ئەركىنلىك سارىيىدا دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكى مۇزاكىرە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەركىنلىك سارىيىدا دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ھەمدە بۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بويىچە بىر قېتىملىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى. مۇزاكىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرى ساھەسىدىكى مەخسۇس مەلۇماتچىسى ئەھمەد شاھىد ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى ھەققىدە توختالدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇۋاتقان دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى ھەرقاچان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ب د ت قارمىقىدىكى دىنىي ئىشلار كومىتېتى بولسا مۇشۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئەركىنلىك سارىيى بىلەن كۆپ جەھەتلەردە خىزمەت ئورتاقلىقىغا ئېگە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان خەلقلەر دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك چەكلىمىلەر، نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ئەڭ زور توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇ جەھەتتىكى رېئال مەسىلىلەر ھەققىدە جامائەتكە چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە 3-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئەركىنلىك سارىيىدا ب د ت نىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرى ساھەسىدىكى باش مەلۇماتچىسى ئەھمەد شاھىد تەكلىپ بويىچە لېكسىيە بەردى.

مۇزاكىرە رىياسەتچىسى روبېرت خېرمان ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بىلەن دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاياق ‏-ئاستى بولۇشى ھەرقاچان بىر گەۋدىلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، دىن ۋە دىنىي كىملىك ھازىرقى زامان دۇنيا سىياسىتىدە بارغانسېرى كۈچلۈك بىر ئامىلغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەمىشە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ يادروسى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ ھال نۆۋەتتە يالغۇز ئوتتۇرا شەرق رايونىدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم رايونلاردىكى دىنىي جامائەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان، خىلاپلىق قىلغۇچىلار تۈرلۈك قاماق جازالىرىغا مۇپتىلا بولماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھازىر دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

مۇزاكىرىگە قاتناشقۇچىلاردىن بىرى، ب د ت نىڭ غەيرىي رەسمىي «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايكىل دىدورا سۆز ئېلىپ، ب د ت قارمىقىدىكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە بۈگۈنكى مېھمانلاردىن ئەھمەد شاھىدنى لېكسىيەگە تەكلىپ قىلدى.

ئەھمەد شاھىد سۆز ئېلىپ، ب د ت قارمىقىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئوخشاش بولمىغان پۇقراۋىي جەمئىيەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ ھال يالغۇز مۇستەبىت ئەللەردىلا ئەمەس، يەنە ئۆزلىرىنى دېموكراتىك ھېسابلايدىغان غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ب د ت نىڭ مەزكۇر خىزمەت كومىتېتى بۇ ھەقتە ھەرقايسى جايلاردىكى دەپسەندىچىلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەمدە بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە ب د ت غا يىللىق دوكلات تەييارلاشقا مەسئۇل ئىكەن. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ ھەقتە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى سۇنىدىكەن.

يىغىن ئارىلىقىدا، بىز ئۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىلەن قايسى دەرىجىدە سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭدىكى زىددىيەتلىك ئەھۋاللار توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارادا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىنسانىيەتنىڭ تۈپلۈك ھوقۇقلىرىدىن بىرى، دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇنلار ئارقىلىق بۇ ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئوخشىمىغان ئىنسانلار توپى ئىرقىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى بويىچە مۇقەددەس بىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادلارنى باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. دەرۋەقە ھازىر بەزى جايلاردا دىنىي لىباسلارنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقان بولسا، يەنە بەزى جايلاردا ساقال، بۇرقا قاتارلىق ئىسلامى يوسۇنلارغا مەنسۇپ ئامىللار مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنى شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى مەيلى قانداق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئاقلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى نىزاملىرىنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى، دىنىي ئاممىنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىشى تولىمۇ زۆرۈر.»

يىغىن مۇزاكىرىسىدىكى يەنە بىر ئالاھىدە مېھمان مايكىل دىدورا خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپ ھالدا يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ئارزۇ قىلىۋاتقان «ئىناق جەمئىيەت» ھەمدە «مۇقىملىق» ۋەزىيىتىنى ۋەيران قىلغۇچى ئامىل دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا كۆپلىگەن دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بەزى ساھەلەردە بۇنى زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولدى. بۇ ئەھۋال باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، مەسىلەن، مۇسۇلمانچە كىيىنىش، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىشى بىر قىسىم كىشىلەرنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بۇنى باھانە قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى مەنئى قىلىشى خۇسۇسىيلارنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىققا باراۋەر. ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ خىلدىكى دۆلەت مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد بىلەن چېتىشلىق مەزمۇنلارنى مەنئى قىلىشى ئېنىقكى، سانسىزلىغان غۇبارسىز قەلبلەرنى يارا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆزلىگەن «مۇقىملىق» ئۇلاردىن تېخىمۇ ئۇزاقلاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ «مۇقىمسىز» ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى راستىنىلا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يىلتىزىدىن قۇرۇتماقچى بولسا، ئۇ ھالدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىشى، سۆز ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىشى لازىم. چۈنكى پۇقراۋى جەمئىيەتتە تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان مىللىي تەركىبلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا يول قويۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىق، دەپ قاراش ياكى ئىسلامنى تېررورلۇقنى ئۆلچەشتىكى ۋاسىتە قىلىۋېلىشتىن كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى لازىم.»

بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئارىسىدا بىز 2003-يىلىدىن 2006 -يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تىمور جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى بولۇپ ئىشلىگەن دىپلومات گروۋېر رېس (Grover Joseph Rees) ئەپەندىنى ئۇچراتتۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان رېس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامنامىسى» نىڭ خەلقئارادىكى ھېچقانداق بىر ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كىشىلەرگە ساقال قويسا بولامدۇ-يوق، رومال ئارتسا بولامدۇ ‏-بولمامدۇ، دېگەنلەرنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىشى. بىزدىن سورىسىڭىز، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلەپ بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. دەرۋەقە مۇشۇنداقراق ئىشلارنى قىلىۋاتقان باشقا ھۆكۈمەتلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا. ئەمما مېنىڭچە، بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ‹سىلەر ئۇيغۇرلۇق ھالىتىڭلار بىلەن ئۆز دۆلىتىڭلاردا قارشى ئېلىنمايسىلەر!› دەۋاتىدۇ.»

يىغىن ئاخىرىدا كۆپچىلىك دىنىي ئېتىقادقا ئائىت مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرىگە كەلگەن مېھمانلاردىن سوئاللار سورىدى. يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئاخبارات ساھەسىدىن كەلگەنلەر ھەمدە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.