكى ئىككى سائەت داۋام قىلغان يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى.